گېرمانىيەدە «سۈرگۈندە ھۆكۈمەت قانداق بولۇشى كېرەك؟ » دېگەن تېمىدا دوكلات بېرىلدى
2024.05.08
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 20 يىللىق خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ 2-كۈنى، يەنى 4-ماي كۈنىدە، تىبەت سۈرگۈندە ھۆكۈمىتى سابىق پىرېزىدېنتى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى دوكتورى لوبساڭ ساڭگاي چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدىن جەم بولغان مېھمانلارغا «سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەت قانداق بولۇشى كېرەك؟ » دېگەن تېمىدا مەخسۇس دوكلات بەردى.
لوبساڭ ساڭگاي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىدا قىرغىنچىلىققا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز بۇ يەردە د ئۇ ق نىڭ 20 يىلىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، مۇھىمى مىيۇنخېندىن بېيجىڭغا بىزنىڭ مەڭگۈ تىز پۈكمەيدىغانلىقىمىزنىڭ ئۇچۇرىنى بەردۇق! » دېدى.
ئۇ يەنە، شى جىنپىڭنىڭ 5-ماي كۈنىدە، ياۋروپادىكى دېموكراتىيەنىڭ بۆشۈكى دەپ قارالغان فىرانسىيەدە زىيارەت قىلىشىغا قارىتا، «تارىختا ئامېرىكىغا ئەركىنلىك ئىلاھىنىڭ ھەيكىلىنى سوۋغا قىلغان فىرانسىيە بۈگۈن دېموكراتىيەدىن ئۇزاقلاشماقتا! » دەپ كەسكىن ئىپادە بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى تەنقىدلىدى.
لوبساڭ ساڭگاي بۇ دوكلاتىدا، ھازىر دارامسالادا تىبەتلەرنىڭ پارلامېنتى، ھۆكۈمىتى ۋە ھۆكۈمەتكە تەۋە مەركىزى بارلىقىنى، مەركىزى ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتتا، شۇنداقلا ھەر قايسى تارماقلاردا 1500 دىن كۆپ ئالىي مەلۇماتلىق كىشىنىڭ مۇقىم خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى مىسال ئېلىپ، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھازىرقى ھالىتى، قۇرۇلمىسى، دېموكراتىك ئۇسۇللىرى، ھەر قايسى كومىتېتلىرى، قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى بىر ھۆكۈمەتتە بولۇشقا تېگىشلىك ھەممە شەرتلەرنى ھازىرلىغان» دېدى، شۇنداقلا ئەگەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەت قۇرسا قانداق قۇرىدۇ، قانداق تەشكىل قىلىدۇ، قانداق خىزمەت قىلىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ شەكلى قانداق بولىدۇ دېگەن مەسىلىلەردە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوكلاتنىڭ كېيىنكى باسقۇچى ئىختىيارىي سوئال-جاۋاب شەكلىدە ئېلىپ بېرىلدى. ئۇ خوڭكوڭلۇق سىياسىي پائالىيەتچىنىڭ ئۆزلىرىنىڭمۇ شۇنداق بىر ھۆكۈمەت قۇرۇش پىلانىنىڭ بارلىقى، ئەمما چەتئەللەردىكى دېموكراتىك سايلامنى كەلگۈسىدە خوڭكوڭدىكىلەر ئېتىراپ قىلمىسا نېمە قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا، «بىزنىڭ مەقسىتىمىز پەقەت ۋەتىنىمىزنىڭ ھۆرلۈكى-ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر؛ ھۆكۈمەت، رەئىس ياكى ھوقۇق دېگەنلەردىن تەمەيىمىز يوق! بىز پەقەتلا ۋەتىنىمىزنىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ چاكىرى، بۇنى مۇشۇنداق چۈشەندۈرۈش كېرەك» دەپ جاۋاب بەردى.
بۇ مۇھاكىمىگە رىياسەتچىلىك قىلغان ئەركىن سىدىق ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، لوبساڭ ساڭگاينىڭ لېكسىيەسىدە ئوتتۇرىغا قويغان تۆت تۈرلۈك پىكرىنى، ئۇنىڭ تەۋسىيەسىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
لوبساڭ ساڭگاي دوكلاتىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قىلغان تەۋسىيەسىدە، سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەت تەشكىل تاپىدىغان كومىتېت، پارلامېنت ئەزالىرى، ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رولى، ئۆتكۈزىدىغان يىغىنلىرى، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئىشخانىلىرى، ئەزالىق ھەققى، ئەزالىق ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بېكىتىلىشىگىچە بولغان لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئەڭ جەلپكار نۇقتىسى بولدى.