شەھەرگە كۆچۈرۈلگەن دەريا بويىلىقلار ۋە ئانا دەريا ۋادىسىدىكى «ساياھەت مەركىزى»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2023.11.16
دەريابويىلىقلار ئايرىم بىر مىللەتمۇ؟ كېرىيە ناھىيە بوستانلىقىنىڭ شىمالىدىكى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان دەريابويى يېزىسى موماي.
Photo: RFA

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيەسىگە تەۋە بولغان دەريا بويى يېزا ئاھالىسىنىڭ 2019-يىلى كېرىيە ناھىيەسىدىن 240 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئەسلى ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈلۈپ، ناھىيە بازىرىغا 100 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يېزىدا ياشايدىغان، 361 تۈتۈن، 1400 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى نېمە مەقسەتتە ئۆز يۇرتلىرىدىن كۆچۈرگەنلىكى ۋە دەريا بويى يېزىسىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتقانلىقى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقان خەلقئارا تاراتقۇلاردا دىققەت قوزغاپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئەينى چاغدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىدا دەريا بويى يېزا ئاھالىسىنىڭ كۆچۈرۈلۈش سەۋەبى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلىپ، تەكلىماكان چۆللۈكىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى توغراقلىققا جايلاشقان دەريا بويى يېزىسىنىڭ ناھىيە مەركىزىدىن يىراق، قاتناش قۇلايسىز بولغىنى ئۈچۈن ئىپتىدائىي چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدا 1000 يىللارچە ياشاپ كەلگەن يېزا ئاھالىسىنىڭ ناھىيە بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن دېھقانلارنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن ئەسلىدىكى يۇرتلىرىدىن كۆچۈرۈلگەنلىكى تەكىتلەنگەن. شۇندىن بۇيانقى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا يېڭى ماكانغا كۆچۈرۈلگەن دەريا بويى يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاتالمىش زامانىۋى يېزىدا مەدەنىي ھايات ۋە بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشكەنلىكى مەدھىيەلىنىدىغان خەۋەرلەرمۇ بارغانچە كۆپەيگەن.

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا سوزۇلغان كېرىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى گۈزەل توغراقلىققا جايلاشقان بۇ قەدىمىي ماكاننىڭ نۆۋەتتە كېرىيە ناھىيەسىدىكى مۇھىم ساياھەت نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» دا 11-ئاينىڭ 5-كۈنى بېرىلگەن «دەريا بويى-چوڭ قۇملۇق ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇلدى» سەرلەۋھىلىك تەپسىلىي خەۋەردە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان قەدىمىي يۇرت دەريا بويى يېزىسىنىڭ كېرىيەدىكى مۇھىم ساياھەت ئورنىغا ئايلىنىپ، يۇقىرى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتقانلىقى مەدھىيەلەنگەن. مەزكۇر خەۋەردە دەريا بويى يېزىسىغا خىتاي مىللىتىدىن تەيىنلەنگەن پارتىيە ياچېيكا سېكرېتارى لىن سىشاڭنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ «مەيلى كونا دەريا بويى يېزىسى بولسۇن ياكى يېڭى دەريا بويى يېزىسى بولسۇن، بۇ جايلار ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئېچىۋېتىلدى» دېيىلگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، لىن سىشاڭ سۆزىدە يەنە كونا دەريا بويى يېزىسىدىكى ئىپتىدائىي چارۋىچىلىق ھاياتىغا مەنسۇپ بولغان، توغراق ۋە يۇلغۇندىن ياسالغان ساتما ئۆيلەرنىڭ شۇ پېتى ساقلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ساتما ئۆيلەرنىڭ ساياھەتچىلەرگە يېزا خەلقىنىڭ ئىپتىدائىي تۇرمۇش ئادىتىنى ھېس قىلدۇرىدىغان كۆرگەزمە ئورۇنلىرىغا ئايلىنىپ، يۇقىرى ئىقتىسادىي كىرىم ياراتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

دەريا بويى يېزىسى ھەققىدە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە قالدۇرغان ئالاقە ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، دەريا بويى يېزىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە يەرلىكتىن ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. كېرىيە ناھىيەلىك ھۆكۈمەت، كېرىيە ساياھەت ئىدارىسى ۋە دەريا بويى يېزىلىق ھۆكۈمەتكە قىلغان تېلېفونلىرىمىز ئېلىنمىدى.

