«تارىخى ھەمىدى» دىكى دەۋر تەسۋىرى ۋە تارىخنىڭ كۆز يېشى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2023.11.20
Tarihi-Hemidi-tash-waraq.jpg تارىخچى موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخىي ھەمىدىي» ناملىق ئەسىرىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تولۇقلانغان نۇسخىسى.
RFA/Erkin Tarim

ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخىي باسقۇچلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشلەردە ئەڭ چوڭ توسالغۇلارنىڭ بىرى بۇ رايون ھەققىدىكى يازما تارىخنىڭ كەملىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ قەدىمىي «يىپەك يولى» نىڭ تەدرىجىي خارابلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەسىرلەر ھالقىغان مەھكۇملۇققا گىرىپتار بولغان تارىم ۋادىسىدا بۇ ھال تېخىمۇ گەۋدىلىك بولغان. تىنچىماس ئۇرۇش ئوتلىرى، داۋالغۇپ تۇرغان سىياسىي ۋەزىيەت ۋە تەدرىجىي ئومۇملىشىۋاتقان جاھالەت تۇمانلىرى تارىخىي ئەسەرلەرنىڭ يېزىلىشى ۋە ساقلىنىشىدىكى ئىمكانىيەتلەرنى زور دەرىجىدە چەكلەپ قويغان. شۇ سەۋەبتىن مۇشۇ خىل رېئاللىق 1908-يىلى يېزىلغان «تارىخى ھەمىدى» نىڭ تارىخىي قىممىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ، دېسەك خاتالاشمايمىز.

دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن «تارىخى ھەمىدى» ئىزچىل ئىلىم ساھەسىنىڭ زور دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەن. 1986-يىلى مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئەنۋەر بايتۇر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تەييارلىغان نۇسخىسى «مىللەتلەر نەشرىياتى» دا نەشر قىلىنغان بولسا، 2019-يىلى ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانى ئىشلىگەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تولۇقلانغان نۇسخىسى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان. خىتاي ئالىملىرىمۇ چامىسىنىڭ يېتىشىچە بۇ ئەسەرنى خىتايچىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان. 2023-يىلى بولسا بۇ ئەسەرنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا نەشر قىلىنىپ، ئىلىم ساھەسىدىكى بىر بوشلۇق تولدۇرۇلدى. 16-ئۆكتەبىر كۈنى مەزكۇر ئىنگلىزچە نۇسخىنىڭ تەرجىمانى، جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئېرىك شلۇسېل (Eric Schluessel) بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن كىتاب تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

 «تارىخى ھەمىدى» نى تونۇشتۇرۇشتىن ئاۋۋال ئېرىك شلۇسېل نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر دىيارى ياكى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتىلىۋاتقان رايوننىڭ ئۆزىدىن ياڭرىغان «ئۇيغۇر ساداسى» نىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. شۇ قاتاردا ئۇيغۇر دىيارىغا مەنسۇپ «سادا» لار ئارقىلىق تاشقى دۇنيانىڭ بۇ جايدا نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى، چۈنكى ئەينى ۋاقىتتىكى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمران بولۇۋاتقان بىر رايوندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان سايرامىنىڭ «ساداسى» ھەممىدىنمۇ بەكرەك ھەقىقەتكە يېقىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

موللا مۇسا سايرامى يازغان «تارىخى ھەمىدى» نىڭ ئىككى خىل ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ۋە ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ مۇقاۋىسى
موللا مۇسا سايرامى يازغان «تارىخى ھەمىدى» نىڭ ئىككى خىل ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ۋە ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ مۇقاۋىسى

 «تارىخى ھەمىدى» نىڭ ئاپتورى 1836-يىلى باي ناھىيەسىنىڭ سايرام يېزىسىدا مەرىپەتلىك دىنىي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ تولۇق ئىسمى «موللا مۇسا ئىبىن موللا ئەيسا خوجا سايرامى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. موللا مۇسا سايرامى بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرلىرىدە ئىجتىھات بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئەرەب ۋە پارس تىللىرى، تارىخ، ئەدەبىيات، پەلسەپە، ئىسلام دىنى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۆز زامانىسىنىڭ ئەڭ بىلىملىك ئالىملىرىدىن بولۇپ يېتىشكەن ھەمدە كېيىنچە ئۆز يۇرتىدىكى مەدرىسەدە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستاز بولغان. ئاپتورنىڭ قىرانلىق دەۋرىدە، يەنى 1864-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا چىڭ ئىمپېرىيەسىگە قارشى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى ئوتتۇرىغا چىققاندا موللا مۇسا سايرامى بۇنىڭغا ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلغان. «ئالتە شەھەر» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ رايوننىڭ ھەممىلا شەھەرلىرىدە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولغان خانلىقلار قۇرۇلغاندىن كېيىن ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي قوقەندلىك ھەربىي قوماندان ياقۇب بەگ، يەنى ئاتالىق غازى بۇ جايغا يېتىپ كەلگەن. ئاپتور «ھەربىي ۋە سىياسەت بابىدا كامالەتكە يەتكەن» دەپ تەسۋىرلىگەن ياقۇب بەگ تېزدىن بۇ خانلىقلارنى بىر-بىرلەپ ئۆز كونتروللۇقىغا ئېلىپ، بىرلىككە كەلگەن ھاكىمىيەت سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىققان. كېيىنكى تەتقىقاتچىلار «يەتتە شەھەر دۆلىتى» دەپ ئاتىغان بۇ دۆلەتتە سايرامى تېزلا ئۇنىڭ مۇھىم مالىيە خىزمەتچىلىرىدىن بولۇپ قالغان.

