تىك-توك ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت ۋىدىيولارنى ئۆچۈرۈۋەتكەن
2024.11.04
ByteDance ۋە تىك-توك شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ۋە مۇستەقىل بىر شىركەت ئىكەنلىكىنى جار سالسىمۇ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئائىت ۋىدىيولارنى سۇپىسىدىن ئۆچۈرۈۋېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئۇيغۇر قىزى نەفىسە ئوغۇز، 10-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دوغۇ پېرىنچەك بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان مۇنازىرىسىنىڭ ۋىدىيوسىنى شۇ كۈنى كەچتە تىك-توكقا يۈكلىگەن بولۇپ، بۇ ۋىدىيو ئەتىسى ئەتىگەندە تىك-توك سۇپىسىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نەفىسە ئوغۇزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 10-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچتە ئۇ ۋىدىيونى فېيسبوك ۋە باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتقاندىن كېيىن تىك-توكقا يۈكلىگەن ئىكەن، ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇ ۋىدىيونىڭ تىك-توكتىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى بايقىغان. تىك-توكتا ۋىدىيونىڭ ئۆچۈرىۋېتىلگەنلىك سەۋەبى توغرىسىدا: «بىزنىڭ جەمئىيەت قائىدىلىرىمىزگە خىلاپلىق قىلىنغان بىر ۋىدىيو بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆچۈرۈۋەتتۇق»، دەپ ئۇچۇر قالدۇرۇلغان ۋە بۇ ھادىسە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
تىك-توكنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ باش شىركىتى بولغان ByteDance نىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى جاڭ يىمىڭ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ بايغا ئايلانغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 29-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇرۇن تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق دوكلاتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، جاڭ يىمىڭنىڭ بايلىقى 49.3 مىليارد دوللار بولۇپ، ئۇنىڭ بايلىقى 2023-يىلىدىكىگە قارىغاندا بۇ يىل 43% ئاشقان. 41 ياشلىق بۇ كىشى 2021-يىلى شىركەتنىڭ مەسئۇللۇقىدىن ئىستېپا بەرگەن، بىراق ئۇ بۇ شىركەتنىڭ يۈزدە 20% ھەسسىگە ئىگىدارچىلىق قىلىدىكەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، تىك-توك بەزى دۆلەتلەردە خىتاي دۆلىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر ئەندىشە پەيدا قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بارغانسېرى دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئەپلىرىدىن بىرگە ئايلانغان، ھەر ئىككى شىركەت خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقى، مۇستەقىل ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ تەكىتلەپ كەلگەن. بىراق ByteDance تىك-توكنى ساتمىغان تەقدىردە 2025-يىلى ئامېرىكا ئۇنى چەكلەشنى ئويلىشىدىكەن. تىك-توك گەرچە ئامېرىكادا بۇ كۈچلۈك بېسىمغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ByteDance نىڭ يەر شارى پايدىسى ئۆتكەن يىلى 60% ئېشىپ جاڭ يىمىڭنىڭ شەخسى بايلىقىنى ئاشۇرغان.
نەفىسە ئوغۇز ۋىدىيونى ئۆچۈرۈۋېتىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە زۇلمى بىر ھەقىقەت، بۇنى خىتاينىڭ تىك-توكقا ئوخشاش ئۆزىنىڭ قانىلىدا چىقىرىشىم خىتاينى راھەتسىز قىلدى، بۇ ئەلۋەتتە بىر ئەمەلىيەت، مەن راھەتسىز قىلغانلىقىم ئۈچۈن ۋىدىيورۇمنى ئۆچۈرۈۋەتتى، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ تاغام توغرۇلۇق يۈكلىگەن ۋىدىيونىمۇ ئۆچۈرۈۋەتتى، مەن (تۈرمىدىكى) تاغامنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئېلىپ ئىستانبۇلدىكى بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ ئىشخانىسىغا بارغاندا ۋىدىيو چىقارغانىدىم. ئۇنىمۇ ئۆچۈرۈۋەتتى. مەن ئۇ توغرىلىق ھېچقانداق گەپ قىلمىغان، لېكىن بۇ قېتىم ۋىدىيونى تامامەن ئادالەتسىز بىر شەكىلدە ئۆچۈرۈۋەتتى. بۇرۇن مېنىڭ تىك-توكتىكى ۋىدىيولىرىم تۈركلەر تەرىپىدىن كۆپ كۆرۈلەتتى لېكىن ھازىر كۆرۈش نىسبىتى قەستەن چۈشۈرۈۋېتىلدى».
