دۇنيا بانكىسى خىتاينى ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى
2012.02.27

دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى روبېرت زوللىك دوكلاتنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭدىن بەرگەن باياناتىدا، خىتاينىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي مودېلىنى داۋاملاشتۇرسا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
«خىتاي 2030» دەپ ئاتالغان بۇ دوكلات دۇنيا بانكىسى ۋە خىتايدىكى تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە تەييارلاپ چىقىلغان بولۇپ، خىتاي ئىقتىسادىي بۇندىن كېيىنمۇ ھازىرقى تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ساقلاپ قالالامدۇ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى دۇنيا ئىقتىسادى، مۇھىت ۋە ئۆز ئىچىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرامدۇ دېگەندىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سوئالنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ تەييارلانغان. خىتاينىڭ يېقىنقى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ بارلىق ئامىللىرى ئۈستىدە ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان بۇ 468 بەتلىك دوكلاتنىڭ كىرىش قىسمىدا مۇنداق دېيىلگەن:
«خىتاي ئۆتكەن 30 يىل جەريانىدا بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، يىللىق مىللىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى يىلىغا 10 پىرسەنتتىن ئاشۇرۇپ ماڭدى ۋە 500 مىليون كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئەڭ چوڭ ئېكىسپورتچى دۆلەت ۋە دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقارغۇچىسى سەۋىيىسىگە كەلدى. 2030-يىلىغىچە خىتاي يۇقىرى كىرىملىك دۆلەت ۋە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ بولۇش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. ئەمما خىتاي بۇنىڭغا يېتىش ئۈچۈن چوڭقۇر ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، يېڭى ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيىنى بەلگىلەپ چىقىشى كېرەك. دېڭ شياۋپىڭ يولغا قويغان ئىقتىسادنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى 30 يىلدىن ئوشۇق يۈرگۈزگەن خىتاي ئەمدى يەنە بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا يېتىپ كەلدى.»
دوكلاتتا ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن نۇقتىلارنىڭ بىرى، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانىلىرىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ۋە دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى ئازايتىش مەسىلىسى بولۇپ، دۇنيا بانكىسى خىتاينىڭ ئەركىن بازار سىستېمىسىغا ئۆتۈشىنىڭ ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگىلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭدا، «خىتاي ئىقتىسادى ھازىرغىچە گەرچە يىلىغا 3 خانىلىق رەقەم بىلەن ئۆرلەپ ماڭغان بولسىمۇ، ئەمما 2020-يىللارغا كەلگەندە بۇ سۈرئەت بىردىنلا ئاستىلاپ، نۇرغۇن ياخشى بولمىغان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشى ۋە بۇ خىتايدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ، چوڭ ئىجتىمائىي ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن» دېيىلگەن. دۇنيا بانكىسىنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىقىدەك ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە بىر قاتار چوڭقۇر ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.
دوكلاتتا تەكىتلەنگەن نۇقتىلاردىن بىرى يەنە، بانكا ۋە پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە ئەركىن رىقابەتكە يول قويۇش ۋە ئىسلاھاتلارنى قوللاش ۋە ھەممە كىشىگە پۇرسەتتىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتى بېرىش مەسىلىسى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەممە كىشىنى پۇرسەتلەردىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىدىغان «پۇرسەت باراۋەرلىكى» نى ۋە خەلقنى ئۆز ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك قارارلارغا ئارىلىشىش شارائىتىگە ئىگە قىلىدىغان بىر سىستېمىنى يارىتىشى، قانۇن سىستېمىسىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي ئاقىۋەتلەرمۇ ئىقتىساد تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولىدۇ. دۇنيا بانكىسى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى دۆلەتتىكى «باي-كەمبەغەللىك پەرقى «نى ئازايتىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىپ، بۇنى مۇقىملىقنىڭ ئاساسىي دەپ كۆرسەتكەن.
دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، خىتاي ئىقتىسادى ئاساسەن ئېكسپورت ۋە ئىمپورتقا تايىنىپ قالغان بولۇپ، خىتاي ھازىر بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىپ، «دۆلەت ئىچى ئىستېمالى» نى ئاساس قىلغان ئىقتىسادىي سىستېمىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك ئىكەن. بۇنىڭ تەسىرى، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئېكسپورت بازىرى بولغان ياۋروپادا ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بەرگەندە ئىنتايىن ئوچۇق ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، خىتايدا نۇرغۇن زاۋۇتلار تاقىلىپ قېلىش بىلەن بىرلىكتە، پۇلنىڭ پاخاللىشىش دەرىجىسى ئۆرلەپ كەتكەن. شۇڭا دۇنيا بانكىسى خىتاي خەلقىنىڭ ئىستېمال كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ خىتاي ئىقتىسادىي ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.
