«تەڭرى تاغلىرىدىن ئەرجىيېس ئېتەكلىرىگە كۆچۈش ھېكايىلىرى» ناملىق كىتاب ئىستانبۇلدا نەشردىن چىقتى

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2023.11.27
tarimdin-kochush-01 «تەڭرى تاغلىرىدىن ئەرجىيېس ئېتەكلىرىگە كۆچۈش ھېكايىلىرى» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى
RFA/Arslan

ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم يازغان «تەڭرى تاغلىرىدىن ئەرجىيېس ئېتەكلىرىگە كۆچۈش ھېكايىلىرى» ناملىق كىتاب ئىستانبۇلدا نەشردىن چىقتى.

بۇ كىتابتا خىتاي زۇلۇمى سەۋەبىدىن ئۆز يۇرتلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ 1961-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىن ئافغانىستانغا كۆچۈپ بارغان ۋە كېيىن 1965-يىلى ئافغانىستاندىن تۈركىيە كۆچۈپ بېرىپ قەيسەرى شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈش سەپەرلىرى جەريانىدا بېشىدىن ئۆتكەن ئاچچىق سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىنىدۇ.

«تۆرە دۆلەت نەشرىياتى» نىڭ كىتابخانىسىدا «تەڭرى تاغلىرىدىن ئەرجىيېس ئېتەكلىرىگە كۆچۈش ھېكايىلىرى» ناملىق كىتاب توغرىسىدا ئىمزا قويۇش ۋە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان كۆرۈنۈش، 2023-يىلى 25-نويابىر، ئىستانبۇل
«تۆرە دۆلەت نەشرىياتى» نىڭ كىتابخانىسىدا «تەڭرى تاغلىرىدىن ئەرجىيېس ئېتەكلىرىگە كۆچۈش ھېكايىلىرى» ناملىق كىتاب توغرىسىدا ئىمزا قويۇش ۋە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان كۆرۈنۈش، 2023-يىلى 25-نويابىر، ئىستانبۇل
RFA/Arslan

تۈرك تىلىدا يېزىلغان بۇ كىتاب ئىستانبۇلدىكى «تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى ۋەخپى» تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلىنىپ، «تۆرە دۆلەت نەشرىياتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ۋە ئىستانبۇلدىكى ھەر قايسى كىتابخانىلارغا سېلىنغان.

25-نويابىر شەنبە كۈنى «تۆرە دۆلەت نەشرىياتى» نىڭ كىتابخانىسىدا بۇ كىتاب توغرىسىدا ئىمزا قويۇش ۋە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ سۆھبەت يىغىنىغا ئۇيغۇر ۋە تۈرك بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. سۆھبەت يىغىنىدا كىتابنىڭ ئاپتورى نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم سۆز قىلىپ، بۇ كىتابتىكى ئاساسىي مەزمۇنلار توغرىسىدا توختالدى.

 كېيىن يەنە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىمنىڭ يولدىشى ھامۇت كۆكتۈرك سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەينى زاماندا ئۇيغۇر دىيارىدىن يولغا چىقىپ ئافغانىستانغا يوللاردا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلار كېيىن تۈركىيەگە قانداق بارغانلىقى توغرىسىدا توختالدى.

بۇ يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ كىتابقا قىزىقتى ۋە ئۇنى سېتىۋېلىپ ئاپتورغا ئىمزا قويدۇردى.

«تۆرە دۆلەت نەشرىياتى» نىڭ كىتابخانىسىدا «تەڭرى تاغلىرىدىن ئەرجىيېس ئېتەكلىرىگە كۆچۈش ھېكايىلىرى» ناملىق كىتاب توغرىسىدا ئىمزا قويۇش ۋە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان كۆرۈنۈش، 2023-يىلى 25-نويابىر، ئىستانبۇل
«تۆرە دۆلەت نەشرىياتى» نىڭ كىتابخانىسىدا «تەڭرى تاغلىرىدىن ئەرجىيېس ئېتەكلىرىگە كۆچۈش ھېكايىلىرى» ناملىق كىتاب توغرىسىدا ئىمزا قويۇش ۋە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان كۆرۈنۈش، 2023-يىلى 25-نويابىر، ئىستانبۇل
RFA/Arslan

بىز بۇ كىتاب توغرىسىدا تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كىتابنىڭ ئاپتورى نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ بۇ كىتابنى دادىسىنىڭ ۋەسىيىتىگە بىنائەن يازغانلىقىنى، بۇ كىتابتا، 1961-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يەكەن شەھىرىدىن خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ چىققانلارنىڭ سەپەر جەريانىدا بېشىدىن ئۆتكەن سەرگۈزەشتلىرىنى ئاتا-ئانىسى ۋە مەمەت قاسىم جان تۈرك قاتارلىق چوڭلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ يېزىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ كىتاب ئىككى بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئىككىنچى بۆلۈمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ئۇيغۇر تىلى توغرىسىدا مەلۇماتلار بېرىلگەن.

 نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە كارۋانغا قېتىلىپ يولغا چىققان ۋاقىتتا ئۈچ-تۆت ياش ئەتراپىدا ئىكەن.

