تاشكەنتتە ئۇيغۇر 12 مۇقامى خەلقئارا فېستىۋالى بولۇپ ئۆتتى
2024.11.27
23-24-نويابىر كۈنلىرى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدىكى «خىلتون مېھمانخانىسىدا «مۇقاملار—سەنئىتىمىز تاجىسى» ماۋزۇسىدا خەلقئارا فېستىۋال ئۆتكۈزۈلدى. ئۇ، ئۆزبېكىستان «مەڭگۈلۈك مىراس» مەدەنىيەت ۋە سەنئەتنى تەرغىب قىلىش مەركىزى ھەمدە ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن. ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، تاشكەنت شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ۋە باشقا بىرقانچە ئورۇن تەرىپىدىن قوللاپ قۇۋۋەتلەنگەن.
فېستىۋالنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرى «jakeside hamilton» مېھمانخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر مىللىي تائاملىرى، كىيىم-كېچەكلىرى، ساز ئەسۋابلىرى ۋە باشقىمۇ ئېتنوگرافىيەلىك قەدرىيەتلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان. ئاندىن مېھمانلار چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن تاشكەنت شەھىرىنىڭ مەدەنىي جايلىرىنى زىيارەت قىلغان ۋە «lazgi» رېستورانىدا كەچلىك تاماقتا بولۇپ، كونسېرت پىروگراممىسىنى تاماشا قىلغان.
ئىككىنچى كۈنى فېستىۋال قاتناشقۇچىلىرى ئۆزبېكىستان خەلق رەسسامى، ئاكادېمىك لېكىم ئىبراھىموفنىڭ «خىلتون» مېھمانخانىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان يەككە كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلغان. شۇ كۈنى مەزكۇر مېھمانخانىنىڭ مەجلىسلەر زالىدا «ئۇيغۇر 12 مۇقام سەنئىتىنى ساقلاش، قايتا تىكلەش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش» ماۋزۇسىدا خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئۇنىڭغا ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك سەنئەت ۋە مەدەنىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئورازالى توشماتوف ۋە قازاقىستانلىق سەنئەتشۇناس غىلاجىدىن ئوسمانوف رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇنىڭدا «ئۆمۈرۋايەت مىراس» ئۆزبېكىستان مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى تەرغىبات مەركىزىنىڭ مۇدىرى لۇتفىيە مىرزايېۋا، ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلىنىڭ رەھبىرى گۈلزىرە ئابلەت، شۇنىڭدەك باشقىمۇ ئىدارىلەر ۋەكىللىرى مەزكۇر فېستىۋالنىڭ ئۇتۇقلۇق ئۆتۈشىنى تىلەپ، بارلىق مېھمانلارنىڭ سەمىمىي تەبرىكلىدى.
ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاساسىي قىسمىدا قىرغىزىستان، قازاقىستان، تاجىكىستان، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئۆزبېكىستان قاتارلىق مەملىكەتلەردىن كەلگەن قاتناشقۇچىلار 20 دىن ئوشۇق ھەر خىل ماۋزۇلاردا دوكلاتلار قىلدى. قازاقىستاندىن رەسسام ئەخمەتجان ئەھەتنىڭ «تەسۋىرىي سەنئەتتە مۇقام»، پىروفېسسور ئابدۇلجان سامساقوفنىڭ «ئۇيغۇر 12 مۇقامى»، تاجىكىستاندىن پەلسەپە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابدۇۋەلى ئابدۇرەشىدوفنىڭ «بۇخارا ۋە ئۇيغۇر تەمبۇرلىرىدا كۈي ئىجرا قىلىش ئۇسلۇبلىرى ھەققىدە»، ئۆزبېكىستاندىن ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلىنىڭ رەھبىرى گۈلزىرە ئابلەتنىڭ «ئۇيغۇر مۇقاملىرى ۋە ئۆزبېك ماقاملىرى خۇسۇسىدا»، «تۇرغۇن ئالىماتوف جامائەت بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلىشىر ئالىماتوفنىڭ «ئۆزبېك مىللىي مۇزىكا ۋە مۇقاملىرىدا ھەربىي ماۋزۇ»، گېرمانىيەدىن مۇزىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوپېرا ئىجراچىسى زاكىر خالېل گۈزەلنىڭ «ئۇيغۇر ئوپېرالىرىدا ئۇيغۇر 12 مۇقامىغا نەزەر» ۋە باشقىلار شۇلار جۈملىسىدىندۇر.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رۇسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رەفقەت سادىقوف ئەپەندى مەزكۇر پائالىيەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە، مەزمۇنلۇق، ھەقىقىي ئۇيغۇر بايرىمى روھىدا ئۆتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بىز ناھايىتى خۇرسەن بولدۇقكى، سەۋەبى بۇ يەردە دوستلۇق مۇھىتى بولدى. ھەممىمىز بىر مىللەتتەك. ئۆزبېك ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا خۇش بولۇپ، كۈچ چىقاردى. بىز ھەر خىل يەرلەرگە ساياھەت قىلدۇق. شۇ يەرلەردە مېنى خۇرسەن قىلغان يېرى، ئۆزبېك خەلقى بىزنى ئۆزىگە ئوخشاشلا ئەڭ يېقىن قېرىندىشىدەك كۆرۈپ، مۇزىكا، سەنئەت، تىل، ھەممە تەرەپتىن بىز بىر خەلق، دەپ قارشى ئالدى. شۇنىڭدىن مەن ناھايىتى تەسىرلەندىم. تەشكىلاتلارغا چوڭ رەھمەت.»
بىز مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا «ئەجدادلاردىن قالغان مۇقام مىراسىمىزنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش» ماۋزۇسىدا دوكلات قىلغان پېشقەدەم ئۇستاز، ئالمۇتا ۋىلايىتىدىكى بايسېيىت يېزىسىنىڭ جامائەت ئەربابى غىلاجىدىن ئوسمانوف ئەپەندى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر فېستىۋالنىڭ رەسمىي، ئالىي دەرىجىدە ئۆتۈشىگە سەنئەتشۇناس، مۇقامچى گۈلزىرە ئابلەت ۋە ئۇنىڭ يولدىشى ئەرمىدىن توختاخۇنوفنىڭ كۆپ كۈچ چىقارغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئۇيغۇر خەلق 12 مۇقامىنى قانداق قىلىپ كېلەچەك ئەۋلادقا تاپشۇرۇش. دېمەك خەلقىمىزنىڭ ھاياتىدا 12 مۇقام توختىماي، راۋان داۋاملىشىشى كېرەك دېگەن مەقسەتتە مۇشۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئەللەردىن مېھمانلار تەكلىپ قىلىنغان. ماڭا بۇ ناھايىتى ياقتى. چۈنكى 12 مۇقام بۈگۈنكى كۈندە دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر تىياتىرىدا ئارتىسلارنىڭ ئىجراسىدا خېلى ياخشى ئورۇنلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن خەلق ئىچىدىكى خەلق تالانتلىرى مۇقام ئېيتىدىغانلىرى ئاز. ئەمدىكى مەقسەت شۇنى ئېيتىدىغان ياشلىرىمىزنى كۆپەيتىش كېرەك. ئۇنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ھەر بىر ئائىلىدە مۇقام ئاھاڭى پات-پات ياڭراپ تۇرۇشى كېرەك».
غىلاجىدىن ئوسمانوف يەنە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى پىكىر-تەكلىپلەر ئۈستىدىمۇ توختالدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تاشكەنت شەھىرىدە ئۆتكەن «مۇقاملار-سەنئىتىمىز تاجىسى» ماۋزۇسىدىكى خەلقئارا فېستىۋال «مۇقام ناۋاسى» كونسېرت پىروگراممىسى ۋە ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرىنى تەقدىرلەش مۇراسىمى بىلەن ئاياغلاشقان.
ئىگىلىشىمىزچە، سوۋېت دەۋرىدە، يەنى 1960-1980-يىللىرى ئارىسىدا تاشكەنت شەھىرىدىكى ئۆزبېكىستان دۆلەت رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە كومىتېتىدا ئىشلىگەن خېلەم خۇدابەردىيېف ئۇيغۇر ئانسامبىلىنى قۇرۇش ۋە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى رەتلەش ۋە چىقىرىش ئىشلىرىدا ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە تونۇلغان سازەندە، كومپوزىتور، مەملىكەتتىكى تۇنجى ئۇيغۇر مىللىي ئانسامبىلىنىڭ يېتەكچىسى بولغان ھاكىم خېلەموفمۇ ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇل ئانسامبىلىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ھەم راۋاجلىنىشىغا، شۇنىڭدەك باشقىمۇ ئاتاقلىق ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى بىلەن بىرلىكتە 12 مۇقامنى رەتلەش، ماگنىتلىق لېنتىغا ۋە پىلاستىنكىغا ئېلىشقا زور تۆھپە قوشقان. ئۆزبېكىستانغا بىرقانچە مۇقامچىلار توپلىنىپ، ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى ئورۇنداپ مەخسۇس رەتلەش ئېلىپ بېرىلغان ھەمدە بەزى تەتقىقاتلار يۈرگۈزۈلگەنىدى.