سايرامىنىڭ مەزكۇر ئەسىرىگە ئومۇمىي جەھەتتىن نەزەر سالغاندا، «ئالتە شەھەر» ياكى «يەتتە شەھەر» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان جۇغراپىيەلىك دائىرىنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ تاكى موڭغۇل ئىستىلاسى ھەمدە 1750-يىللاردىكى مانجۇ-خىتاي ئىستىلاسى، شۇنداقلا 1864-يىلى مۇھەممەد ياقۇب بەگنىڭ قوشۇن باشلاپ قوقەندىن كېلىشىگە قەدەر بولغان تارىخ ئارقا كۆرۈنۈش شەكلىدە بايان قىلىپ بېرىلگەن. ئاندىن خوتەن، قەشقەر، كۇچا قاتارلىق جايلاردىكى خەلق قوزغىلاڭلىرىنىڭ زورىيىشى ھەمدە «يەتتە شەھەر دۆلىتى» نىڭ قانداق دەۋران سۈرگەنلىكى تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ ھەرقايسى يەرلىك خانلىقلارنىڭ بىر-بىرلەپ يوقىتىلىپ، بىرلىككە كەلگەن ياقۇب بەگ دەۋرىنىڭ قانداق يارىتىلغانلىقى، 13 يىللىق مۇستەقىل پادىشاھلىق دەۋرىدە بولۇپ ئۆتكەن تارىخىي ۋەقەلەر تولىمۇ يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيەدە ۋە گۈزەل تىل ئۇسلۇبىدا بايان قىلىنىدۇ.

سايرامىنىڭ بايان قىلىشىچە، يېڭىدىن قۇرۇلغان ۋە تولۇق مۇستەقىل خاراكتېردە ئىش يۈرگۈزۈۋاتقان «يەتتە شەھەر دۆلىتى» نىڭ مالىيە سەرپىياتىنى قامداش ۋە شەرقتىكى چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ تاجاۋۇزىغا تەييارلىنىش ئۈچۈن ياقۇب بەگ ھاكىمىيىتى جىددىي مالىيە كىرىزىسىگە دۇچ كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى جايلاردىن توپلىنىدىغان باج-سېلىقنىڭ مىقدارى يىلسېرى ئېشىپ ماڭغان. دەل مۇشۇ ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان سايرامى يەرلىك خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ خىل باج-سېلىقلاردىن بىزار بولغانلىقىنى، ئاۋام خەلقنىڭ «ئىسلام ئېچىش» نامىدىكى غازات ئۇرۇشلىرىدىن ئاغرىنىپ «ئىسلامنىڭ ئېچىلىشى بەك ئۇزۇن يىللارغا سوزۇلۇپ كەتتى» دېگەنلىكىنى، «خىتايلار قايتىپ كېلىپ بىزگە ھۆكۈمران بولسا ياخشىراق بولارىدى» دېگەن مەنىدە «تېرىلغۇ يېرىمگە خىتاي تېرىۋاتىمەن» دەپ تەنە قىلىشقانلىقىنى مىسال قىلىپ خاتىرىلەيدۇ.

1877-يىلى مانجۇ ئىمپېرىيەسى ياقۇب بەگ ھاكىمىيىتىنى مەغلۇپ قىلىپ، 13 يىل مەۋجۇت بولغان «يەتتە شەھەر دۆلىتى» نى ھالاك قىلغان. ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا كۆپ ئۇچرايدىغان «قانلار دەريا بولۇپ ئاققان» دېگەن تەسۋىرلەر ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا يەنە بىر قېتىم نامايان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا «ئالتە شەھەر» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ رايوندىكى مىڭلىغان ئونمىڭلىغان كىشىنىڭ كاللىسى ئېلىنغان. سايرامىمۇ يۇرتىغا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. شۇ قېتىملىق بويسۇندۇرۇشتىن كېيىن چىڭ ئىمپېرىيەسى بۇ رايوننى رەسمىي ھالدا «شىنجاڭ» دەپ ئاتىغان ھەمدە بۇ جايدا «شىنجاڭ ئۆلكىسى» نى تەسىس قىلغان. شۇنداقلا بۇ رايوننى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن «ئاقارتىش» نامىدا كوڭزى ئەقىدىسى، خىتايچە مەدەنىيەت، خىتايچە تىل ۋە خىتايچە تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرىنى ئالغان. شۇ ئىشلاردىن ئالاھىزەل 40 يىل ئۆتكەندە دوستلىرىنىڭ قايتا-قايتا دەۋەت قىلىشى بىلەن موللا مۇسا سايرامى ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن ۋە ياشىغان دەۋرنىڭ ئومۇمىي تەسۋىرىنى تولىمۇ يۇقىرى پاساھەت بىلەن يېزىپ چىققان. دەسلەپ «تارىخى ئەمىنىيە» نامىدا يېزىلغان بۇ ئەسەر 1905-يىلى قازان شەھىرىدە بېسىپ چىقىرىلغاندىن كېيىن ئاپتور بىر قېتىم بۇ نۇسخىنى ئۈزۈل-كېسىل تولۇقلاپ ۋە ۋە تۈزىتىپ چىققان. شۇنداقلا بۇ ئەسەرنى شۇ زاماندىكى ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ سۇلتانى بولغان ئىككىنچى ئابدۇلھەمىد (1842-1918) سۇلتانغا ئارمىغان قىلىپ، «تارىخى ھەمىدى» دەپ يېڭى نام قويغان.

