تارىم ۋادىسىدىن نيۇ-يوركتىكى تارىم تائاملىرىغىچە
2023.10.25
يېقىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىلەن يالې (Yale) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورتاق ساھىبخانىلىقى ۋە ھەمكارلىقىدا، دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرى بولغان يالې ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېمىسىغا بېغىشلانغان مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى پائالىيىتى بولۇپ ئۆتتى.
بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە پائالىيىتىدە يىغىن تېمىسىدىن باشقا يەنە، يىغىن پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خېنرىي ليۇس (Henry R. Luce) زالىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب بىلەن بېزىلىشى يىغىن مەيدانىنىڭ ئالاھىدە بىر جەلپكار نۇقتىسىغا ئايلانغان. بولۇپمۇ، پائالىيەت زالىنىڭ تاملىرىغا ئېسىلغان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر، شۇنىڭدەك تەرتىپ بىلەن ئېسىلغان لاگېرغا ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ سۈرەتلىرى يىغىن مەيدانىغا قەدەم باسقۇچىلارنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نۇقتىلار ئىدى. شۇ قاتاردا، پائالىيەت زالىدىكى ئۈستەللەرگە قويۇلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر سەنئىتىگە دائىر تۈرلۈك ماددىي بۇيۇملار، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ۋە تۇرمۇشنىڭ ئوبرازلىق نامايەندىسى بولغان كىيىم-كېچەكلەر ۋە ھۆسنخەتلەر شەك-شۈبھىسىزكى، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى جانلىق ھالدا نامايان قىلىپ بېرەتتى.
ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر تائاملىرى بۇ پائالىيەتتىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سەلتەنەتىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر كۆزنەك ئىدى. بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغۇچى يىغىن ئەھلىگە مەخسۇس ھازىرلانغان ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە ئۇيغۇر تاتلىق تۈرۈملىرى ئۇيغۇر تارىخىي ۋە مەدەنىيىتىنىڭ يەنە بىر جۇلاسى سۈپىتىدە پائالىيەت كەيپىياتىغا ئۆزگىچە تۈس قوشقانىدى. ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ شاھى دەپ بىلىنىدىغان پولۇ ۋە ئەڭ ئەزىز مېھمانلىرى ئۈچۈن داستىخانغا سۇنۇلىدىغان سامسا، قورداق قاتارلىق بۇ مەززىلىك، لەززەتلىك ئۇيغۇر تائاملىرىنى نيۇ-يورك شەھىرىدىكى «تارىم تېز تاماقخانىسى» ھازىرلىغان ئىكەن. مانا بۇ يەردە ئىسمى-جىسمىغا خاس تارىم يېمەك مەدەنىيىتى نامايان قىلىنغانىدى.
بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىشتىراك قىلغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي مەركىزىنىڭ تېببىي تەتقىقاتچىسى مەمەت ئىمىن ئەپەندى، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېمىسى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئورۇن ئېلىشىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئۆز پىكرىنى ئورتاقلاشتى.
قاينام-تاشقىنلىق ھاياتىي كۈچكە ئىگە ۋە دۇنيانىڭ ئەڭ مەركىزىي شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان نيۇ-يورك شەھىرىدە ئۇيغۇر ئوغلانلىرى تەرىپىدىن ئېچىلغان «تارىم تېز تاماقخانىسى» تىجارەت قىلىۋاتقان 5 يىلدىن بۇيان، بۇ شەھەرنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپ ۋە يېمەك-ئىچمەككە بولغان ئېھتىياجىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدەك ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ تىجارىتىنى ئوڭۇشلۇق داۋام قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار بىرقانچە يىلدىن بۇيانقى تىجارەت داۋامىدا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن نيۇ-يورك شەھىرىگە كەلگەن ۋە باسقان قەدەملىرى بۇ يەرلەرگە يېتىپ يوللىرى «تارىم تېز تاماقخانىسى» بىلەن كېسىشكەن خېرىدارلىرىغا بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تائاملىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرىدىغان بىر كۆزنەك بولۇپ كەلگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىنىڭ د ت نىڭ باش ئىش باشقۇرۇش ئورنى ئالدىدا ئېلىپ بارغان نامايىشلىرى ۋە ياكى باشقا يىغىن-پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ياردىمىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
«تارىم تېز تاماقخانىسى» نىڭ شېرىك خوجايىنلىرىدىن بىرى بولغان ئەركىن تۇنىياز ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان شەھەر-رايونلىرىدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاچقان ئۇيغۇر ئاشخانا ۋە رېستورانلىرى يوقتىن بارلىققا كېلىپ سانى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. ئۇيغۇر رېستورانلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئېچىلىۋاتماقتا. بۇ ۋەجىدىن ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ دۇردانىلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر تائاملىرى ئۆزىنىڭ تۈرىنىڭ كۆپلۈكى، سەرخىللىقى شۇنداقلا، ئۆزىگە خاس لەززىتى ۋە قۇۋۋىتى بىلەن ھەر خىل مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدىمۇ بارغانسېرى ئالقىشقا ئېرىشمەكتە.
ئەركىن تۇنىياز ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ «تارىم تېز تاماقخانىسى» دا شېرىكلىرى بىلەن بىرلىكتە تىجارەت قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاشپەزلىك تەجرىبىلىرىگە ۋە ئامېرىكاغا كەلگەندىن كېيىنكى تۇرمۇش، خىزمەت تەجرىبىسى ئاساسىدا خېرىدارلارنىڭ تەلىپى ۋە ئىستېمال ئېھتىياجىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە دىققەت قىلماقتا ئىكەن. ئۇلار نيۇ-يورك شەھىرىنىڭ كۆپ خىل ئېتنىك مەدەنىيەتلىك ۋە تېز تۇرمۇش رېتىمىغا ماسلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ كەلگەچكە، تېز تاماق ئاشخانىسىدىكى ئۇيغۇر تائاملىرى خېرىدارلارنىڭ بەكمۇ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولۇپ كەلمەكتىكەن.
ئەركىن تۇنىياز ئەپەندى زىيارەت جەريانىدا، ئۆزىنىڭ ئەسلىدە ئۈرۈمچىدە ئاشپەزلىك مەكتىپىدە كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلىنىپ چىققانلىقىنى، ھەتتا ئۈرۈمچى ۋە ئاقسۇ شەھەرلىرىدە ئىلگىرى ئاشخانا ئاچقانلىقى ھەققىدىمۇ توختالدى.
ئەركىن تۇنىياز ئەپەندى ئاخىرىدا، بۇندىن يېرىم يىل ئىلگىرى «تارىم ئاشخانىسى» نىڭ تىجارىي ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا ھازىرقى «تارىم تېز تاماقخانىسى» غا ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، «تارىم رېستورانى» ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ رېستوراندا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تائاملىرىدىن بىرى بولغان تونۇر كاۋىپى خېرىدارلار ئۈچۈن ھەپتىدە ئىككى قېتىم سۇنۇلىدىغان بولۇپ، ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن.
دەرۋەقە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقان بۇ پەۋقۇلئاددە مەزگىللەردە، ئۇيغۇر يېمەك-تائاملىرى ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ساھەسى بويىچە ئۇيغۇر تائاملىرى ئارقىلىق ئۆز رايونىدىكى باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرگە ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى قىزىقتۇرىدىغان ۋە ئۇنى جانلىق نامايان قىلىدىغان بىر مەدەنىيەت ئەلچىسى بولماقتا. بۇ، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، چەت ئەللەردىكى ئاۋام خەلقنىڭ ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشىگە ۋە ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىشىدا تۈرتكىلىك مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.