مېدىيا كۆزىتىشى: تەيۋەنلىك يۇتيۇبېرلارنىڭ شىنجاڭدىكى زىيارىتى ھەقىقىيمۇ ياكى تەشۋىقاتمۇ؟
2024.10.08
ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىدا، «خەن گو رېن» دەپ تونۇلغان، 500 مىڭدىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بار تەيۋەنلىك يۇتيۇبېر چاڭ شاۋ-چۈن ئۆزىنىڭ يەنە ئىككى تەيۋەنلىك تور چولپىنى دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭنىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بازاردا ئايلانغانلىقى ھەققىدىكى ۋىدىيونى يۇتيۇبقا چىقاردى.
ۋىدىيونىڭ بەش مىنۇتلۇق يېرىدە، چاڭ تۇيۇقسىز مېھمانلىرىنىڭ بىرىدىن: «بازارغا تۇنجى قېتىم كەلدىڭىزمۇ؟ بىرەر ‹يوقىتىش› ئەھۋالىنى كۆردىڭىزمۇ؟» دەپ سورايدۇ.
چاڭنىڭ بۇ سۆزى بەزى غەرب ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ كۆپلىگەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ياشايدىغان شىنجاڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى ئەندىشىلىرىگە كىنايىلىك ئىشارەت ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يەردە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەدەنىيەت باستۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. بېيجىڭ بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دەپ سۈپەتلەيدۇ.
شىنجاڭنىڭ ساياھەت قىلىشقا بىخەتەر جاي ئىكەنلىكى ۋە بۇ يەردە ھېچقانداق خورلاش كۆرۈلمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى تارقىتىۋاتقان يالغۇز چاڭلا ئەمەس.
(Asia Fact Check Lab) ئاسىيا پاكىت تەكشۈرۈش لابوراتورىيەسى شىنجاڭغا ساياھەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت قىلىشقا بىخەتەر جاي ئىكەنلىكى ياكى ئۇ يەردە «تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرى يوق، چۈنكى بىز كۆرمىدۇق» دېگەندەك ئۇچۇرلارنى تارقاتقان باشقا بىر قانچە تەيۋەنلىك يۇتيۇبېرنىمۇ بايقىدى.
ئۇلارنىڭ ساياھەت چىقىمىنى كىم تۆلەپ بەردى؟
تەيۋەنلىك يۇتيۇبېرلار چىقارغان بەزى ۋىدىيولار خىتاي تىلىدا سۆزلەيدىغان كۆرۈرمەنلەر ئارىسىدا تور مۇنازىرىلىرىنى قوزغىدى. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يۇتيۇبېرلارغا خىتاي ھۆكۈمىتى پۇل تۆلىگەنمۇ-يوق دەپ گۇمان قىلدى. بەزىلەر بۇ يۇتيۇبېرلانى دۆلەتنىڭ غالچىسى دەپ ئەيىبلىسە، يەنە بەزىلەر چىقارغان مەزمۇنلىرىنى مۇستەقىل ۋە چىن دەپ ياقلىدى.
ۋىدىيولارنىڭ بىرىدە، بىر ياش يىگىت شىنجاڭ ساياھىتىگە بېرىش ئۈچۈن تەخمىنەن 66000 تەيۋەن دوللىرى، يەنى 2094 ئامېرىكا دوللىرى خەجلىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. لېكىن ئاسىيا پاكىت تەكشۈرۈش لابوراتورىيەسى بۇ يۇتيۇبېرلارنىڭ ساياھىتىنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ماددىي ياردەم قىلىنغانلىقىنى دەلىللىيەلمىدى.
مۇشۇ خەۋەر چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا، يۇتيۇبېرلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ ساياھىتى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرمىدى.
ئاسىيا پاكىت تەكشۈرۈش لابوراتورىيەسىنىڭ بايقىشىچە، بۇ ئۇلانمىدا كۆرۈنگەندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەنلىك يۇتيۇبېرلارنىڭ باھا سۆزلىرىنى ۋە ۋىدىيولىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە دۆلەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ شىنجاڭ ۋە تەيۋەن توغرىسىدىكى سىياسىي بايانىنى تەشۋىقات قىلىشقا ئىشلەتكەن.
ئوكلاند ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخباراتچىلىق كەسپىنىڭ دوتسېنتى سۇ چياۋنىڭ ۋىدىيولاردىن بىرىنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «گەرچە بۇ ۋىدىيونىڭ ئىشلىنىشى قوپال، مەنتىقىسى ئاجىز بولسىمۇ، يەنىلا نۇرغۇن ياش تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلىدىغان ‹ھەقىقىيلىك› تۇيغۇسى بېرىدۇ».
سۇ سۇ پاكىت تەكشۈرۈش لابوراتورىيەسىگە: «ۋىدىيولار خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى سىياسەتلىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكى تەسىراتىنى بېرىدۇ» دېدى. ئۇ يەنە بۇنىڭ بېيجىڭنىڭ تەيۋەننى چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن بىرلەشتۈرۈش نىشانىغا ماس ھالدا تەيۋەنلىكلەرنىڭ خىتايغا بولغان ئېھتىياتچانلىقىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى قوشۇپ قويدى.
سۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ ئومۇمىي نىشانى بولسا خەلقئارادىكى تەنقىدلەر ئالدىدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى قوغداش ئىكەن.
ئۇ يەنە شىنجاڭ ھەققىدىكى بايانلارنىڭ مەخسۇس ئۇ رايوننى ئىجابىي كۆرسىتىپ خەلقئارادىكى تەنقىد ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
خىتاينىڭ كوممۇنىستىك پارتىيە يۆنىلىشىنى تەشۋىق قىلىدىغان ۋە دۇنيادىكى پىكىر ئېقىمىغا قارشى چىقىدىغان بىر تۈركۈم چەت ئەللىك تور چولپانلىرىنى يېتىشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ئەيىبلەنگەن.
كانبېررادىكى «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى» ناملىق تەتقىقات ئورنى خىتاينىڭ نۇرغۇنلىغان چەت ئەللىك تور چولپانلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ تور تەشۋىقاتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە خىتاي چۈشىنى تارقىتىدىغانلار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تەتقىقات ئورنىنىڭ قوشۇمچە قىلىشىچە، بېيجىڭ پارتىيە-دۆلەتكە پايدىلىق بايانلارنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خىتاي ھەققىدىكى دۇنياۋى قاراشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆپ تىللىق تور چولپانلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئىستۇدىيەلىرىنى قۇرغان، خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار تورىدىن پايدىلانغان ۋە بۇ تور چولپانلىرىنى رىقابەتلەشتۈرۈپ مۇسابىقىلەرنى ئۇيۇشتۇرغان.
تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرى يوقمۇ؟
يۇتيۇبېرلاردىن بىرىنىڭ ئۆزى كۆرمىگەچكە، «شىنجاڭدا تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرى يوق» دېگەن سۆزى كىشىلەرنى خاتا يېتەكلەيدۇ.
كۈچلۈك پاكىتلار ۋە گۇۋاھلىقلار شىنجاڭدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر تۇتۇپ تۇرۇلىدىغان تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
بۇرۇن لاگېردا ياتقان تۇتقۇنلار مەجبۇرىي ئەمگەك، مېڭە يۇيۇش ۋە قىيىن-قىستاقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.
سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى، پاش بولغان ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى ۋە تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىمۇ بېيجىڭنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتىۋالغان، ئەمما كەڭ دائىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنى باستۇرۇش ۋە كونترول قىلىشنىڭ بىر قىسمى بولغان بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تېخىمۇ كۆپ ئىسپات تەمىنلىگەن.
ساياھەت قىلىشقا «بىخەتەرمۇ»؟
شىنجاڭنىڭ ساياھەت قىلىشقا بىخەتەر جاي ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سۆزىمۇ شۇ، ھېچ بولمىغاندا تەيۋەنلىكلەرنى خاتا يېتەكلەيدۇ.
تەيۋەن ئىيۇندا خىتاي، خوڭكوڭ ۋە ماكاۋغا ساياھەت قىلىش ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئىككىنچى دەرىجىلىك سېرىق ئاگاھلاندۇرۇشقا كۆتۈرۈپ، كۈچىيىۋاتقان خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرى تۈپەيلىدىن پۇقرالىرىنى بۇ رايونلارغا زۆرۈر بولمىغان ساياھەتلەردىن ساقلىنىشقا چاقىردى.
بۇ خىتاينىڭ يېڭىدىن ئېلان قىلغان يوليورۇقلىرىدىن كېيىن يۈز بەرگەن. بۇ يېڭى يوليورۇق تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلغان شەخسلەرنى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشقىمۇ يول قويىدۇ.
