كانادادا سودىدا خىتايغا ئىشەنمەسلىك ئىنكاسلىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە

9-ئاينىڭ 25-كۈنى كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوھن بائىرد، كانادانىڭ دېموكراتىك پرىنسىپلارنى ۋە ئىنسان ھەقلىرى قىممەت كۆز قارىشىنى، سودا مەنپەئەتكە ساتمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، خىتاي بىلەن بولغان سودىدا ئېھتىياتچان بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رۇقىيە
2012.10.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
john-baird-kanada-305.png كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون بائىرد ئەپەندى شاڭخەيدە
AFP

ئۇ يەنە كانادانىڭ سودىدا خىتايغىلا قاراپ قالماي، ياپونىيە، ھىندىستان، جەنۇبىي كورىيە، تايلاند قاتارلىق 10 نەچچە دۆلەتكە كېڭىيىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

خىتاينىڭ نېفىت ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ كانادا نېفىت شىركىتىنى سېتىۋېلىشى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ سودىدىن كېلىدىغان ساپ پايدىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقى، خىتايغا ئوخشاش ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان بىر دۆلەتكە ئىشىنىپ، بۇ تۈردىكى چوڭ سودىغا تەۋەككۈل قىلىشنىڭ كانادالىقلارنىڭ قىممەت قارىشىغا يات ئىكەنلىكى ۋە كانادالىقلارنىڭ خىتاينىڭ كانادادىكى تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇشىغا سەزگۈر بولۇشى، كانادا ھۆكۈمىتىنى ۋە سودا شىركەتلىرىنى قاتتىق ئىككىلەندۈرگەن ئىدى. نەتىجىدە، بۇ سودىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن ئىكەنلىكى، تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ئىپادىلىنىشكە باشلىدى.

كانادا مەتبۇئاتلىرى، جوھن بائىردنىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى قاتتىق تەكىتلىشى، كانادا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە يازغان خېتىنىڭ تەسىرىدىن ۋە شۇنداقلا كانادا پۇقرالىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان بۇ سودىغا قارشى چىققانلىقىدىن دەپ قارايدۇ.

بىز بۇ ھەقتە كانادانىڭ بېيجىڭدىكى سابىق ئەلچىسى، ھازىر كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى پروگراممىلىرىغا مەسلىھەتچىلىك قىلىۋاتقان بروكك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور چارلىس بۇرتون بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
‏-خىتاي ھۆكۈمىتى ئاغزىدا داۋاملىق سودىدا ئۆز-ئارا ئىشىنىش ۋە ھۆرمەت قىلىشنى تەكىتلەيدۇ، سىز خىتاينىڭ بۇ خىل سەمىمىيلىك پەلسەپىسىگە قانداق قارايسىز؟

‏-خىتاينىڭ سۆزى بىلەن ئەمەلىيىتى باشقا، بىر تەرەپتىن سودىنى سىياسەتكە ئارىلاشتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلىپ، كانادانىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىگە ئارىلىشىشىغا قارشى چىقىدۇ ۋە داۋاملىق سودا مەسىلىسى بازار ئېھتىياجىغا قۇرۇلغان، دۆلەت سىياسىتى بىلەن ئالاقىسى يوق دەيدۇ. ئەمما، ئەگەر باشقا دۆلەتلەر ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسىنى تىلغا ئالسا، دەرھال ئۇ دۆلەت بىلەن بولغان سودىغا ئارىلىشىپ، ئۇ دۆلەتلەردىن كىرىدىغان ماللارنى قىسىدۇ. مەسىلەن، كانادا بىرەر سودىنى رەت قىلسا، دەرھال بۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى دەيدۇ.

