رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيىدە خىزمەت زىيارىتىدە بولدى

2013-يىلى 12-يانۋار كۈنى چۈش سائەت 12 دە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە مۇئاۋىن رەئىس ئۆمەر قانات ئەپەندى، نورۋېگىيە نوبېل تىنچلىق مەركىزى بىلەن نورۋېگىيە رافتو فوندى جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئوسلوغا يېتىپ كەلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئايگۈل يۈسۈپ
2013.01.14
Rabiye-gollandiye-ziyaret-nobel-305.jpg نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئوسلو ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئايرودرومغا چىقىپ رابىيە خانىمنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. 2013-يىلى 12-يانۋار، نورۋېگىيە.
RFA/Aygul

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئوسلو ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئايرودرومغا چىقىپ رابىيە خانىمنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

رابىيە قادىر خانىم 13-يانۋار يەكشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى قارمىقىدا يېقىندا ئوسلو شەھىرىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر مەسچىتىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن كۆرۈشتى شۇنداقلا ھەممەيلەننى ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تەبرىكلىدى. رابىيە خانىم يەنە جامائەت توپلىشىدىغان بۇنداق بىر مەركەزنىڭ بولۇشىنىڭ نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆملۈك- ئىناقلىقى ھەمدە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان پەرزەنتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام ئەقىدىلىرى بىلەن تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

رابىيە قادىر خانىم يېقىندا ئوسلو شەھىرىدە ئېچىلغان، ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى قارمىقىدىكى ئۇيغۇر مەسچىتىنى زىيارەت قىلدى. 2013-يىلى 13-يانۋار، نورۋېگىيە.
رابىيە قادىر خانىم يېقىندا ئوسلو شەھىرىدە ئېچىلغان، ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى قارمىقىدىكى ئۇيغۇر مەسچىتىنى زىيارەت قىلدى. 2013-يىلى 13-يانۋار، نورۋېگىيە.
RFA/Aygul

زىيارەت پائالىيىتى جەريانىدا رابىيە قادىر خانىم كۆپچىلىككە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى دوكلات قىلدى ۋە بۇ يىل ئىچىدە قىلماقچى بولغان ئىش پىلانلىرى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتتى.

نورۋېگىيىنىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ت ۋ 2 يېڭى ئېچىلغان مەسچىتنى ۋە پائالىيەت جەريانىنى سۈرەتكە ئالدى.

مەسچىتتىكى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رابىيە خانىم نورۋېگىيە نوبېل تىنچلىق مەركىزىگە كېلىپ ت ۋ 2 نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. رابىيە قادىر خانىم تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرىغا، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى نورۋېگىيە سەپىرىنىڭ ئاساسى مەقسىتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ نۆۋەتتە تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن بايان قىلدى. بولۇپمۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلىرىنىڭ تارتىۋاتقان زۇلۇملىرى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى.

نورۋېگىيە رافتو جەمئىيىتىنىڭ سابىق باشلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى ئارنە لىينارد ۋە مۇئاۋىن رەئىس ئۆمەر قاناتلار سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى زىيارەت پائالىيىتىدە بۇ كۆرۈشۈش پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىلەن ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىگە رەھمەتلىرىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمى ئەھۋالى ھەققىدە سوز قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.