ئەمما دەريا بويى يېزىسىغا بارىدىغان ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدىغان مەلۇم مېھمانخانا خادىمى تېلېفونىمىزنى ئېلىپ، دەريا بويى يېزىسى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

بۇ خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2019-يىلى يېزا ئاھالىسى كۆچۈرۈۋېتىلگەن دەريا بويى يېزىسى 2022-يىلدىن بۇيان كېرىيە ناھىيەسىدە ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىدىغان مۇھىم ساياھەت نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇلغان.

ئۇ سۆزىدە دەريا بويى يېزا ئاھالىسى كۆچۈرۈۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ياشىغان ساتما ئۆيلەر ۋە تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى شۇ پېتى ساقلاپ قېلىنىپ، ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ساياھەتچىلەر دەريا بويى يېزىسىدىكى گۈزەل توغراقلىقلارنى زىيارەت قىلىش بىلەن بىرلىكتە يەنە بۇ ساتما ئۆيلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش، دېھقانلار تاشلاپ كەتكەن ھويلىلاردا يۇلغۇن كاۋىپى، كۆمەچ قاتارلىق يەرلىك يېمەكلىكلەردىن ھۇزۇرلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە دەريا بويى يېزىسىدا ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار دەريا بويى يېزىسىغا بارغان ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدىن تىك-توك، يۇكۇ قاتارلىقلاردىمۇ دەريا بويى يېزىسى ساياھىتى ھەققىدىكى سىن فىلىملىرى يوللانغان. بۇ فىلىملەردە دەريا بويى يېزىسىنىڭ قەدىمىيلىكى ۋە گۈزەل مەنزىرىسى تەرىپلىنىش بىلەن بىرلىكتە، بۇ جاينىڭ ساياھەتچىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي تۇرمۇش ئادىتىنى كۆرسىتىشتىكى ئەڭ ياخشى ساياھەت نۇقتىسى ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەرىپلەنگەن.

بۇ تەشۋىقات فىلىملىرىدە، دەريا بويى يېزىسى خىتايدىكى ئەڭ قەدىمىي يېزىلارنىڭ بىرى دەپ تەرىپلىنىپ مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدىن يىراق ھالدا تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى توغراقلىقتا ئىپتىدائىي چارۋىچىلىق ھاياتىدا ياشاپ كەلگەن دەريا بويى خەلقىنىڭ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يېڭى ماكانلارغا كۆچۈرۈلۈپ، زامانىۋى، باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشكەنلىكى، يېڭى يېزىدىكى دەريا بويى خەلقىنىڭ تاراتقۇلار زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىننەتدارلىق ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئىپادىلىگەنلىكى مەدھىيەلەنگەن.

ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «تەرەققىيات مودېلى» نى كەسكىنلىك بىلەن ئىنكار قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئورتاق قاراشلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ ھالدا دەريا بويى يېزىسىغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي يۇرتلىرىنى قەدەممۇ-قەدەم يوقىتىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتلىرىدىن ۋە ئەسلىدىكى تىرىكچىلىك ھاياتىدىن مەجبۇرىي مەھرۇم قالدۇرۇشى سېپى ئۆزىدىن مەدەنىيەت ساھەسىگە سوزۇلغان بۇزغۇنچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ ھەقتە تورلاردا ئېلان قىلىنغان ئەيىپلەشلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەقسىتى ئاشكارا ئىپادىلەنگەن بۇ خىل تەشۋىقاتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى، يەنى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئورۇن ئالغان. جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى شان روبېرتس (Sean R. Roberts) 2021-يىلى فېۋرالدا «تاشقى ئىشلار» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ يىلتىزى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە دەل مۇشۇ خىلدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان ئىدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.