مىسىردىكى ئىخۋانلار ۋە ئىراننىڭ تەجرىبىسى
2012.08.24

مۇندىن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى ئىككى دۆلەت دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش مەقسىتىدە 1948 - يىلى ئىراننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى شاھى مۇھەممەد رىزا بەھلەۋى مىسىرى پادىشاھى فارۇقنىڭ سىڭلىسى فەۋزىيەگە ئۆيلەنگەن. ئەمما بىر يىلدىن كېيىنلا ئۇلار ئاجرىشىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن بىرى بىر زامان مىسىر - ئىران دوستلۇقى دۈشمەنلىككە ئۆزگەرگەن.
ئەمما مىسىر رەئىسى ئەنۋەر سادات دەۋرىدە ئىران شاھى مۇھەممەد رىزا بەھلەۋى ئەنۋەر ساداتنىڭ 1973 - يىلىدىكى ئىسرائىلىيىگە قارشى ئۇرۇشىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ۋە شاھ بىلەن سادات ئوتتۇرىسىدا قويۇق دوستلۇق ئورنىتىلغان. ھەتتا شاھ ئىراندىن قوغلانغان ۋاقىتتىمۇ، مىسىر ئۇنىڭغا ئۆز دۆلىتىدە ۋاقىتلىق پاناھ بەرگەن. بۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، ئىراننىڭ خۇمەينىسى ساداتقا بەك ئۆچ بولغان. ساداتنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن خالىد ئىسلامبۇلى دېگەن ئادەمنىڭ نامىنى ئۇلۇغلايدىغان، ھەتتا ئۇنىڭ سۈرىتىنى ئىراندا پۇچتا ماركىلىرىغا چاپلاپ تارقىتىدىغان دەرىجىگە يەتكەن.
مۇبارەك زامانىدا ئىران بىلەن مىسىرنىڭ مۇناسىۋىتى ياكى دوستلۇق ئەمەس ياكى دۈشمەنلىك ئەمەس، ئوتتۇرىدا داۋام قىلغان. ئەمما مۇبارەك تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئىران مىسىر ۋەزىيىتىنى يىراقتىن كۆزىتىش ۋە ئارىلاشماسلىق يولىنى تاللىغان.
ئەمدى مىسىردا ئىخۋانۇلمۇسلىمۇن جامائىتى سايلامدا قازىنىپ، دوكتور مۇھەممەد مۇرسى مىسىرغا رەئىس بولغاندىن كېيىن، ئىران بىردىنلا مىسىرغا يېقىنلىشىدىغان بولۇپ قالغان.
زادى مىسىردىكى ئىخۋانۇلمۇسلىمۇن جامائىتىنىڭ ئىراندىكى خۇمەينى ئىنقىلابى بىلەن بولغان ئالاقىسى قانچىلىك دەرىجىدە؟ بۇ ھەقتە ئەرەب دۇنياسىنىڭ مۇتەپەككۇرلىرى ئوخشاش بولمىغان پىكىر - مۇلاھىزىلىرىنى يۈرۈتۈپ كەلمەكتە.
لوندوندا چىقىدىغان«ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2012 - يىلى23 - ئاۋغۇست سانىدا، يازغۇچى ئابدۇراھمان راشىد تەرىپىدىن«ئىخۋان ۋە ئىران تەجرىبىسى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«مىسىردىكى ئىخۋان جامائىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئىخۋانلار بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتى ھەممىگە ئايان. مىسىر، پەلەستىن، سۈرىيە، ئېئوردانىيە، يەمەن، ئىراق ۋە باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى ئىخۋانۇلمۇسلىمۇن جامائىتىنىڭ يىلتىزى بىر. ئەمما مىسىردىكى ئىخۋاننىڭ ئىراندىكى خۇمەينى دۆلىىتى بىلەن بولغان ئالاقىسى قانچىلىك دەرىجىدە دېگەن سوئال مۇھىم. بەزىلەر مىسىردىكى ئىخۋان بىلەن ئىراندىكى خۇمەينى دۆلىتىنىڭ ئالاقىسىنىڭ ناھايىتى قويۇق ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدۇ. ئەگەر ئەھۋال شۇنداق بولسا، مۇھەممەد مۇرسى ئىران ئىنقىلابىنىڭ تەجرىبىسىنى تۇتماقچى بولسا، مىسىرنى تويۇق يولغا كىرگۈزۈپ قويىدۇ ۋە زىيان تارتىدۇ. ئەگەر ئۇ تۈركىيىنىڭ تەجرىبىسىنى تۇتىدىغان بولسا، چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ، دەپ كەسكىن ئېيتىشقا بولىدۇ. چۈنكى ئىراندىكى خۇمەينى ئىنقىلابىنىڭ سەمەرىسى بولغان ھاكىمىيەت كۈندىن - كۈنگە ئارقىغا چېكىنىشكە باشلىغان بولۇپ، مەغلۇپ بولىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئورنىنى دېموكراتىيەنىڭ ئالىدىغانلىقى ئېنىق. ئەمما تۈركىيە تۇرماستىن ئىلگىرىلەپ ماڭماقتا ۋە دېموكراتىيەنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرماقتا.»
مۇرسىنىڭ پىلانى قانداق؟
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«مىسىر رەئىسى دوكتور مۇھەممەد مۇرسىنىڭ پىلانىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن تېخى بالدۇر. چۈنكى ئۇ، يا ئىراننىڭ ياكى تۈركىيىنىڭ يولىنى تۇتىدىغانلىقى توغرىلىق بايانات ئېلان قىلمىغان ئىكەن، بىز كېسىپ بىر نەرسە دېيەلمەيمىز. ئۇنىڭ ھازىرغىچە قىلىۋاتقان يېڭىلىقلىرىدىن ئۇنىڭ تۈركىيىنىڭ ئەردوغانى بولۇشنى خالايدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئەسكەر قوماندانلارنى دەم ئېلىشقا چىقىرىۋېتىپ، ئورنىغا باشقىلارنى سەپلىگەنلىكى، 60 يىللىق ئەسكەر ھاكىمىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى بۇنىڭ مىسالى. ئەمما، سىياسەتچىلەرنىڭ ئىشلىرىنى بىلىپ بولماق قىيىن. مۇرسىنىڭ ئىران تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىشنى ئويلىغان بولۇشىمۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. چۈنكى، مىسىردا خۇمەينى ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك. ئەمما شۇ ئېنىقكى، ئىراندا بولۇپ ئۆتكەن 1979 - يىلىدىكى ئىنقىلاب مىسىردا بولغان 2011 - يىلدىكىسىگە ئوخشىمايدۇ، ھەمدە ئىران شىمالىي كۇرىيىگە ئوخشاش كۈچىنى كۆرسەتمەكچى بولغان بىر دۆلەت. ئۇنى ئىسلام دۆلەتلىرىگە ئوخشاتقىلى بولمايدۇ. گەپنىڭ قىسقىسى، ئىران دېموكراتىيە ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مەغلۇبىيەت ئۈچۈن ئۈلگە بولالايدۇ. شۇڭا ئەقىللىق بولۇش كېرەككى، مەغلۇبلارنى ئەمەس، غالىبلارنى دوراش كېرەك.»