«تەمبۈر ۋەقەسى» نى ئەسلىگەندە: نۇرمەمەت تۇرسۇن ۋاپاتىنىڭ سەككىز يىللىق خاتىرىسىگە

ئۈرۈمچىدە بۇنىڭدىن 11 يىل ئاۋۋالقى يېڭى ئېرانىڭ شۇنداقلا يېڭى ئەسىرنىڭ تۇنجى كېچىسى مەرھۇم سەنئەتكار نۇرمەمەت تۇرسۇننىڭ مۇزىكا كېچىلىكى بىلەن باشلانغانىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2012.12.18
nurmuhemmet-tursun-305.jpg مەرھۇم نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننىڭ «يەتتە نەزىرى» دە چوڭايتىلغان سۈرىتى. 2004-يىلى دېكابىردا
RFA/Qutlan

ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكىلىرىنىڭ جەۋھەرلىرى «تەمبۈر شاھى» نۇرمەمەت تۇرسۇننىڭ تەمبۈر تارىلىرىدا ياڭرىغان بۇ كېچىلىكتىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر مەيدان سىياسىي بوران-چاپقۇن باشلانغان ئىدى.

مەزكۇر كېچىلىككە قاتناشقان شاھىتلارنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، مۇزىكا كېچىلىكىنىڭ ئەتىسى، يەنى 2001-يىلى 2-يانۋاردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە «تەمبۈر ۋەقەسى» مۇناسىۋىتى بىلەن «ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش» دولقۇنى قانات يايدۇرۇلىدۇ. ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلار، ئاخبارات ۋە تەشۋىقات ئورۇنلىرى ھەمدە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئىدارە-جەمئىيەتلەر 15 كۈنلەپ «سىياسىي ئۆگىنىش» كە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تەمبۈر شاھى–نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن مۇزىكا كېچىلىكى» ئۈچۈن تارقىتىلغان باغاقچىنىڭ مۇقاۋىسى. 2001-يىلى 1-يانۋار، ئۈرۈمچى.
خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تەمبۈر شاھى–نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن مۇزىكا كېچىلىكى» ئۈچۈن تارقىتىلغان باغاقچىنىڭ مۇقاۋىسى. 2001-يىلى 1-يانۋار، ئۈرۈمچى.
RFA/Qutlan

ئىدارە-جەمئىيەتلەردىكى ئۇيغۇر خىزمەتچى خادىملار مىللىي مەسىلىدە ئىپادە بىلدۈرۈشكە، ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە شۇنىڭدەك يازما دوكلات تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مائارىپ ۋە ئىلىم، ساھەسىنى يېڭى ئەسىرنىڭ تۇنجى كۈنىلا گويا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» غا ئوخشاپ كېتىدىغان ۋەھىمە قاپلايدۇ.

ئۇنداقتا، «تەمبۈر ۋەقەسى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ ۋەقە يۈز بېرىپ 11 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە شۇ كېچىلىككە قاتناشقان شاھىتلار نېمە دەيدۇ؟

بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، «تەمبۈر شاھى» دېگەن پەخىرلىك نامنىڭ ساھىبى، مەرھۇم سەنئەتكار نۇرمەمەت تۇرسۇننىڭ ۋاپاتىغا 8 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن سەلىمە كامال خانىمنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

سەلىمە خانىم 2001-يىلى 1-يانۋاردا ئۈرۈمچىدىكى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تەمبۈر شاھى - نۇرمەمەت تۇرسۇن مۇزىكا كېچىلىكى» گە قاتناشقانلىقىنى ھەمدە بۇ كېچىلىكتە ئورۇنلانغان نادىر مۇزىكىلار ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى. ئۇ يەنە يۇقىرى كەيپىياتتا ئۆتكەن بۇ كېچىلىكتە مەرھۇم نۇرمەمەت تۇرسۇننىڭ ئاجايىپ مۇزىكا تالانتىنى نامايىش قىلغانلىقىنى، 2000 كىشىلىك تاماشىبىنلارنىڭ ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ھېس-ھاياجانلارغا چۆمۈلگەنلىكىنى بايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ يەنە بۇ كېچىلىكتە تۇرسۇنجان ئەمەت ناملىق بىر شائىرنىڭ «تەمبۈرۈم» ناملىق شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلغانلىقى ۋە باشقا مەسىلىلەرنى بايان قىلدى.

شۇ كېچىلىككە قاتناشقان يەنە بىر شاھىت ئايتېكىن خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ كېچىلىكتە كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى ھەمدە شەخسىي تەسىراتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە مۇشۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزى خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتتا ئېلىپ بېرىلغان 15 كۈنلۈك «ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش» دولقۇنى ھەققىدە مەلۇماتلار بەردى.

سەلىمە خانىم ئاخىرىدا مەرھۇم نۇرمەمەت تۇرسۇننىڭ ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى، ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانى، مۇزىكا ئىجادىيىتى ساھەسىدىكى ئىزدىنىشلىرى، كىشىلىك خاراكتېرى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكا سەنئىتىگە قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا «تەمبۈر شاھى» نۇرمەمەت تۇرسۇن ۋاپات بولغان 2004-يىلىنىڭ 19-دېكابىر كۈنى ھەمدە مەرھۇمنىڭ مېيىت نامىزى ئوقۇلغان 21-دېكابىر كۈنى ھەققىدىكى ئۆز قەلبىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇنتۇلماس تەسىراتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.