خىتاينىڭ تارىم دەرياسى سۇ سىستېمىسىغا ھەسسىلەپ مەبلەغ سېلىشتا سوقۇۋاتقان چوتلىرى نېمە؟
2024.05.09
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تارىم دەرياسىنى گۈللەندۈرۈش» پىلان قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، بۇ رايوننىڭ سۇ مەنبەسى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە زور مىقداردا مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندا خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2024-يىلى تارىم دەرياسى ھاۋزىسىدىكى «تۆت تارماق مەنبە ۋە بىر ئاساسلىق ئېقىن» دا قۇرۇلۇۋاتقان چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ تېجەش توسمىلىرىغا سېلىنىدىغان مەبلەغنى 1 مىليارد 750 مىليون يۈەن، يەنى تەخمىنەن 240 مىليون دوللارغا يەتكۈزۈشنى پىلانلانماقتىكەن.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ يېقىندا تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن تارىم دەرياسى ھاۋزىسىدىكى «تۆت تارماق مەنبە ۋە بىر ئاساسلىق ئېقىن» ، يەنى خوتەن دەرياسى، يەركەن دەرياسى، ئاقسۇ دەرياسى، قايدۇ دەرياسى ۋە تارىم دەرياسىنىڭ ئاساسلىق ئېقىنىغا تولغان لاي-پاتقاقلارنىڭ يوشۇرۇن خەۋپى ئاساسىي جەھەتتىن كونترول قىلىنىپ، بىخەتەرلىك دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدىكەن.
ھالبۇكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-70-يىللىرىدىن بۇيان بىڭتۈەن ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ھەرقايسى دىۋىزىيەلەر بوز يەر ئېچىش شوئارى بىلەن ئۇيغۇرلار «ئانا دەريا» دەپ قارايدىغان تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلغانلىقى مەلۇمدۇر. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە تارىم دەرياسىنى مەركەز قىلغان سۇ سىستېمىسىغا نېمە ئۈچۈن بۇنچە كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىشى ۋە بۇنىڭ ئارقىسىغا نېمە چوتلارنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى ئۇيغۇر دىيارىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.
ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچىسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بۇ تۈردىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، شۇنداقلا ئۇنىڭغا زور مەبلەغ ئاجرىتىشىنىڭ ماھىيەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر يۈرۈش ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي غەرەزلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى:
«1953-يىلى تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغاندا، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاساسلىق يەرلىك مىللەت ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %75 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيتتى. ھالبۇكى، 2020-يىلىدىكى 7-قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈشتە، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس سانى رايون ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ئاران 40 پىرسەنتتىن كۆپرەك نىسبەتكە چۈشۈپ قالغان. بۇ ئەسلىدىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى ئىگىلىگەن ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ھازىر رايون نوپۇسىنىڭ ئاران يېرىمىغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەككى، ئوتتۇرىدا بىر چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. يەنى بۇنىڭ سەۋەبى، نۇرغۇن خىتايلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كۆچۈپ باردى. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمىتىدە ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقى بولمىغانلىقى، يەنە كېلىپ كۆچمەنلەرنى كونترول قىلىش ھوقۇقى بولمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئېنىق كۆرۈشكە بولىدۇكى، خىتاي كومپارتىيەسى يىللاردىن بۇيان رايوننىڭ سۇ قۇرۇلۇشى قاتارلىق بۇ خىلدىكى تۈرلۈك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئولتۇراق رايونلارنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، خىتاي كۆچمەنلەرنى كۆچۈرۈپ كېلىپ رايوننى خىتايلاشتۇردى. مېنىڭچە رايوندىكى خىتايلاشتۇرۇلۇشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، كەلگۈسىدە خىتاي كۆچمەنلەر تېخىمۇ كۆپلەپ كېلىشى مۇمكىن. »
دەرۋەقە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆزىنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىگە تېخىمۇ كۆپلىگەن خىتاي كۆچمەنلەرنى كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
تۈركىيەدىكى نوپۇس تەتقىقاتچىسى دىلشاد بارىشچى ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، قەدەممۇ قەدەم رايوننىڭ نوپۇس (دېمۇكىرافىك) قۇرۇلما تۈزۈلۈشىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتتى. ئۇ، خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىيىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدىكى مەۋجۇت بولغان نورمال مەدەنىيەت مۇھىتىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنىپ، ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن خىتاي كۆچمەنلەرنى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەشتەك بۇ ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى سۇسلاشتۇرۇش، ھەتتا ئۇلارنى يوقىتىش قەدىمىنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يىللاردىن بېرى ئاتالمىش «تارىم دەرياسىنى گۈللەندۈرۈش» پىلانى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سۇ مەنبەلىرى ۋە بوز يەر ئېچىشقا ئوخشاش تۈرلەرگە زور كۈچ بىلەن مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ماھىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ يوقىتىشتەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ھېسابلىنىدىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانىدۇر. مەلۇمكى، ھازىر رايوندىكى خىتاي كۆچمەن نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى شىددەت بىلەن ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. يەنى بۇ نەچچە ئون يىلدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. بۇندىن كېيىن بۇ خىل ئۆزگىرىش تېخىمۇ تېز بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. مېنىڭچە، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا نوپۇس يۆتكەش تارىخىدىكى ئەڭ تېز سۈرئەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسى ھازىر ئۇيغۇر رايونىنى خىتايلاشتۇرۇشقا بار كۈچى بىلەن ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۇمۇ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە ئېرىتىپ تۈگىتىش ئۇسۇلىدۇر. ناھايىتى روشەنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدىكى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدىكى مۇھىم بىر نۇقتىدۇر.»
شۈبھىسىزكى، تارىم دەرياسىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش ۋە قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ جىددىي تۈردە كېڭەيتىلىشى، كۆزەتكۈچىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسىدە زور مىقداردىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەخمىنلەرنى كۈچەيتمەكتە.
ئىلگىرى ياپونىيەدە تەبىئىي جۇغراپىيە كەسپىي بويىچە ئوقۇغان، ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان دوكتور مۇختەر چوڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەبىئىي مۇھىت شارائىتىدىن قارىغاندا، نۇرغۇن جايلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى شەرھلەپ كۆرسەتتى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتىكى زور كۆلەملىك سۇ قۇرۇلۇشى، بوز يەر ئېچىش ۋە نوپۇس كۆپىيىشى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا ئاپەت خاراكتېرلىك ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كۆچمەنلەرنى ئۇيغۇر ئېلىغا جىددىي رەۋىشتە جەلپ قىلىشى ۋە رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشى، ماھىيەتتە رايوندىكى خىتاي بولمىغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ خىتايلاشتۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، شۇنىڭدەك ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كۈچەيتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن.