خىتاينىڭ «تېمۇ» شىركىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغانلىقى سەۋەبلىك تەكشۈرۈشكە ئېلىنغان
2024.11.27
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ «تېمۇ» ناملىق پارچە سېتىش تور بېتىدە سېتىلىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش ئېھتىماللىقى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلىغان.
«نيۇ-يورك پوچتىسى» گېزىتى ئىگىلىگەن مەخسۇس ئۇچۇردىن قارىغاندا، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى «تېمۇ» نىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىۋاتقان مەھسۇلاتلىرىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا خىلاپ ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش بىلەن بىرگە، «تېمۇ» ئەپىنىڭ قوللانغۇچىلار ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىش ئېھتىماللىقىنىمۇ تەكشۈرۈۋاتقان ئىكەن. ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى ۋە ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى گېزىتكە قىلغان سۆزىدە، «‹تېمۇ› ئەپى ھەم قۇل ئەمگىكى بىلەن ياسالغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋاتقان بولۇشى ھەمدە يەنە قوللانغۇچىلار ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغانلىقى ئېنىقلانغان مەھسۇلاتلارنى قارا تىزىملىككە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا سېلىنىشىنى چەكلىگەن. بىراق ئامېرىكا تاموژناسىنىڭ قىممىتى 800 دوللاردىن تۆۋەن پوسۇلكىلارنى تەكشۈرمەيدىغان ھەمدە تاموژنا بېجى ئالمايدىغان سىياسىتى، خىتاينىڭ «شېيىن» ۋە «تېمۇ» قاتارلىق تور پارچە ساتقۇچىلىرى تەرىپىدىن سېتىلىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا بىمالال كىرىشىگە يول ئېچىپ بەرگەن.
ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان «بلۇمبېرگ گېزىتى» 2022-يىلىدىلا «تېمۇ» غا ئوخشاپ كېتىدىغان «شېيىن» ناملىق تور بەتتە سېتىلىۋاتقان كىيىم-كېچەكلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىدىغان ۋە دۇنيادا «شىنجاڭ پاختىسى» دەپ تونۇلىدىغان پاختىلار بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى رەسمىي تەجرىبىخانىلاردا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىققان.
مەلۇم بولۇشىچە، «شېيىن» ۋە «تېمۇ» قاتارلىق خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق نەرسىلەرنى ساتىدىغان تور پارچە ساتقۇچىلىرىنىڭ ئامېرىكادا قىلىۋاتقان سودىسىنىڭ قىممىتى نەچچە مىليارد دوللارغا يېتىدىغان بولۇپ، سەل قاراشقا بولمايدىغان دەرىجىدە زور ئىكەن. 2023-يىلىنىڭ ئىچىدىلا «ئەڭ تۆۋەن چەك بەلگىلىمىسى» بىلەن ئامېرىكا بازىرىغا كىرگەن پوسۇلكىنىڭ سانى بىر مىلياردتىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ مۇتلەق كۆپى خىتايدىن كەلگەن.
ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى تىجارەت باشقارمىسىنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى كېۋىن خۇلبېرت «نيۇ-يورك پوچتىسى» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن:
«‹تېمۇ›دا سېتىلىۋاتقان ماللارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئەرزان بولۇشى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ كىشىلەرنىڭ بىر كىيىمنى تىكىپ، ئۇنى دۇنيانىڭ يەنە بىر تەرىپىگە توشۇپ، ئاندىن ئۇنى ئاران 8-10 دوللارغا سېتىشىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. بۇ سىزدە بۇ كىشىلەر بۇنى قانداق قىلىۋاتىدۇ، دەپ سوئال پەيدا قىلىدۇ.»
كېۋىن خۇلبېرت ئەپەندى سۆزىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق تور بەتلەرنىڭ ئۆزىنى سوراپ، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلىرىغا پىسەنت قىلماسلىقى، ئۇلارغا ئۇنداق ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئىمكانىيىتى بېرىلمەسلىكى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، «تېمۇ» غا ئوخشاش خىتاي تور پارچە ساتقۇچىلىرىنىڭ ئامېرىكالىق ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ چوقۇم چەكلىنىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى «تېمۇ» ئەپىنىڭ ھەم قوللانغۇچىلار ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنىمۇ تەكشۈرمەكتىكەن. خىتاي ئەپلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى «تىك-توك» ئەپىنىڭ ئۆز قوللانغۇچىلىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى خىتايدىكى باش مەركىزى بولغان ByteDance نىڭ ساندانىغا ئەۋەتىدىغانلىقى ۋە ھەمدە ئۇنىڭ يەنە تېلېفونلارنىڭ يۇمشاق دېتالىنى كونترول قىلالايدىغانلىقىنىڭ ئاشكارىلىنىشى بىلەن دىققەت قوزغاشقا باشلىغان. ئەينى چاغدا ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەدە چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى ئالدىنقى 10 قاتاردا بولغان «كەپكات» (CapCut)، «شېين» (Shein) ۋە «تېمۇ» (Temu) قاتارلىق خىتاي ئەپلىرىنىڭمۇ بىخەتەرلىك يوچۇقلىرى بارلىقى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان.
بىز «تېمۇ» شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىشكە تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن جاۋاب ئالالمىدۇق.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ، «تېمۇ» غا ئوخشاش خىتاي ئەپلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا زىيان سەپلا قالماي، ئامېرىكالىق ئىستېمالچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى رون ۋايدېن بىلەن كېڭەش پالاتاسى بانكا ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى شېرود بروۋېن ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى سۇزان كوللىنس قاتارلىقلار بۇ يىل 8-ئايدا خىتاينىڭ «تېمۇ» ۋە «شيىن» تور بەتلىرىدىكى ماللارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا توسالغۇسىز كىرىشىنى چەكلەش ئۈچۈن ئامېرىكا تاموژناسىدىكى «ئەڭ تۆۋەن چەك بەلگىلىمىسى» نى بىكار قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان ئىدى.
بۇ قانۇن لايىھەسى توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە كىيىم-كېچەكلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەك بەلگىلىمىسى ئارقىلىق ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەش بىلەن بىرگە يەنە، بۇ تور بەتلەردە سېتىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان مەھسۇلاتلاردىن توشۇش ھەققى ئېلىشنىمۇ تەلەپ قىلىدىكەن. بۇ قانۇن لايىھەسى يەنە، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك ئىمپورتىغا چەكلىمە قويۇش ۋە يېڭى ھەقلەرنى بېكىتكەندىن باشقا يەنە، ئەڭ تۆۋەن چەك بەلگىلىمىسى ئارقىلىق ئامېرىكاغا كىرىۋاتقان ھەرقانداق بىر مەھسۇلاتنىڭ سانى ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا بۇ مەھسۇلاتنى چەكلەش ھوقۇقى بېرىدىكەن. ئۇ ھەم ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا دائىرىلىرىنىڭ تاموژنادا ماللارنى تۇتۇپ قېلىش ۋە يوقىتىش ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرىدىكەن.
بۇ قانۇن لايىھەسى ئەينى چاغدا ئامېرىكادىكى نۇرغۇنلىغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى، ساقچى تەشكىلاتلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.