بۈگۈن، دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا بانكىسى باشلىقى روبېرت زوللىك بېيجىڭدا قىلغان مەخسۇس باياناتىدىمۇ خىتاينىڭ ئۆز ئىچىدىكى بۇ خىل مەسىلىلەرنى تۈگىتىپ، دۆلەت كونتروللۇقىنى ئازايتىشتا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، يۇقىرىدىكى دوكلاتنى «خىتاينىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسەتلىرىنى بەلگىلىشىگە بىر يول كۆرسەتكۈچلۈك رول ئوينايدۇ» دېدى.
دۇنيا بانكىسى تەييارلىغان «2030 خىتاي» ناملىق بۇ دوكلاتتا خىتايغا تۆۋەندىكى 6 خىل تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان. يەنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كېيىنكى ئون يىلدا ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بازار ئىقتىسادىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۈزۈلمە جەھەتتىن ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش. ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىسلاھاتقا ئوچۇق سىستېما بەرپا قىلىش، يېشىل مۇھىت بەرپا قىلىپ، بايلىق مەنبەلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، پۇرسەتنى ئاشۇرۇپ، ھەممە كىشىنى ئىجتىمائىي پاراۋانلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش، پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى كۈچەيتىش، دۇنيا بىلەن ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلغان ئاساستا مۇناسىۋەت ئورنىتىش.
دۇنيا بانكىسى ئەسكەرتىپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىدىكى ئىسلاھاتلارنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىپ، بۇ بۇرۇلۇش نۇقتىسىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەتمىگەن تەقدىردە، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بىلەن يۈزلىشىشكە مەجبۇر بولىدۇ، دەيدۇ ۋە يۇقىرىدىكى ئىسلاھاتلارنى دادىللىق بىلەن ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە پايدىلىقلىقىنى، يەنى، بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ «ئوتتۇرا ھال كىرىملىك» دۆلەتتىن «يۇقىرى كىرىملىك» دۆلەت قاتارىغا كىرىشىگە پۇرسەت يارىتالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر دوكلاتنىڭ خىتايدا دۆلەت رەئىسى ئالمىشىدىغان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىنىشى خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىنى يېڭىچە ئىش تۇتۇشقا چاقىرىشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان دەسلەپكى مۇلاھىزىلەردە كۆزەتكۈچىلەر، خىتايدا تىلغا ئېلىنغان ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. مەسىلەن، ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە، دۇنيا بانكىسى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئىسلاھات پىكىرلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان مۇستەھكەم توسۇقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ۋاشىنگتون پوچتىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىسلاھات تەكلىپلىرىنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ بىۋاسىتە مەنپەئىتىگە ۋە شۇنداقلا دۆلەت بيۇروكراتلىرىنىڭ، دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە تاقىشىدىغان بولغانلىقتىن، يۇقىرىقىدەك ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش ئۇنچە ئوڭايغا چۈشمەيدىكەن.
دۇنيا بانكىسى باشلىقى زوللىك بۈگۈنكى سۆزىدىمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ ئاسانغا چۈشمەيدىغانلىقىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئۇ بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن قەدەممۇ-قەدەم، بالداقمۇ-بالداق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش شەكلى ئارقىلىق، ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانلارنى يولغا قويسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يېڭى دەۋر رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭمۇ بۇ خىل ئۇزۇن مۇددەتلىك، قەدەممۇ-قەدەم ئۆزگىرىش پىلانىغا قىزىقىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىكەن. ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەركىن رىقابەتكە يول قويۇپ، دۆلەت ئىگىدارچىلىقىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئەقىدىلىرىگە زىت بولۇپ، بۇ، ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە مەنپەئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇنداقلا بانكا سىستېمىسىنى ئىسلاھات قىلىپ، ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارغا قاراپ تەڭشەش دېگەنلىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدىكى كۈچىنى ئازايتىش دېگەن مەنىگە كېلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا يېقىنلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.