ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا
2021.12.03

1-2-دېكابىر كۈنلىرى فەسيبۇك، تۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىگە مەلۇم بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ئۆيىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش مەسىلىسىدە يېزىلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە يېزىلىق ساقچىخانا خادىملىرىنىڭ مەجبۇرلىشى ھەتتا تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سىن فىلىمى كەڭ تارقالدى.
6 مىنۇتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان بۇ سىن فىلىمىدىكى تالاش-تارتىشلاردىن كۆچۈشكە مەجبۇرلىنىۋاتقىنى يۈرەك كېسىلى بار بىر بىر ئۇيغۇر دېھقان ئىكەنلىكى، مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ۋەزىپىسىنى بېجىرىۋاتقانلارنىڭ ئابدۇرېھىمجان باشچىلىقىدىكى لەڭگەر يېزىلىق ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە شۇ يېزىلىق ساقچىخانا خادىملىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.
ئېنىقلاشلار داۋامىدا مەزكۇر سىن فىلىمى كۆچۈرۈپ يوللىغۇچىنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلىرى ھەققىدە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە تاراتقۇلاردا گۇۋاھلىق بەرگەن لاگېر شاھىتى زۇمرەت خانىم ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.
زۇمرەت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر سىن فىلىمى خىتاينىڭ دوۋيىڭ يەنى تىك-توك تورىغا 30-نويابىر كۈنى كورلىدىن يوللانغان. زۇمرەت خانىم 15 مىنۇتلۇق بۇ سىن فىلىمىنى چۈشۈرگەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭ كۆرۈلگەن قېتىم سانى 12 دەپ چىققان. ئەمما مەزكۇر سىن فىلىمى يوللىنىپپ 30 مىنۇتتىن كېيىنلا «تېما تەستىقلانمىدى» دېگەن ئۇچۇر چىققان. سىن فىلىمى ۋە ئاستىدىكى بىرقانچە ئىنكاس ئۆچۈرۈۋېتىلگەن ئىكەن.
زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ سىن فىلىمى، ئۇ خىتاينىڭ تىك-توك تورىدا كۆرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى سىن فىلىملىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ۋە تەپسىلىي سىن فىلىمى ھېسابلىنىدىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىلىمنى كۆرگىنىدە، ئۇ ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىدا يولۇققان ۋە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئەھۋاللار كۆز ئالدىغا كەلگەن.
فىلىمدا ئىپادىلەنگەن مەجبۇرلاش ۋە تەھدىتلەر، ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئورتاق بولغان ئەمەلىي ئەھۋاللار ئىكەن.
زۇمرەت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 30-نويابىر مەزكۇر سىن فىلىمىنى چۈشۈرۈۋالغاندىن كېيىن، بۇ سىن فىلىم يوللانغان ئاكونتنى قايتا ئىزدىگەن، ئەمما بىر نەچچە كۈندىن بۇيان بۇ ئاكونت نومۇرى تىك-توك تورىدىن غايىب بولغان.
رادىيومىز مەزكۇر سىن فىلىمىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن كورلىنىڭ لەڭگەر يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفون ئۇلانمىدى.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ يىل 2-ئايدنىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2021-يىلى 1-ئايغا قەدەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە كۆچۈرۈش قۇرۇلۇش پىلانى بويىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىنىلا 140 مىڭغا يېقىن ئادەم كۆچۈرۈلگەن. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 35 مىڭ 200 نامرات ئائىلىدىكى جەمئىي 139 مىڭ 500 كىشى يۇرت-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈلۈپ بولغان ئىكەن.
ھالبۇكى بۇ خىل ئۇيغۇرلارنى كۆچۈرۈش دولقۇنى ئۇيغۇر رايونىدا ھېلىمۇ داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ،
«ئاقسۇ ئاخبارات تورى» نىڭ 25-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاقسۇ ۋىلايىتى 2000-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن سېلىنغان شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق مەھەللىلەرنى نۇقتىلىق ئۆزگەرتىپ، ھازىرغىچە 395 كونا مەھەللە رايونى چېقىپ ئۆزگەرتىلگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ چېقىپ ئۆزگەرتىش جەمئىي 49 مىڭ 777 ئائىلىگە چېتىلىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى كونا ئولتۇراق رايونلارنى چېقىش-تۈزلەش قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل ھالدا «خەلقنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش» دەپ پەردازلاپ كەلمەكتە. بىراق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا «كونا ئۆيلەرنى يېڭىلاش» نامىدا ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنى چېقىش ھەرىكەتلىرىنى «زېمىن بىلەن كىملىك ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنى ۋە مۇتلەق كونتروللۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان،» دەپ قارىماقتا.
زۇمرەت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەمەلىيەتتە مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارغا بېرىلىدىغان تۆلەم پۇل ھۆكۈمەتنىڭ نورمال ئۆي باھاسىدىن كۆپ تۆۋەن ئىكەن. ھالبۇكى ئەسلىدىكى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىۋېتىلگەنلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلەپ بەرگەن ئاتالمىش ھۆكۈمەتنىڭ بىنا ئۆيلىرى بولسا يەنىلا نورمال ئۆي باھاسى بويىچە قىممەت باھادا ئۇلارغا سېتىپ بېرىلىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن بۇيان مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماش، ياشلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراق رايونلىرىنى بۇزۇپ-چېقىپ، ئۇلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلى ۋە ئەنئەنىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.