مىسىردىكى خەلق رايىنى سىناش پائالىيىتىنىڭ ئاخىرىقى نەتىجىسى
2012.12.24

شۇنىڭدىن كېيىن، مىسىر ھۆكۈمىتى بۇ يېڭى قانۇن توغرىلىق خەلقنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان ئىدى.
بىرىنچى قېتىملىق خەلق رايىنى سىناش پائالىيىتى 2012 - يىلى 15 - دىكابىر كۈنى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا مىسىرنىڭ 10 چوڭ ۋىلايىتىدىن جەمى 9 مىليوندىن كۆپرەك ئادەم ئىشتىراك قىلىپ ئاۋاز بەرگەن. نەتىجە يېڭى قانۇننى قوللايدىغانلارنىڭ تەرىپىگە بولغان. چۈنكى يېڭى قانۇننى قوللايدىغانلارنىڭ ئاۋازى 56 پىرسەنتنى، قوللىمايدىغانلارنىڭ ئاۋازى 43 پىرسەنتنى تەشكىل قىلغان ئىدى.
ئىككىنچى قېتىملىق خەلق رايىنى سىناش پائالىيىتى 2012 - يىلى 22 - دىكابىر كۈنى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا مىسىرنىڭ 17 ۋىلايىتىدىن جەمى 16 مىليوندىن كۆپرەك ئادەم ئىشتىراك قىلىپ ئاۋاز بەرگەن. نەتىجە يەنىلا يېڭى قانۇننى قوللايدىغان تەرىپىگە بولغان. بۇنىڭدا يېڭى قانۇننى قوللايدىغانلارنىڭ ئاۋازى 71 پىرسەنتنى، قوللىمايدىغانلارنىڭ ئاۋازى 29 پىرسەنتنى تەشكىل قىلغان.
ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ دىققەت - ئېتىبارى بۇ كۈنلەردە سۈرىيىدىن كۆپرەك مىسىرغا قارىتىلغان بولۇپ، ھەممە مىسىردا ئېلىپ بېرىلغان خەلقنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىنى كۈتكەن ئىدى. ھەتتا نەتىجە ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ھەر خىل تەھلىللەر ۋە كۆز قاراشلار ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى. چۈنكى، مىسىرنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئورنى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، مىسىردا بولىدىغان قانداقلا بىر ئۆزگىرىش باشقا قوشنا دۆلەتلەرگە چوقۇم تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى مىسىرنىڭ خەۋەرلىرى بىلەن تولغان بولۇپ، مىسىر ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلار ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغان ھەممىسى ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ۋە تەھلىللىرىنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.
خەلقنىڭ تاللىشى غەلىبە قىلىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئەل مەدىنە» گېزىتىنىڭ 2012 - يىلى 24 - دىكابىر كۈنىدىكى سانىدا «خەلقنىڭ كۈچى ھەر زامان غەلىبە قىلىدۇ» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان:«ئاخىرىقى ۋاقىتلاردا مىسىر رەئىسى دوكتۇر مۇرسىنىڭ بىردىنلا قانۇننى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى ئېلانى مىسىرنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ھەر خىل كۆز قاراشلارنى پەيدا قىلغان ئىدى. بەزىلەر رەئىسنىڭ قىلغانلىرىنى مىسىردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتى مىسىر دۆلىتىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇۋالدى دەپ قارشى چىقسا، يەنە بەزىلەر سابىق دىكتاتورلارنىڭ زامانىدىكى قانۇن ئۆزگىرىشى كېرەك ئىدى دېدى. ئىشقىلىپ ھەممە ئۆزىنىڭ رايىنى سۆزلىگەن بولدى. ئاخىرى مىسىردا يېڭى قانۇن توغرىلىق خەلقنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش قارارى قىلىندى. ھەمدە ئىككى قېتىملىق خەلق رايىنى سىناشتا يەنە يېڭى قانۇن غەلىبە قىلدى. ئۇنداقتا، بۇ خەلق بۇ ھۆكۈمەتنى خالايدۇ، خەلق يېڭى قانۇننى قوللايدۇ دېگەنلىك بولدى. دېموكراتىيە دېگەن زادى خەلقنىڭ ھاكىمىيىتى ئەمەسمۇ؟ خەلقنىڭ كۆپ سانلىقى، ھەتتا ئومۇم خەلقنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى يېڭى قانۇننى ۋە ھازىرقى ھۆكۈمەتنى قوللىغان ئىكەن، مەسىلە ھەل بولمىدىمۇ؟ ئەمدى يەنە نارازى بولغۇچىلارغا نېمە دېيىش كېرەك؟ ئەمدى ھازىرقى ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش تەشۋىقاتىنى قىلىپ ئوتتۇرىغا چىققانلار كىملەر دېسەك، ئۇلار ئاساسەن مۇبارەكنىڭ زامانىدا مەنسەپ تۇتقان ۋە ھازىر ئۇنىڭدىن قۇرۇق قالغانلارنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇلارنىڭ باشلامچىلىرى خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيە ئاگېنتلىقىنىڭ سابىق مۇدىرى مۇھەممەد بەرادىئى، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سابىق باش كاتىبى ئەمر مۇسا ۋە مۇبارەك ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەملىرىدىن ئىبارەتتۇر. ئەمما قارشى تەرەپتە خەلق بار، خەلق بولۇپمۇ مىليونلىغان خەلق مۇرسىنى قوللايدىكەن. ئەھۋال بۇنداق تۇرسا، خەلقنىڭ ئىختىيارىغا ھۆرمەت قىلىشتىن باشقا چارە قالمايدۇ.»