«پەقەت مىسىردىلا ئەسكەر ھاكىمىيەت ئىشىغا ئارىلىشىۋالدى»

مىسىردىكى رەئىسلىق سايلىمىدا، ئىخۋانۇلمۇسلىمۇن( مۇسۇلمان قېرىنداشلار) جامائىتىنىڭ نامزاتى دوكتور مۇھەممەد مۇرسىنىڭ مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتىنىڭ 5 - رەئىسى بولۇپ سايلانغانلىقى 2012 - يىلى24 - ئىيۇن كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىندى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012.06.26
misir-muhammad-mursi-305.png مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمىيىتىنىڭ ۋەكىلى مۇھەممەد مۇسرىنىڭ قوللىغۇچىلىرى نامايىشتا
AFP


تەھلىلچىلەر بۇ ھەقتە ھەر خىل مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بەزىسى بۇ ئۆزگىرىشنى ئەرەب دۇنياسىنىڭ يېقىن كېلىچىكىنىڭ غەلىبىسىنىڭ بىشارىتى دەپ سانىسا، بەزىسى ھەقىقىي دېموكراتىيە كۈرىشىنىڭ باشلىنىشى دەپ تەھلىل قىلماقتا. نېمىلا بولمىسۇن، مىسىردا خەلقنىڭ ئىرادىسى ئەمەلگە ئېشىپ، مىسىر تارىخىدا تۇنجى ئەركىن سايلامنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى بىر ئەمەلىيەتتۇر.

لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2012 - يىلى25 - ئىيۇن سانىدا، يازغۇچى تارىق ھەمىدنىڭ قەلىمى بىلەن«دوكتور مۇرسى ئىرانچىمۇ ياكى تۈركىيىچىمۇ؟» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«مىسىر ئەرەب دۇنياسىنىڭ بېشى ۋە ئەڭ ئاساسلىق مەركىزى بولۇش سۈپىتىدە، غەلىبىسى ياكى مەغلۇبىيىتى بىلەن ئەرەب دۇنياسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن دۇنيانىڭ، خۇسۇسەن ئەرەب دۇنياسىنىڭ كۆزى مىسىردا بولماقتا. مىسىر خەلقى ئومۇمەن ئىسلامىي ئېقىمنى قوللايدۇ. دوكتور مۇھەممەد مۇرسىنىڭ يۈزدە51 پىرسەنت ئاۋاز بىلەن رەئىسلىق سايلىمىدا ئۇتۇپ چىققانلىقى ۋە مۇرسىنىڭ رەقىبى بولغان ئەھمەد شەفىقنىڭ ساختا ئاۋاز قوللاندى دېگەن داۋالار بىلەن بىرلىكتە 47پىرسەنت ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكى بۇنىڭ ئەمەلىي ئىسپاتى. ئەمدى مىسىر چوڭ ۋە قىيىن بىر ئېمتىھان ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. مىسىر ئىرانغىمۇ، تۈركىيىگىمۇ ئوخشىمايدۇ. مىسىر ۋەزىيىتى باشقا ھېچبىر مەملىكەتنىڭ ۋەزىيىتىگە ئوخشىمايدىغان بىر ۋەزىيەتتۇر. مىسىردا ئەسكەرنىڭ نوپۇزى كۈچلۈك بولۇپ كەلمەكتە. ھەتتا دوكتۇر مۇرسىنى ئۇتقۇزماسلىق ۋە مۇبارەكنىڭ ئادەملىرىدىن بولغان ئەھمەد شەفىقنى ئۇتقۇزۇش ئۈچۈن مىسىر ئارمىيىسىنىڭ ساختا ئاۋاز قوللانغانلىقىغا دائىر دەلىل - ئىسپاتلارمۇ ئېلان قىلىندى. ئۇلارنىڭ يەنە قانداق سۇيىقەستلەرنى پىلانلايدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. مۇشۇنداق خەتەر ئاستىدا دوكتور مۇرسى مىسىردا ئىسلاھات باشلىماقچى. ئۇ بۇ ئەھۋالدا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەب تاييىپ ئەردۇغاننىڭ تەجرىبىسىدىن پايدىلىنامدۇ ياكى ئىراننىڭ خۇمەينىسىنىڭمۇ؟ بۇنى ئالدىمىزدىكى كۈنلەر بەلگىلەيدۇ.»

پەقەت مىسىردىلا.....

مەزكۇر گېزىتتە يەنە «پەقەت مىسىردىلا.....» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان:«پەقەت مىسىردىلا ئەسكەر ھاكىمىيەت ئىشىغا ئارىلىشىۋالدى. پەقەت مىسىردىلا ئەسكەر پارلامېنتنى ئېتىراپ قىلمىدى. پەقەت مىسىردىلا ئەسكەر ساختا ئاۋاز توپلىدى. پەقەت مىسىردىلا ئەسكەر تەختتىن چۈشكەن دىكتاتورنىڭ ئادەملىرىنى قوللىدى. پەقەت مىسىردىلا ئەسكەر دىكتاتورلۇق تۈزۈمىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن تىرىشتى. پەقەت مىسىردىلا ئەسكەر سايلام نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش ئىشىنى كېچىكتۈردى. پەقەت مىسىردىلا ئەسكەر خەلقنىڭ تاللاش ھەققىنى بوغۇپ تاشلىماقچى بولدى. پەقەت مىسىردىلا ئەسكەر خەلقنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.