مەسچىت ھەرەمدە 34 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق قۇرئان مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى بولغان مەسچىت ھەرەمدە ھەر يىلى قۇرئان ئوقۇش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قۇرغۇچىسى پادىشاھ ئابدۇلئەزىزىنىڭ زامانىسىدىن باشلاپ داۋام قىلىپ كەلگەن بىر دىنىي پائالىيەتتۇر.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012.12.06
mekke-34-quran-musabiqisi-305.png مەسچىت ھەرەمدىكى 34 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق قۇرئان مۇسابىقىسىدىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Omerjan


مەزكۇر مۇسابىقىگە دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىن ئوقۇغۇچىلار، ھەتتا چوڭلارمۇ كېلىپ ئىشتىراك قىلىدۇ. بۇ يىلقى مۇسابىقە 34 - نۆۋەتلىك مۇسابىقە بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپا قىتئەلىرىدىكى دۆلەتلەردىن بولۇپ جەمى 53 دۆلەتتىن 164 قارى ئىشتىراك قىلغان.

سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ - كېتىش، يېتىپ - قوپۇش ھەم يىمەك - ئىچمەك چىقىملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاننىڭ سىرتىدا، مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققانلارنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن 2 مىليون850 مىڭ رىيال(760 مىڭ دوللار) ئاجراتقان.

مۇسابىقە 2012 - يىلى2 - دىكابىر كۈنى باشلانغان بولۇپ، بىر ھەپتە داۋام قىلىدىكەن. مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرغانلار سەئۇدى ئەرەبىستان دىن تەشۋىقات ۋە دەۋەت مىنىستىرلىقى بولۇپ، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان كاتتا ئۆلىمالار بىلەن قارىيلار باھالايدىكەن. مۇسابىقە ئاساسەن قۇرئان ئوقۇش، ئۇنىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ بېرىش بىلەن بولىدىكەن.

مەسچىت ھەرەمدىكى قۇرئان مۇسابىقىسىدىن بىر كۆرۈنۈش2012 - يىلى4 - دىكابىر.

مەسچىت ھەرەمدە داۋام قىلىۋاتقان بۇ مۇسابىقىنىڭ تەپسىلاتى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان بارلىق گېزىت ۋە رادىئو - تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن كەڭ تارقىلىپ تۇرماقتا.

باھالاش كومىتېتىنىڭ باشلىقىنىڭ سۆزى

نۆۋەتتىكى 34 - نۆۋەتلىك قۇرئان كەرىم مۇسابىقىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ باشلىقى دوكتور ئىبراھىم ئىبنى سەئد دۇسىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى قۇرئان كەرىم رادىئوسىغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:«قۇرئان كەرىم مۇسابىقىسى ئەڭ شەرەپلىك مۇسابىقىلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ مۇسابىقىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قۇرغۇچىسى مەرھۇم پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئالى سەئۇد تۇنجى قېتىم ئورۇنلاشتۇرغان ۋە يولغا قويغان بولۇپ، يىللاردىن بىرى بۇ ئىش داۋام قىلماقتا، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ئاتىسىنىڭ بۇ ياخشى ئىشىنى ھەر يىلى ئېلىپ بارماقتا. ئۆتكەن يىلى بۇ مۇسابىقىگە 783 كىشى ئىشتىراك قىلغان ئىدى. بۇ يىلقى سان ئۇنىڭدىن ئاز بولسىمۇ، مۇسابىقە ناھايىتى رەتلىك ئېلىپ بېرىلماقتا. مۇسابىقىنى باھالىغۇچىلار بىرىنچى كۈنى 41 قارىنى تىڭشىغان، ئىككىنچى كۈنى60 قارىنى تىڭشىدى، ئۈچىنچى كۈنىدە62 قارىنى تىڭشىدى. ھەممىنى تىڭشاپ بولغاندىن كېيىن مۇسابىقە نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ ۋە ئۇتۇپ چىققانلار مۇكاپاتلىنىدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.