مەزكۇر ئەسەرنى يېزىش جەريانىدا مۇللا مۇسا سايرامى ئۆزىنىڭ «تارىخى رەشىدى» ناملىق يەنە بىر ئۆلمەس ئەسەرنىڭ ئاپتورى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگانى (1499-1551) غا ئوخشاشلا «ياخشى تارىخچى ياخشى ۋە يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى خاتىرىلىشى كېرەك» دەيدىغان ئەقەللىي پىرىنسىپقا ئەگىشىدىغان ئادىل ۋە ھەققانىي تارىخچى ئىكەنلىكىنى جانلىق ئىسپاتلاپ بەرگەن. جۈملىدىن ياقۇب بەگنىڭ ئادالەت ۋە سىياسەت ساھەسىدىكى قەيسەرلىكى، شۇنىڭدەك قاتتىق قول تەبىئىتىنى ياقۇب بەگ ھەققىدىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي بايانلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىش ئارقىلىق نامايان قىلىپ بېرىدۇ. شۇ قاتاردا ياقۇب بەگنى تەنقىدلەپ «ئالتە يۈز خوتۇننى ئۆز ھەرىمىدە ساقلاش ئىسلامنىڭ قايسى شەرىئىتىگە توغرا كېلىدىكىن؟ » دەپ سوئال قويىدۇ. شۇنىڭدەك ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، مىسلىسىز قەھرىمانلىقنى جارى قىلدۇرۇپ « ‹ئاق تاغلىق› ۋە ‹قارا تاغلىق› خوجىلار بىر-بىرىگە دۈشمەن بولۇپ بۇ يۇرتنى پارچىلاپ، خىتايلارغا بېقىندى قىلىپ بېرىپتۇ» دەيدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىسلامىي دەلىللەرنى تولۇقى بىلەن كەلتۈرۈش ئارقىلىق «ئەسھابۇل كەھىفنىڭ تۇرپاندا ئىكەنلىكى» نى كەسكىن ئىنكار قىلىدۇ ھەمدە يۇرت ئاتلاپ بۇ جايغا تاۋاپقا كېلىشنى بىدئەتچىلىك، دەپ كۆرسىتىدۇ. دەرۋەقە بۇلار يۈز يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھېچكىم ئاشكارا ئېغىزىدىن چىقىرالمايدىغان سۆزلەر ئىكەنلىكى مەلۇم.

ئەمما ھازىرغا قەدەر ئىلىم تەتقىقاتىدا سايرامىنىڭ ئەسىرىدىن ئەڭ تولۇق پايدىلانغان كىشىلەرنىڭ بىرى بەلكىم كورېيەدىكى سېئول دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پىروفېسسورى، خەلقئاراغا تونۇلغان تارىخشۇناس كىم خودوڭ (Kim Ho-dong) بولسا كېرەك. ئۇنىڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى ئاساسىدا 2004-يىلى نەشر قىلىنغان ۋەكىللىك ئەسىرىگە 1825-يىلى غۇلجا شەھرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان شائىر بىلال نازىمىنىڭ «غازات دەر مۈلكى چىن» ناملىق ئەسىرىدىن ئىلھام ئېلىپ «خىتايدىكى غازات ئۇرۇشى: خىتاي ئوتتۇرا ئاسىياسىدىكى مۇسۇلمانلار قوزغىلىڭى ۋە ھاكىمىيىتى، 1864-1877» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بولسىمۇ، ئەسەرنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيال مەنبەسى موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخى ھەمىدى» ناملىق ئەسىرى بولغان. كىم خودوڭ ئۆز ئەسىرىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ «ئېتىراپ قىلىشىمىز لازىمكى، موللا مۇسا سايرامى ئوتتۇرا ئاسىيادىن يېتىشىپ چىققان ئەڭ ئۇلۇغ تارىخشۇناسلارنىڭ بىرىدۇر» دەپ كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەقتە سورالغاندا ئېرىك شلۇسېلمۇ ئۆزىنىڭ بۇ قاراشقا تولۇق قوشۇلىدىغانلىقىنى ئىپتىخارلىق ئىچىدە تىلغا ئالىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.