ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سۈرىيىگە جازا قوللىنىش قارارىنى رەسمىي ئېلان قىلدى

ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 2011 - يىلى27 - نويابىر يەكشەنبە كۈنى مىسىر پايتەختى قاھىرە شەھىرىدە چاقىرىلغان چوڭ يىغىنىدا، سۈرىيىگە جازا قوللىنىش قارارى رەسمىي ئېلان قىلىندى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2011.11.28
suriye-namayish-305 سۈرىيىنىڭ دەرئا شەھىرىدىكى نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش2011-يىل27-نويابىر.
Photo: RFA

لوندوندا چىقىدىغان«ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2011 - يىلى28 - نويابىر كۈنىدىكى سانىدا، «ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سۈرىيىگە جازا قوللاندى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان:«ئەرەب دۆلەتلىرى 1945 - يىلى قۇرۇلغان خەلقئارالىق تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈنكىدەك جىددىي قارار چىقارمىغان ئىدى. ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتىكى قارارى 60 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بىرى ئالغان ئەڭ كەسكىن قارار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ تۇرماستىن ئادەم ئۆلتۈرۈش، تۇتقۇن قىلىش ۋە قىيناش قاتارلىق ۋەھشىي جىنايەتلىرىگە سۇكۇت قىلىپ تۇرۇشقا بولمايتتى. ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى مۇندىن بۇرۇن سۈرىيە مەسئۇللىرىنى ئاگاھلاندۇرغان، خەلقنى قانلىق باستۇرۇشنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋەتلىرىدىن خەۋەردار قىلغان بولسىمۇ، سۈرىيە ھاكىمىيىتى بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىغان ۋە بارغانسېرى غالجىرلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئاخىرىدا ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە قارشى جازا قوللىنىشتىن باشقا چارىسى قالمىغان. ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتىكى قارارىغا ئىراق بىلەن لىۋاندىن باشقا جەمى 19 ئەرەب دۆلىتىنىڭ ھەممىسى قوشۇلغان.»

سۈرىيىگە قارشى ئېلان قىلىنغان جازانىڭ تېكىستى تۆۋەندىكىچە :

ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە قارشى تۆۋەندىكى جازانى رەسمىي قارار قىلدى.

1.سۈرىيىلىك ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىنى ئەرەب دۆلەتلىرىگە سەپەر قىلىشتىن توسۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى بانكا ھېساباتلىرىنى توڭلىتىش.
2.سۈرىيە مەركىزى بانكىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى توختىتىش.
3.سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئارا سودىلارنى توختىتىش.
4.سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى مال - مۈلكىنى ۋە بانكا ھېسابلىرىنى توڭلىتىش.
5.سۈرىيىگە ۋە سۈرىيىدىن ئەرەب دۆلەتلىرىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش.
6.سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىدىن ئالىدىغان پۈتۈن ياردەملىرىنى توختىتىش.
7.ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ سۈرىيە زېمىنىدا پىلانىلىغان قۇرۇلۇشلىرىنى توختىتىش.
8.ئەرەب دۆلەتلىرىدىن سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە پۇل يۆتكەش ئىشلىرىنى توختىتىش.
9.سۈرىيە خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىنسانىي ئېھتىياجلاردىن باشقا نەرسىلەرنى سۈرىيىگە كىرىشتىن توسۇش.
10.قاتار دۆلىتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەخسۇس كومىتېت تەشكىللەپ سۈرىيىلىك ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىنىڭ ئىسىملىرىنى تىزىملاپ چىقىپ ئۇلارغا چارە قوللىنىش.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.