نەفىسە ئوغۇز سۆزىدە يەنە ۋىدىيولىرىنىڭ ئۆچۈرۈلۈش سەۋەبى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۆچۈرۈلگەن ۋىدىيولىرىم ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق، شەرقىي تۈركىستان توغرۇلۇق ۋە تاغام توغرۇلۇق ئىدى، مەن تىك توكقا تاغام توغرۇلۇق نەرسىلەرنى چىقىرىمەن، خىتاينىڭ چوقۇم چەكلىمىسى بار، چۈنكى خىتاينىڭ تىك-توك سۇپىسىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا، خىتاينىڭ قىلغان يامانلىقلىرى توغرىسىدا ۋىدىيو چىقىرىشىمىزنى خىتاي ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ، خىتاي ئۆزىنىڭ پايدىسىغا بولمىغان نەرسىلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ».
گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياش پائالىيەتچى ئابدۇراخمان مەمەتمۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا تىك-توكقا يۈكلىگەن ۋىدىيوسىنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىككى يىل بۇرۇن مېنىڭ تىك-توكقا چىقارغان ۋىدىيولىرىمنى يۈيىۋەتتى، ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن سەۋەبى بولسا، جەمئىيەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان، قائىدە پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن بولمىغان ۋىدىيو دەپ، كۆرسەتكەن».
ئابدۇراخمان مەمەت ۋىدىيوسىنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكى سەۋەبى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ يۈكلىگەن ۋىدىيولىرىم ئاساسى جەھەتتىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا ئىدى، تىك-توك خىتاينىڭ شىركىتى بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يۇيۇۋەتتى دەپ ئويلايمەن».
تىك-توك خىتايغا زىيانلىق دەپ قارالغان ۋىديولارنى ئۆچۈرۈشتىن سىرت يەنە بەزى ئابونتلارنىڭ ھېسابىنى سەۋەبسىز تاقىۋېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلگەن. ئۇيغۇر پائالىيەتچى دوكتۇر بۇرھان ئۇلۇغيولنىڭ تىك-توك ھېسابى 4 قېتىم تاقىۋېتىلگەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتۇر بۇرھان ئۇلۇغيولنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2020-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇغقانلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن تىك-توكتىن ھېساب ئاچقان بىراق ئۇنىڭ ھېسابىنى 4 قېتىم سەۋەبسىز تاقىۋەتكەن.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «تىك-توك ھېسابىمنى 3-4 قېتىم تاقىۋەتتى، ئۇنى تاقىغان ۋاقىتتا تېلېفونۇمنى نومۇرى بىلەن قوشۇپ تاقىۋەتتى. شۇڭلاشقا ھەر قېتىم ھېساب ئاچقان ۋاقىتتا چوقۇم يېڭى بىر تېلېفوندا ھېساب ئېچىشقا توغرا كەلدى، مەن تىك توكقا نورمال بىر نەرسە چىقارغان بولساممۇ ئۇنى مېنىڭ چىقارغانلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن تاقىۋەتتى».
تىك-توك مۇستەقىل بىر شىركەتمۇ ياكى خىتاي دۆلىتىگە باغلىنىشلىقى بولغان شىركەتمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ۋىدىيولار ئۆچۈرۈۋېتىلىدۇ؟ نەفىسە ئوغۇزنىڭ دوغۇ پېرىنچەك بىلەن ئېلىپ بارغان بەس مۇنازىرە ۋىدىيوسى نېمە سەۋەبتىن ئۆچۈرۈۋېتىلدى؟ بىز بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تىك-توك شىركىتىگە ئى خەت يازغان بولساقمۇ ھېچ قانداق جاۋاب قايتۇرمىدى.
