ئىسلام دىنىدا زامان ئاخىرى توغرىسىدا قانداق ئېتىقادى قاراش مەۋجۇت؟
2012.12.21
دىنىي ئالىم ئابدۇلكەرىم كۇچار، زامان ئاخىرىنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما قاچان كېلىدىغانلىقىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغانلىقىنى، زامان ئاخىرى بولۇشنىڭ 10 خىل چوڭ ئالامەتلىرى بارلىقىنى، بۇ 10 خىل ئالامەت دۇنيادا كۆرۈلمەي تۇرۇپ زامان ئاخىرىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
خىتاي ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قۇدرەتلىك ئىلاھنىڭ خرىستىئانلىرى نامىدىكى تەرىقەت مۇرتلىرى زامان ئاخىرى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇرلار تارقاتقان. بۇ كىشىلەر قىيامەت قايىم بولىدىغانلىقى يەنى زامان ئاخىرى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىنسانلار كۆپ توپلاشقان ئورۇنلاردا، بازارلاردا خەلق ئارىسىدا يۇقىرى ئاۋازلىق ياڭراتقۇ بىلەن جار سېلىپ سۆزلىگەن ۋە كىشىلەر ئارىسىدا ئەنسىزلىك پەيدا قىلغان، تەشۋىقات ۋارىقى ۋە ۋ س د پىلاستىنكىلار تارقاتقان.
قۇدرەتلىك ئىلاھنىڭ خرىسىئانلىرى نامىدىكى تەرىقەت مۇرتلىرىدىن، چىڭخەيدە 400 كىشى، گۇيجۇدا 350 كىشى قولغا ئېلىنغان. خىتايدا ھازىرغىچە 1000 دىن ئارتۇق كىشى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بېيجىڭ شەھىرىدىمۇ ئوخشاش ۋەقەلەر يۈز بېرىپ 17 كىشى قولغا ئېلىنغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ تەرىقەت مۇرتلىرى 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى يېڭى بىر دەۋر كېلىدىغانلىقىنى ۋە دۇنيادا يەر تەۋرەپ، دېڭىز تاشقىنى بولىدىغانلىقىنى تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ كۆپ يۈز بېرىدىغانلىقىنى داۋا قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
خەۋەرلەردە يەنە، بۇ تەرىقەت مۇرتلىرى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى نىشان قىلىپ، چوڭ قىزىل ئەجدارھانى يوقىتىڭلار! دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. خىتاي دائىرىلىرى بۇ تەرىقەت مۇرتلىرىنى، خەلق ئارسىىدا قورقۇنچ پەيدا قىلىش، ئىجىتىمائى مۇقىملىقنى بوزۇش دېگەنگە ئوخشاش جىنايەتلەر بىلەن تۇتقۇن قىلغان.
دۇنيادا 1 مىليارد 500 مىليوندىن ئارتۇق ئىنسان ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىسلام دىنىدا زامان ئاخىرى توغرىسىدا قانداق ئېتىقادى قاراش مەۋجۇت؟ زامان ئاخىرى بولۇشنىڭ ئالامەتلىرى قانداق بولىدۇ؟ مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىدا، زامان ئاخىرى قانداق ئەھۋالدا يېتىپ كېلىدۇ؟ خىتايلارنىڭ زامان ئاخىرى بولىدۇ دېگەن قاراشلىرىنىڭ ئاساسى بارمۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان دىنىي ئالىم ئابدۇلكەرىم كۇچار ۋە مۇمىنجانلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئابدۇلكەرىم كۇچار، ئىسلام دىنىدا زامان ئاخىرى بولىدىغانلىقى توغرىىسدا ئېنىق پاكىتلار بارلىقىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ زامان ئاخىرى بولدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغانلىقىنى، ئىسلام دىنىدا زامان ئاخىرى بولۇشنىڭ 10 خىل چوڭ ئالامەتلىرى بولىدىغانلىقىنى، بۇ 10 خىل ئالامەت دۇنيادا كۆرۈلمەي تۇرۇپ زامان ئاخىرىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى، ھازىر دۇنيادا زامان ئاخىرى بولۇشنىڭ كىچىك تىپتىكى ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى، چوڭ تىپتىكى ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە زامان ئاخىرى بولىدىغانلىقىنى، زامان ئاخىرىنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما قاچان بولىدىغانلىقىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا پەرىشتىلەرمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
دىنىي ئالىم ئابدۇلكەرىم كۇچار يەنە، خىتايلارنىڭ زامان ئاخىرى بولىدۇ دەپ مۇئەييەن بىر ۋاقىتنى بەلگىلىشىنىڭ ھېچقانداق بىر ئاساسىي يوق، باتىل ئېتىقادقا ئاساسەن دېيىلىۋاتقان سەپسەتە ئىكەنلىكىنى، قىيامەتنىڭ چوقۇم بولىدىغانلىقى، ئەمما ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغانلىقى قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغانلىقىنى، قىيامەت قايىم بولغاندا يەنى زامان ئاخىرى يېتىپ كەلگەندە، چوڭ كېمىلەر ۋە ياكى پولاتتىن ياسالغان ئۆيلەرنىڭ كار قىلمايدىغانلىقىنى، دۇنيا ۋە دۇنيادىكى پۈتۈن مەخلۇقات ۋە نەرسە - كېرەكلەر يوق بولىدىغانلىقىنى، پۈتۈن ئىنسانلار ئۆلۈپ يېڭىدىن بىر ھايات باشلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئابدۇلكەرىم كۇچار ئەپەندى، زامان ئاخىرى بولىدۇ دەپ ئۇچۇر تارقىلىۋاتقان خىتايدا، خىتايغا خاس بىر كىچىك تىپتىكى قىيامەتنىڭ بولۇشى ئېھتىمالى بارلىقىنى، خىتاي زۇلۇم قىلىشتا چېكىدىن ئېشىپ كېتىۋاتقان زالىم ھاكىمىيەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆز ئىچىدە بىر قىيامەتكە ئوخشاش بىر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.