تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئاچلىق ئېلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن
2025.01.23

11 يىلدىن بۇيان تايلاند تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ يېقىندا خىتايغا قايتۇرۇلماقچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ دىققىتى يەنە بىر قېتىم ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا ھەقسىز مۇئامىلىدە بولۇۋاتقان تايلاندنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە مەركەزلەشتى. 2015-يىلى 109 نەپەر ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلغاندىمۇ خەلقئارا جەمئىيەت تايلاندنى قاتتىق ئەيىبلەپ، تايلاندنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىگە ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.
شىۋېتسارىيەنىڭ «يېڭى زۈرىكلىكلەر گېزىتى» 21-يانۋار ئېلان قىلغان «شىنجاڭغا سۈرگۈن قىلىنامدۇ: خىتاي تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنى قولغا چۈشۈرمەكچى» ناملىق خەۋەر، فىرانسىيەنىڭ «ARTE» تېلېۋىزىيە قانىلى 21-يانۋار ئېلان قىلغان «ئۇيغۇرلارغا نېمە بولۇۋاتىدۇ؟» ناملىق فىلىم ھەمدە «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسى 22-يانۋار ئېلان قىلغان «تايلاند 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا دەرھال قايتۇرۇش پىلانى بارلىقىنى ئىنكار قىلدى» ناملىق خەۋەرلەردە، يالغۇز تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىلا ئەمەس، بەلكى ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك ئېغىر قىسمەتلەر ئەتراپلىق بايان قىلىنغان. خەۋەرلەردە تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقى ئېنىق بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكى تەشەببۇس قىلىنغان.
ئالدىنقى ھەپتە 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماقچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە جامائىتىنىڭ جىددىي ھەرىكەتكە كېلىشىگە تۈرتكە بولغان ئىدى. د ئۇ ق رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، د ئۇ ق نىڭ يېقىندىن بۇيان بۇ ساھەدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
17-يانۋار گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ تايلاند كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى.
تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈن، يەنى 23-يانۋار د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پولات سايىم ئەپەندىگە بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇلار ئاچلىق ئېلان قىلىشنى بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن. پولات سايىم سۆزىدە، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋاللىرىنىڭ خېلىلا ئېغىرلىقىنى، ئاچلىق ئېلان قىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ زەئىپلىشىپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
مەلۇم بولغىنىدەك، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم، مۇئاۋىن رەئىس پولات سايىم ئەپەندىلەر ئالدىنقى كۈنلىرى تايلاند ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلسا ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، د ئۇ ق نىڭ تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ھەرىكىتى 2014-يىلىلا باشلانغان ئىكەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە يەنە، تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، د ئۇ ق نىڭ يىللاردىن بۇيان خەلقئارادا ناھايىتى كۆپ ھەرىكەتلەر قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
غەرب مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەردە يەنە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىپ كەلگەنلىكى، بولۇپمۇ 2014-يىلىدىن بۇيان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش»، «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» دېگەندەك شوئارلار بىلەن ئۇيغۇر رايونىدا ئېغىر باستۇرۇشلار ئېلىپ بارغانلىقى، 2014-يىلى تايلاندقا قېچىپ چىققان يۈزلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇشتىن باشقا مەقسىتى بولمىغان گۇناھسىز ئىنسانلار ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ 2016-يىلىدىن باشلاپ جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ سولاپ، قاتتىق جازالارغا دۇچار قىلغانلىقى ۋە بۇ زۇلۇمنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى تۈرلۈك پاكىتلىرى بىلەن يورۇتۇپ بېرىلمەكتە.