شىۋېيتسارىيە دۆلەتلىك تېلېكوم شىركىتىنىڭ بۇلۇت تېخنىكا مەسلىھەتچىسى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت تىك-توكنىڭ چەكلىمىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تىك-توك شىركىتى خىتاينىڭ بايتەنس دېگەن شىركىتىگە قارايدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئۇلار بىرقىسىم تېمىلاردا مۇشۇ خىتاينىڭ كومپارتىيە سىياسىتىگە توغرا كەلمەيدۇ دەپ قارالغان مەزمۇنلارنىمۇ ئۆچۈرۈۋېتىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى، مەسىلەن ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى ياكى بولمىسا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى دېگەندەك تېما بۇ بايتەنس دېگەن شىركەتنىڭ قائىدە-قانۇنلىرىغا ماس كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆچۈرۈۋېتىدىغانلىقى تەبىئىي، شۇڭا ۋىدىيو يوللانغان ۋاقتىدا كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئىنسان ھەقلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىز پەرەز قىلالايمىز».
تىك-توك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئەپلىرىنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى توپلاش بىلەن تونۇلغان شىركەتلەردۇر.
دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت تىك-توكنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تىك-توك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش خىتايدىكى ئەپلىرىنىڭ ھەممىسى ئالدى بىلەن ئىشلەتكۈچىنىڭ تىزىملاتقان ئۇچۇرلىرىنى توپلايدۇ. مەسىلەن ئىسم-فامىلىسى ئىشلەتكەن ئىل خەت، تېلېفون نومۇرى دېگەندەك تىزىملىتىش جەريانىدا قايسى ئۇچۇرلار بېرىلگەن بولسا ئۇنى توپلايدۇ. بۇ ئۇچۇرلار تۆۋەندىكىچە، كىشىلەرنىڭ ئىشلەتكەن تورىنىڭ ئۇچۇرلىرى، مەسىلەن: تېلېفون تورى بىلەن كىرىلدىمۇ ياكى ئۆيدىكى سىمسىز تور بىلەن كىرىلدىمۇ، تېلېفوننىڭ تورى بىلەن كىرگەن بولسا قايسى شىركەتنىڭ تورى ياكى بولمىسا سىم كارتىنىڭ قايسى نومۇرلىرى، ئىشلەتكەن تېلېفوننىڭ ماركىسى ۋە نۇسخىسى، ئەگەر ئۆينىڭ ئىنتېرنېت تورى ئىشلىتىلگەن بولسا، ۋايفاينىڭ، يەنى تورنىڭ ئىسىملىرى، ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلەتكۈچىنىڭ ئورنى ۋە باشقىلار. مەسىلەن ئورۇن دېگەن ۋاقتىدا تېلېفوندا بىز ئادەتتە ئىشلەتكەن ئورۇننى ئېتىۋەتكەن تەقدىردىمۇ ئۇلار ئىشلەتكەن تورغا قاراپ تۇرۇپمۇ ئورۇننى بەلگىلىيەلەيدۇ. شۇڭا بۇ تىك-توكنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىتىشىنى ئانچە توغرا دەپ قارىمايمىز».
2019-يىلى 25-نويابىر كۈنى ئامېرىكانىڭ نېۋجېرسېي شتاتىدا ياشايدىغان مۇسۇلمان قىز فېروزە ئەزىز ئۆزىنىڭ تىك-توك ھېساباتىدا كىرپىك قايرىش تاكتىكىسىنى ئۆگىتىشنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ، 40 سېكۇنتلۇق بىر ۋىدىيو تارقاتقان. فېرۇزە ئەزىز ۋىدىيودا قىز-ئاياللارغا كىرپىك قايرىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىپ، ئارقىدىنلا «ھازىر خىتايدا نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىڭلار،» دېگەن. ئۇ ۋىدىيوسىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا سولىغانلىقى، لاگېرلاردا قىز-ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىش، تۇتقۇنلارغا مەجبۇرىي چوشقا گۆشى يېگۈزۈش، ھاراق ئىچكۈزۈش، تەن جازاسى قاتارلىق ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇنىڭ ۋىدىيوسى تاراتقۇلاردا غۇلغۇلا قوزغاپ، كۆرۈش قېتىم سانى بىر مىليون 600 مىڭغا يەتكەن. لېكىن «تىك-توك» بۇ ۋىدىيونى دەرھال چەكلەپ ئۆچۈرۈۋەتكەن. بۇ ۋەقە «تىك-توك» ئابونتلىرىنىڭ شەخسى ئۇچۇرى مەسىلىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەنىدى.