ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلار نامايىش قىلىپ، تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2025.01.18
norwegiye-tayland-namayish-1

نورۋېگىيەدىكى نامايىشچىلار تايلاند ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلماقتا. 2025-يىلى 17-يانۋار، ئوسلو. RFA/Hebibulla Izchi

norwegiye-tayland-namayish-2

تايلاند ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەئىسى خەلچەم مەمتىمىن خانىم تايلان ئەلچىخانىسى خادىمىغا تەلەپ خېتىنى تاپشۇرماقتا. 2025-يىلى 17-يانۋار، ئوسلو. RFA/Hebibulla Izchi

shiwitsiye-tayland-namayish-01

شىۋېتسىيەدىكى نامايىشتا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ ئەزاسى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 17-يانۋار، سىتوكھولم RFA/Hebibulla Izchi

shiwitsiye-tayland-namayish-04

شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىزۋانئاي ئىلھام ۋە ئەندىلى قاراخان زۇرىخ شەھىرىدىكى تايلاند كونسۇلخانىسى ئالدىدا. 2024-يىلى 17-يانۋار، زۇرىخ RFA/Hebibulla Izchi

shiwitsiye-tayland-namayish-02

شىۋېتسىيەدىكى نامايىشتا نامايىشچىلار تايلاند ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە چاقىرىق قىلغان پىلاكاتلارنى تۇتۇپ تۇرماقتا. 2024-يىلى 17-يانۋار، سىتوكھولم RFA/Hebibulla Izchi

shiwitsiye-tayland-namayish-03

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ ئەزالىرى تايلاند ئەلچىخانىسى ئالدىدا. 2024-يىلى 17-يانۋار، سىتوكھولم RFA/Hebibulla Izchi

engliye-tayland-namayish-2

تايلاندنىڭ ئەقلىيەدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا د ئۇ ق نىڭ ئەنگلىيە ۋەكىلى، سەنئەتكار، سىياسىي پائالىيەتچى رەھىمە ماھمۇت خانىم سۆز قىلماقتا. 2025-يىلى 17-يانۋار، لوندون. RFA/Hebibulla Izchi

engliye-tayland-namayish-1

لوندوندىكى تايلاند ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان چەتئەللىكلەر ۋە ئۇيغۇر نامايىشچىلار. 2025-يىلى 17-يانۋار، لوندون. RFA/Hebibulla Izchi

norwegiye-tayland-namayish-5

نورۋېگىيەدىكى نامايىشچىلار تايلاند ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلماقتا. 2025-يىلى 17-يانۋار، ئوسلو. RFA/Hebibulla Izchi

norwegiye-tayland-namayish-4

نورۋېگىيەدىكى نامايىشچىلار تايلاند ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلماقتا. 2025-يىلى 17-يانۋار، ئوسلو. RFA/Hebibulla Izchi

norwegiye-tayland-namayish-3

نورۋېگىيەدىكى نامايىشچىلار تايلاند ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلماقتا. 2025-يىلى 17-يانۋار، ئوسلو. RFA/Hebibulla Izchi

london-tayland-namayish-01

د ئۇ ق نىڭ ئەنگلىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، سەنئەتكار، ئەنگلىيەدىكى سىياسىي پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇت لوندوندىكى تايلاند ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىشتا. 2024-يىلى 17-يانۋار، لوندون RFA/Hebibulla Izchi

london-tayland-namayish-02

لوندوندىكى تايلاند ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان چەتئەللىك ۋە ئۇيغۇر نامايىشچىلار. 2024-يىلى 17-يانۋار، لوندون RFA/Hebibulla Izchi

17-يانۋار، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى تايلاند ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇ 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ نەچچە كۈن ئالدىدا تارقاتقان مۇراجىئەتنامىسى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى17-يانۋار كۈنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىق قىلغانىدى.

بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشقان، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بۈگۈن، 17-يانۋار كۈنى نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىكى تايلاند ئەلچىخانىسى ئالدىدا تايلاند ھۆكۈمىتىدىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدىكى بۇ 48 نەپەر ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئېلىپ بارغان ۋە تايلاند ئەلچىخانىسىغا تەلەپ خېتى تاپشۇرغان.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەئىسى خەلچەم مەمتىمىن بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ «تايلاند ئەلچىخانىسىدىن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە يۆتكىلىشىگە يول قويۇشىنى» تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ نامايىش ھەققىدە نورۋېگىيەدىكى ئىھسان شۈكرانمۇ ئۆزىنىڭ بەزى تەسىراتلىرىنى ئورتاقلاشتى.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى رەئىسى بەختىنۇر خانىممۇ شىۋېتسىيەدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىش ھەققىدىكى پىكرىنى بايان قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىدىن نىجات نامايىشنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى.

ئوخشاش كۈندە شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ تايلاندنىڭ زۇرىختىكى كونسۇلخانىسىغا تەلەپ خېتى تاپشۇرغان بولۇپ، شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى سابىق رەئىسى ئەندىلى قاراخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار تايلاند ئەلچىخانىسىغا تاپشۇرغان تەلەپنامىدە «تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇ 48 نەپەر ئۇيغۇر ئەگەر خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك پاجىئەلەرگە دۇچار بولىدىغانلىقىنى» ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندىمۇ ئەنگلىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇرلارغا ياردەم تەشكىلاتى تايلاند كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

شىۋېتسىيە، شىۋېتسارىيە، گېرمانىيە، نورۋېگىيە، ئەنگلىيە، تۈركىيە، ياپونىيە، كانادا، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى تايلاند ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا ھەر خىل شەكىلدىكى نامايىشلارنى ئېلىپ بېرىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا كۆچمەنلەر قانۇنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە رىئايە قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.