تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئەندىشە قوزغىماقتا

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2025.01.13
تايلاندنىڭ كۆچمەنلەر لاگېرىدىن قاچقان 2 ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى ئەندىشە قوزغىماقتا 109 ئۇيغۇرنى تايلاندتىن خىتايغا ئېلىپ ماڭغان كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 9-ئىيۇل.
CCTV

تايلاند تۈرمىسىدە 10 يىلدىن بۇيان ناھەق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇر نامىدىن يېزىلغان جىددىي ياردەم چاقىرىق مەكتۇپى 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى يېزىلغان بولۇپ، بۇ مەكتۇپتا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى شۇنداقلا ب د ت ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ياردەمگە چاقىرىلىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 48 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى يېزىلغان. مەكتۇپتا يەنە تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى شۇنىڭ ئۈچۈن ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقنى، تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق توغرىسىدا ۋەدە بەرمىگۈچە ۋە ياكى 3-بىر ئەركىن دۆلەتكە كېتىشىگە رۇخسەت بەرمىگۈچە تاماق يېمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 11-نويابىردىكى خەۋىرىدە تايلاندتا 10 يىلدىن ئارتۇق بىر ۋاقىتتىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى، ھەمدە ئۇلارنىڭ قايتۇرۇلغان تەقدىردە دەپسەندىچىلىك ۋە قىيىن-قىستاققا دۇچ كېلىش خەۋپى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىز تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە تىرىشتۇق، بىراق ئۇلارنىڭ يېنىدا بىۋاسىتە ئالاقە قىلىدىغان تېلېفون يوق بولۇپ، باشقىلارنىڭ تېلېفونى ئارقىلىق ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئىقتىسادى جەھەتتىنمۇ قىيىنچىلىق بارلىقىنى، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنى خىتايغا قايتۇرماستىن 3-بىخەتەر بىر دۆلەتكە كېتىشكە رۇخسەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ۋە خەلقئارالىق تەشكىلات ھەم ئورگانلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىقتىسادىي ئىشلار ۋە سىياسىي مەسىلىلەردە بىزنىڭ تارتىۋاتقان قىيىنچىلىقىمىز ناھايىتى ئېغىر، بۇنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ دەپ قارايمەن، پۈتۈن دۇنيادىكى مەيلى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، مەيلى باشقا دۆلەتلەر ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلار بولسۇن ھەممىسىدىن بىزنىڭ ئاساسىي تەلىپىمىز شۇكى، بىز ئۇلاردىن مۇشۇ تايلاند تۈرمىسىدىن چىقىشىمىز ۋە خىتايغا قايتۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز، بىزنىڭ ئەھۋالىمىز بۇنىڭدىن كېيىن قانداق بولىدۇ ؟بىلمەيمىز، ئەمما ياخشى نەتىجىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

بىرلەشمە ئاگېنتلىق ئېرىشكەن بىر مەكتۇپىدا، باڭكوكتا تۇتۇپ تۇرۇلغان 43 ئۇيغۇر ئەر ئۆزلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىش تەھدىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنى توختىتىش ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلغان. ئۇلار تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن قايتۇرۇلۇش ھۆججەتلىرىگە قول قويۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ياش بۇ ھەقتە خەلقئارا ئاخباراتلاردا تارقىتىلغان خەۋەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخباراتىنىڭ خەۋىرىدە قانداق تارقىتىلغان بولسا، بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ئاشۇ خەۋەردە دېگەندەك ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتىمىز».

تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن دۇنيا جامائىتىگە يازغان مەكتۇپى. 2025-يىلى 10-يانۋار، تايلاند.
تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن دۇنيا جامائىتىگە يازغان مەكتۇپى. 2025-يىلى 10-يانۋار، تايلاند.
justiceforall.org

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋە ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان سىدىق قارىم ئىسىملىك كىشى، ئابدۇللا كېرەم ئىسىملىك جىيەنىنىڭ 10 يىلدىن بۇيان تايلاند تۈرمىسىدە ناھەق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، جىيەنى ئابدۇللا كېرەمنىڭ 2014-يىلى تايلاندتا تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ، دەسلەپكى 5 يىل جىيەنى بىلەن ھېچ قانداق ئالاقە قىلالمىغان بولۇپ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ھەر ئايدا بىر قېتىم تېلېفوندا ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ ئاخىرقى 3 ئايدىن بۇيان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان. ئۇ، تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىق ئۇچۇرىنى ئاڭلاپ جىيەنىدىن ۋە ئۇ يەردىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سىدىق قارىم مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ھەر ساھەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە شەخسلەرگە شۇنى ئىلتىماس قىلىمىزكى، 2014-يىلىدىن بۇيان تايلاند تۈرمىسىدە بىگۇناھ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن شۇنداقلا تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكى ئۈچۈن قاتتىق كۈچەپ خىزمەت ئىشلەشنى شۇنداقلا ئامېرىكا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنىڭ تايلاند ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى، ئۇ قېرىنداشلارنىڭ خىتايغا قايتۇرماسلىقى ئۈچۈن بىخەتەر بىر دۆلەتكە كېتىشى ئۈچۈن جىددىي بىر سەپەرۋەرلىك قىلىشنى سورايمەن».

تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇر نامىدىن يېزىلغان جىددىي ياردەم چاقىرىق مەكتۇپىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى شۇنداقلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ياردەمگە چاقىرىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «2013-يىلىدىن تارتىپ 2025-يىلىغىچە بولغان 12 يىللىق ھاياتىمىز، تايلاند ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھىيلە-مىكىر ۋە سۇيىقەستلىرى بىلەن تايلاندنىڭ قاراڭغۇ زىندانلىرىدا قىيىنچىلىق ۋە مۇشەققەت ئىچىدە ھاياتىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان مەزلۇم ئۇنتۇلغان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۇرۇۋاتقان ئەزىز ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا، ھەر قايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ۋە ھەر قايسى دۇنيا ئىنسان ھەقلىرىنى تەشكىلاتلىرىغا سۇنىدىغان ياردەم ئىلتىماسىمىز شۇكى، يېقىندىن بۇيان تايلاند ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتى بىرلىشىپ يەنە 2015-يىلى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى خىتاي زالىملىرىغا قايتۇرۇۋەتكەنگە ئوخشاش بۇ يەردە قېلىپ قالغان 48 نەپەر ئۇيغۇرنى ھەم خىتايغا قايتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نەقەدەر زالىم ئىكەنلىكىنى ۋە بىزنىڭ قايتۇرۇلساق يەنە ئاشۇ ئېغىر زۇلۇم ۋە قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرايدىغانلىقىمىزنى، ھاياتىمىزغا كاپالەتلىك قىلالمايدىغانلىقىمىزنى ۋە ھەتتا ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىمىزنى چۈشىنىپ، بىزنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقىمىز ئۈچۈن 3-بىر ئەركىن دۆلەتكە چىقىپ تىنچ بىر تۇرمۇشقا ئېرىشىۋېلىشىمىز ئۈچۈن ياردەم قىلىشىڭلارنى سورايمىز».

تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ نامىدىن جىددىي مۇراجىئەت نامىدا ئېلان قىلىنغان ياردەم مەكتۇپىدا يەنە تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەكتۇپنىڭ داۋامىدا مۇنداق دېيىلگەن: «تايلاند ھۆكۈمىتى بىزنى ھېچ قانداق بىر ياردەم تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەتتا ب د ت بىلەن ئۇچرىشىشىمىزغا يول قويمايۋاتىدۇ، شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىسى بىلەن ئۇچرىشىشىمىزغا ۋە بىزنى قوبۇل قىلماقچى بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىسى بىلەن ھەم ئۇچرىشىشىمىزغا يول قويمايۋاتىدۇ، ۋاھالەنكى 48 ئادەم، يەنى ھەممىمىز ب د ت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىغا ئىلتىماس سۇنۇپ بولغان ۋە ئىلتىماسىمىز ب د ت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ بولۇنغانىدى، لېكىن تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ بىزنى 3-بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يول قويمايۋاتىدۇ ۋە يەنە بىزنى خىتايغا قايتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ، بىزنىڭ خىتايغا قايتقۇمىز يوق، بىز خىتايغا قايتۇرۇلساق ئۆلتۈرۈلۈشىمىز ۋە تۈرمىلەرگە سۇلىنىپ ئېغىر قىيىن قىستاققا، ۋە ئازابلارغا دۇچار بولۇشىمىز، ئۇرۇق-تۇغقان، قېرىنداشلىرىمىز ھەم بۇ خەۋپلەرگە دۇچ كېلىشى ئېنىق. شۇڭا بىز 3-بىر دۆلەتكە چىقىپ ئائىلە-پەرزەنتلىرىمىز بىلەن تىنچ بىر مۇھىتتا ياشاشنى ئارزۇ قىلىمىز. بىزنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىپ 3-بىر دۆلەتكە چىقىپ تىنچ بىر مۇھىتتا ياشىغۇمىز بارلىقىنى ۋە خىتايغا ھەرگىز قايتىپ كەتكۈمىزنىڭ يوقلۇقىنى دۇنيا خەلقىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن تاكى 3-بىر دۆلەتكە چىقىپ بولغۇچە ياكى ب د ت ئارقىلىق 3-بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولۇنغىچە ۋە ياكى بىزنى خىتايغا قايتۇرماسلىق ھەققىدە ئېنىق بىر جاۋابقا ئېرىشكىچە تاماق يېمەسلىكنى ۋە ئاچلىق ئېلان قىلىشنى قارار قىلدۇق. كۆپىنچىمىزنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، ئېغىر كېسەلچان بولۇپ، بەلكى بۇ ئاچلىق ئېلان قىلىش سەۋەبى بىلەن ئۆلۈپ كېتىشىمىز ھەم مۇمكىن، شۇڭا خىتايغا قايتۇرۇلۇپ كېتىشىمىزدىن كۆرە مۇشۇ يەردە ئۆلۈپ كېتىشنى ياخشى دەپ ئويلىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن 3-بىر دۆلەتكە چىقىپ ئەركىن ياشىشىمىز ئۈچۈن سىلەرنىڭ بىزگە جىددىي تىزدىن ياردەم قىلىشىڭلارنى سورايمىز».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ باياناتتا، تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە چاقىرىق قىلدى.

بىز بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن ئەپەندى، تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ۋە خىتايغا قايتۇرۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتلەر بىلەن جىددىي ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى، تايلاندقا مەخسۇس بىر ۋەكىل ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتە بىزنىڭ پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىدىن كۈتىدىغىنىمىز بولۇپمۇ تايلاند ھۆكۈمىتىدىن كۈتىدىغىنىمىز، بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك. بىز خىتاينىڭ ھەر خىل ھىيلە-نەيرەڭلىرىگە ۋە بېسىملىرىغا بوي سۇنماسلىقنى تەلەپ قىلىمىز، ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىرلىكىدىن شۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قۇتۇلۇشىغا جىددىي شەكىلدە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز، ئۇلارنىڭ قۇتۇلۇشى ئەلۋەتتە ئىنسانىي بىر مەسىلە، چۈنكى خىتاينىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ قول سېلىپ، چېگرا ھالقىغان بىر باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى كۆرۈلۈۋاتىدۇ، شۇڭلاشقا خىتايغا خەلقئارانىڭ بېسىم ئىشلىتىپ بۇنداق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ۋە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا تۇتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى قەتئىي توختىتىش ھەققىدە بېسىم قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز، بولۇپمۇ تايلاند تۈرمىسىدە ناھەق تۈرمىدە يېتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز».

تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇر توغرىسىدا مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز ۋە قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز. يېقىندا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغانىدى. بىرلىكىمىز ھازىر تايلاند ۋە باشقا ۋاسىتىچى دۆلەتلەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ۋە شەخسلەر بىلەن جىددىي ئالاقە قۇرۇپ، ئەھۋالنى ئېنىقلاش ۋە ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا»

«باڭكوك پوچتىسى گېزىتى» نىڭ 1-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تايلاند دۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئانگخانا نېلاپايجىت (Angkhana Neelapaijit) ئۆتكەن شەنبە كۈنى تايلاند باش مىنىستىرى پايتونگرار شىناۋاترا ( Paetongrarn Shinawatra) ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش پىلانىنىڭ بار يوقلۇقى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان ۋە مۇنداق دېگەن: «48 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇش توغرىسىدا گەپ-سۆزلەر بولۇۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى كېڭەش پالاتا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك كومىتېتى ۋە ئىستېمالچىلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىش تەلىپى رەت قىلىندى. ئۇلار ھەقىقەتەن چېگرادىن چىقىرىۋېتىلسە ئۇلارنى خەتەرگە ئىتتەرگەنلىك ۋە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى دەپ قارىلىدۇ. باش مىنىستىر ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشى كېرەك».

مەلۇم بولغىنىدەك، 2014-يىلى خىتاي زۇلمىدىن قاچقان 300 دىن ئارتۇق ئەر-ئايال ۋە ئۆسمۈرلەردىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر، تايلاند دائىرىلىرى تەرىپىدىن مالايسىيا چېگراسىغا يېقىن جايدا قولغا ئېلىنغان. 2015-يىلى تايلاند خىتاينىڭ تەلىپى ۋە بېسىمى بىلەن 109 نەپەر ئۇيغۇرنى ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بېرىپ، خەلقئارانىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى. كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەركىب تاپقان 173 ئۇيغۇر تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ. شۇ ۋاقىتتىن بۇيان، 53 نەپەر ئۇيغۇر تايلاندتىكى ئوخشاش بولمىغان كۆچمەنلەر مەركەزلىرىدە ناچار شارائىتلاردا تۇتۇپ تۇرۇلغان. بۇ جەرياندا بەش ئۇيغۇر قازا قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى بالا بار. ھېلىھەم 48 نەپەر ئۇيغۇر تايلاند دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلاردىن بەش نەپىرى قېچىشقا ئۇرۇنۇپ قايتا تۇتۇلۇپ قالغاندىن كېيىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.