تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى تەخىرسىز مەسىلىگە ئايلانماقتا
2024.11.21
«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 8-نويابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ھەسەن ئىمام ئىسىملىك ئۇيغۇر ياشنىڭ سەرگۈزەشتلىرى ئارقىلىق، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى، ئۇلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن چەت ئەلگە قېچىپ چىققانلىقى، بىر قىسمىنىڭ تۈركىيەگە كېلىشى، بىر قىسمىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى، نۆۋەتتە تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى يورۇتۇپ بېرىلگەنىدى.
بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، 11-نويابىر كۈنى، خىتاي ئىشلىرى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى (IPAC) ب د ت نىڭ مۇساپىرلار كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىسسارىغا ئۇچۇق خەت يېزىپ، تايلاندتا ئون يىلدىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرماي، بەلكى بىخەتەر دۆلەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرغا تۈركىيە سىياسىي پاناھلىق بېرەمدۇ؟ ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىرەر دىپلوماتىك خىزمەت ئىشلەۋاتامدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا بۇنىڭدىن كېيىن نېمە ئىشلارنى قىلالايدۇ؟ بىز بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇلار تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىمىزغا ئېنىق جاۋاب بەرمىدى، تېلېفوننى ئالغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىمى، بۇ ھەقتە تېلېفوندا مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى، كېرەك بولسا تۈركىيەنىڭ تايلاندتىكى ئەلچىخانىسىدىن سورىشىمىزنى بىلدۈردى.
بىز يەنە يۇقىرىدىكى سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق مۇساپىرلار ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئەنقەرەدىكى مەركىزىگە تېلېفون قىلدۇق، بىراق تېلېفونغا جاۋاب بەرمىدى.
بىز تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن 2018-يىلى 10-ئايدا 12 ئۇيغۇر بىلەن تايلاند تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇپ تۈركىيەگە كەلگەن ۋە ھازىر ئىستانبۇلدا ئولتۇراقلاشقان ھەسەن ئىمامغا تېلېفون قىلدۇق، بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقىنى، كېيىن ۋاقىت چىققاندا سۆزلەپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز يەنە ھەسەن ئىمام بىلەن تايلاندتىن ئىستانبۇلغا بىرلىكتە كەلگەن ئەزىمەت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئەزىمەت تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تايلاندتىكى قېرىنداشلار بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرۇۋاتىمىز، ئۇلاردىن بىر ئىككىسى تورغا چىقالايدۇ، ئۇلار تورغا چىققاندا كۆرۈشەلەيمىز، بولمىسا كۆرۈشەلمەيمىز، ئەڭ ئاخىرى بىر ئاي ئىلگىرى كۆرۈشكەن ئىدۇق، ئۇ بالىلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ساقچىلار ياخشىلىنىش بار دېگەنىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا ئالاھىدە بىر ئىشنى بىلمەيمىز».
ئەزىمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تايلاندتىكى 48 ئۇيغۇر ئىلگىرى بىر قانچە شەھەردە ئايرىم-ئايرىم قامالغان بولۇپ، ئىككى يىلدىن بۇيان باڭكوكتا بىر ئورۇندا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.
ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ (HRW) بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا بىلدۈرۈشىچە، 2014-يىلىدىن باشلاپ تايلاندتا تەخمىنەن 350 ئۇيغۇر تۇتۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 172 ئايال ۋە بالا 2015-يىلى 7-ئايدا تۈركىيەگە يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 109 ئەر كىشى خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن خىتايغا قايتۇرۇلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. ھازىر تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇر ناچار تۈرمە شارائىتىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇلتۇر ئابدۇللاھ ئابدۇلئەزىز، مەتتوختى مەتقۇربان ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇرنىڭ تۈرمىدە قازا قىلغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.