1961-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىن ئافغانىستانغا بارغان ئۇيغۇرلار بىر ئاي ئارىلىق بىلەن 5-ئاي-6-ئاي ۋە 7-ئايدا ئۈچكە بۆلۈنۈپ يەكەندىن يولغا چىققان بولۇپ، بۇلارنىڭ سانى ئەر-ئايال ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ جەمئىي 382 كىشىدىن تەركىب تاپقان ئىكەن. ئۇلار كارۋان بولۇپ ئارقا-ئارقىدىن ئافغانىستانغا كەلگەندىن كېيىن، كابۇلدا چوڭلار ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ «شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلار جەمئىيىتى» ناملىق بىر جەمئىيەت قۇرغان ۋە بۇ جەمئىيەت نامىدىن بىر قانچە دۆلەتنىڭ كابۇلدىكى ئەلچىخانىلىرىغا خەت يېزىپ پاناھلىق تەلەپ قىلغانىكەن.

ئۇلار يەنە شۇ ۋاقىتتا تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان لىدېرلىرىدىن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن قاتارلىقلار بىلەن ئالاقە قىلغان ئىكەن، نەتىجىدە 8 دۆلەتتىن ئۇلارنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ ئۇلار تۈركىيەگە كېتىشنى تاللىغان ئىكەن. ئۇلار ئافغانىستاندا تۆت يىل تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئۇلارنى مۇقىم مۇھاجىرلار قاتارىدا قوبۇل قىلىپ، مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىپ، قەيسەرى شەھىرىگە مەخسۇس مەھەللە قۇرۇپ ئۆي سېلىپ ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن.

بۇ كىتابتا مۇھاجىرەت يولىغا قەدەم باسقان ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن كارۋاننىڭ سەپەر جەريانىدا يوللارنى، تاغ داۋانلارنى قانداق ئاشقانلىقى، قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكى تەپسىلىي يېزىلغان.

نۇرئەلا خانىم مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزمۇ ۋەتەننى ئۇنتۇپ قالماي، قەيەردىن كەلدۇق، ۋەتەندە نېمە ئىشلا يۈز بېرىۋاتىدۇ، بۇلارنى بىلىشى كېرەك، چۈنكى دۇنيادا ئەڭ خارلانغان، ئەڭ زارلانغان ۋە قىيىن ئەھۋالدا قالغان مىللەت شەرقىي تۈركىستان مىللىتىدۇر، بىزنىڭ مىللىتىمىزدىن باشقا بىر مىللەت بۇنچىۋالا ئەزىيەتكە، بۇنچىۋالا زۇلۇمغا دۇچار بولۇپ، بۇنچىۋالا ئۇزۇن يىل دۈشمەننىڭ قولىدا قېلىپ قالغان ئەمەس، بىز غەيرەت قىلىپ يۈرەك ۋە بىلەكلىرىمىزنى بىرلەشتۈرگەن كۈنى خۇدايىم بۇيرۇسا ۋەتىنىمىزنى قولىمىزغا ئالىمىز» .

«تۆرە دۆلەت نەشرىياتى» نىڭ كىتابخانىسىدا «تەڭرى تاغلىرىدىن ئەرجىيېس ئېتەكلىرىگە كۆچۈش ھېكايىلىرى» ناملىق كىتاب توغرىسىدا ئىمزا قويۇش ۋە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان كۆرۈنۈش، 2023-يىلى 25-نويابىر، ئىستانبۇل
«تۆرە دۆلەت نەشرىياتى» نىڭ كىتابخانىسىدا «تەڭرى تاغلىرىدىن ئەرجىيېس ئېتەكلىرىگە كۆچۈش ھېكايىلىرى» ناملىق كىتاب توغرىسىدا ئىمزا قويۇش ۋە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان كۆرۈنۈش، 2023-يىلى 25-نويابىر، ئىستانبۇل
RFA/Arslan

بىز يەنە بۇ كىتاب توغرىسىدا كۆز-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ كىتابنى نەشر قىلدۇرغان «تۆرە دۆلەت نەشرىياتى» نىڭ مەسئۇلى، شۇنداقلا «مىللىي دۆلەت گېزىتى» نىڭ باش تەھرىرى بەركان سۆزەر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

بەركان سۆزەر ئەپەندى بۇ كىتاب توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۆتمۈشتە ئوخشىمىغان ۋاقىتلىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە ئۇيغۇرلار كۆچۈپ كەلدى، يالغۇز ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، دۇنيانىڭ قەيىرىدە بىر تۈرك بېشىغا بىر ئىش كەلگەن بولسا، ئانا ۋەتەن تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن ئەھۋاللار مەۋجۇت. بۇ كىتابتىكى ھېكايىلەر ئەسلىدە تۈركىيەنىڭ تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ئاسارەتكە ئۇچرىغان تۈركلەر ئارىسىدا ئەڭ كۆپ زۇلۇمغا ئۇچرىغان، ئەڭ كۆپ قىيىنچىلىقتا قالغان يەرلەردىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ، بۇ كىتابنى مەن بەك ئەھمىيەتلىك دەپ قارايمەن، تۈركىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ۋە ياكى ياۋروپا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان شەرقىي تۈركىستانلىق ياشلار بۇ كىتابنى چوقۇم ئوقۇپ چىقىشى كېرەك. چۈنكى ئۇيغۇر ياشلار جۇغراپىيە جەھەتتىن ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىدىن يىراقتا بولسىمۇ قەلب رىشتىنىڭ يېقىن بولۇشى ئۈچۈن بۇنداق كىتابلارنى ئوقۇسا ياخشى دەپ قارايمەن» .

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قەيسەرىدە ھازىر جەمئىي 2000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن 1965-يىلى ئافغانىستان ئارقىلىق كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار ۋە 2014-يىلىدىن كېيىن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.