تەيۋەن ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈمىتى ۋە دېموكراتىك تۈزۈمى بار مۇستەقىل دۆلەت شەكلىنى ساقلاپ قالغان، ئەمما خىتاي بىلەن بولغان زىددىيەتنى كۈچەيتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن رەسمىي مۇستەقىللىق جاكارلاشتىن ساقلىنىدۇ. ئەمما خىتاي تەيۋەننى چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن قايتا بىرلەشتۈرۈلۈشى كېرەك بولغان ئۆلكە دەپ قارايدۇ ھەمدە زۆرۈر بولغاندا قوراللىق كۈچ ئىشلىتىمىز دەيدۇ.
تەيۋەن كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمىسى ۋە ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان بىر قانچە گۇرۇپپا تەييارلىغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدە 857 تەيۋەن پۇقراسى خىتايدا «مەقسەتلىك يوقىتىۋېتىلگەن ياكى خالىغانچە قولغا ئېلىنغان».
ئۇيغۇر تىلى
بىر تەيۋەنلىك يۇتيۇبېر ئۈرۈمچى مېترو بېكەتلىرىنىڭ ئىسىملىرىنىڭ خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە تىلىدا يېزىلغانلىقىنى سۆز قىلىپ، شىنجاڭدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلەنمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاي قانۇنى شىنجاڭ ۋە ئىچكى موڭغۇلغا ئوخشاش ئاپتونوم رايونلاردىكى ئاممىۋى ئورۇنلاردىكى بەلگىلەرنىڭ چوقۇم خىتايچە ۋە يەرلىك ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا يېزىلىشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن.
ئەمما، بۇنداق باستۇرۇشنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى ئېنىق تۇرۇقلۇق، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى چەكلىمىگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە ئىشلىتىش خاتالاشقانلىق. مەسىلەن، 2017-يىلى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىنجاڭ مائارىپ باشقارمىسى پۈتۈن رايوندىكى مەكتەپلەرگە ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە قوشۇمچە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىشنى توختىتىشنى بۇيرۇغان.
مەسچىتلەر
بەزى يۇتيۇبېرلار ئۈرۈمچى مېتروسىنىڭ يېنىدا نۇرغۇن مەسچىتلەرنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇنى بۇ رايوندا دىنىي ئورۇنلارنىڭ ۋەيران قىلىنمىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە كۆرسەتكەن.
ئەمما، ئۇلار ئۆز گېپىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن رەسىم ۋە سۈرەت دېگەندەك كۆرۈنەرلىك پاكىتلارنى دەلىل-ئىسپات قىلىپ كۆرسىتەلمىگەن.
كۆپلىگەن ئاخبارات دوكلاتلىرى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىسلامغا قارشى قاتتىق قول سىياسىتىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، جۈملىدىن 2023-يىلى «ئىقتىساد ۋاقتى» گېزىتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا 2018-يىلدىن 2023-يىلغىچە 1700 دىن ئارتۇق مەسچىتنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى ياكى «خىتايلاشتۇرۇلغانلىقى» ئاشكارىلانغان. بۇ جەرياندا ئىسلامىي ئېلېمېنتلار ئۆزگەرتىلىپ، خىتايچە ئۇسلۇبتىكى بىناكارلىق بىلەن ئالماشتۇرۇلغان.
بۇ ھەرىكەتلەر، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ دوكلاتىدىكى 2023-يىلى ئاۋغۇستتا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭغا ئىككىنچى قېتىم زىيارەت قىلغاندا ئەمەلدارلارغا «ئىسلامنىڭ خىتايچىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» ۋە «ھەر خىل قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش» نى تاپىلىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرىگە ماس كېلىدۇ.
شېن كې تەرجىمە قىلدى. شېن كې ۋە تائېجۇن كاڭ تەھرىرلىدى.
***
ئاسىيا پاكىت تەكشۈرۈش لابوراتورىيەسى (AFCL) بۈگۈنكى ئاخبارات مۇھىتىدىكى خاتا ئۇچۇرلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان. بىز ئوقۇرمەنلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە ئاممىۋى مەسىلىلەر ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان پاكىت تەكشۈرۈشلەرنى، ئاخبارات كۆزىتىشلەرنى ۋە چوڭقۇر دوكلاتلارنى ئېلان قىلىمىز. ئەگەر بىزنىڭ مەزمۇنلىرىمىزنى ياقتۇرسىڭىز، فېيسبۇك، ئىنستاگرام ۋە X دا بىزگە ئەگەشكەيسىز.