‏-سىزنىڭمۇ خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك، كانادادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ نەخەن سودىسىدىن پايدىلىنىپ خىتايغا ئىنسان ھەقلىرىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىپ بېسىم قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. سىزنىڭچە كانادا، سودا ئارقىلىق خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ھەقىقەتەن تەسىر كۆرسىتەلەمدۇ؟

‏-مەن بۇ جەھەتتە بەكمۇ ئۈمىدۋار ئەمەس. ئەمما خىتاي بىلەن بولغان سودىدىن پايدىلىنىپ خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا بويسۇنۇشىنى ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز ۋە كۈچەيتىشىمىز كېرەك. چۈنكى، خىتايدىكى ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە باشقا ھەقسىزلىققا ئۇچراۋاتقان خىتاي خەلقىنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا، ھازىرچە قولىمىزدىكى سودىدىن ئىبارەت بۇ كوزۇردىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنالمىساق خاتالاشقان بولىمىز.

‏-بۈگۈنگە قەدەر نۇرغۇن سىياسىي ئانالىزچىلار، ئەگەر خىتاي بىلەن سودىدا ھەمكارلىشىپ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كۈچىيىشىگە يول قويساق، خىتاي بېيىغانسېرى ئۆزلۈكىدىن دېموكراتىيىلىشىپ، ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتە ئىلگىرىلەش پەيدا قىلىدۇ دەپ قاراپ، خىتاي بىلەن زىچ سودا مۇناسىۋىتىنى ساقلاشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

‏-خىتاينىڭ ئىقتىسادتا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويغىنىغا 30 يىلدىن ئاشتى، ئەمما سىياسىي جەھەتتە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. گەرچە 1998-يىلى پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش دېگەن خەلقئارالىق قانۇنغا قول قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزلىرى خىتاي پۇقراسى دەپ ئېتىراپ قىلغان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللار ۋە شۇنداقلا باشقا ھەققانىيلىق تەلەپ قىلغان خىتاي پۇقرالىرىغا قاراتقان باستۇرۇشنى، قىيىن-قىستاق ۋە قاماققا ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. دېمەك بۇ، خىتاينىڭ ئىقتىسادى كۈچەيگەنسېرى ئىنسان ھەقلىرى ئۆزلۈكىدىن ياخشىلىنىدىغانلىقىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بىز خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىدە ئىنسان ھەقلىرىنى چوقۇم بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك.

‏-ئەگەر كانادا، خىتايدىكى بىر قىسىم ئىنسان ھەقلىرىنى ياخشىلاش بەدىلىگە نەخەننى خىتايغا سېتىپ بەرسە، بۇ، خىتاينىڭ نەخەننى سېتىۋالغاندىن كېيىنكى كاناداغا بولغان سىياسىي تەسىرىنى كۆزدە تۇتمىغانلىق بولامدۇ؟

‏-ئەگەر نەخەن خىتايغا سېتىۋېتىلسە، كانادا ھۆكۈمىتى چوقۇم بىخەتەرلىك ئاگېنتلىقلىرىنى ئىشقا سېلىپ سېتىپ ئالغان خىتاي شىركەتلىرىنى ۋە بۇ شىركەت بىلەن كاناداغا كەلگەن خىتايلارنى قاتتىق كۆزىتىشى كېرەك. مېنىڭچە، ئەگەر خىتاي كانادانىڭ بارلىق شەرتلىرىگە قوشۇلغان ۋە بەزى ئىنسان ھەقلىرىنى ياخشىلىغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر بىز ئەندىشە قىلغاندەك، نەخەننىڭ سېتىلىشى خىتاينىڭ باشقا نۇرغۇن شىركەتلىرىنىڭ كاناداغا كىرىشىگە يول ئاچسا، ئۇ ھالدا كانادا دىپلوماتىك جەھەتتە خىتايغا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېسىم قىلىشتا ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ. چۈنكى، مەن ھازىر خىتاي تۈزۈلمىسىنىڭ ئىچكى ھوقۇق تالىشىش نەتىجىسىدە ئاجىزلىشىشى،خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ دۆلەتنى ئىگىلىشىنى پەيدا قىلىپ، خىتاينى تېخىمۇ مىللەتچى قىلىۋېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن. بۇنداق بولغاندا خىتاي، ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا ھەقسىزلىققا ئۇچراۋاتقانلارنى تېخىمۇ زورلۇق بىلەن باستۇرۇشى، ئىنسان ھەقلىرىنى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ دەپسەندە قىلىشى مۇمكىن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.