توغراق روھى ئۇيغۇر سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ميۇنخېندا داغدۇغىلىق باشلاندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.06.08
resim-korgezmisi-06

گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى شلوس بىلۇتېنبۇرگ مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ ئەسەرلىرى تونۇشتۇرۇلغان رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 7-ئىيۇن، ميۇنخېن RFA/Memetjan Jume

resim-korgezmisi-01-1024

گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى شلوس بىلۇتېنبۇرگ مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ ئەسەرلىرى تونۇشتۇرۇلغان رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 7-ئىيۇن، ميۇنخېن RFA/Memetjan Jume

resim-korgezmisi-02

resim-korgezmisi-03

resim-korgezmisi-05

resim-korgezmisi-07

resim-korgezmisi-08

resim-korgezmisi-09

resim-korgezmisi-10

گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ ئەسەرلىرى تونۇشتۇرۇلغان بىر رەسىم كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇلغان. ميۇنخېن شەھىرىدىكى شلوس بىلۇتېنبۇرگ مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ كۆرگەزمىگە ئۇيغۇر رەسساملىق سەنئىتىنىڭ ھەر خىل ژانىرلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان سەنئەتكارلاردىن گېرمانىيەدىن مەرۋايىت ھاپىز، نورۋېگىيەدىن ئەكرەم ئىمىن، قازاقىستاندىن گۈلناز تۇرسۇن، ئەنگلىيەدىن كامىلە دىلشات، بېلگىيەدىن سانىيە ئىمىن ۋە ئامېرىكادىن مەمەتجان جۈمە قاتارلىق 6 نەپەر ئۇيغۇر سەنئەتكار قاتناشقان.

مەزكۇر كۆرگەزمىنى تەشكىللىگەن رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسەت ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى زور خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ يوقالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەشتىن ئىبارەت، دېدى.

«توغراق روھى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 7- ئىيۇن كۈنى ئاخشام سائەت 7 دە شلوس بىلۇتېنبۇرگ مەدەنىيەت مەركىزىدە داغدۇغىلىق ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن باشلانغان. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماركۇس رايندېرېيسپاكېر Markus Rinderspacher))، ميۇنخېن سەنئەتكارلار جەمئىيىتىنىڭ باش مۇدىرى ئاندىرىياس سام، شلوس بىلۇتېنبۇرگ مەدەنىيەت مەركىزى باشلىقى ئاندىرېس ئەلماير ئەپەندىلەر قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.

 ميۇنخېندىكى كەڭ سەنئەت سۆيەر كىشىلەر ۋە ھەمدە ئۇيغۇر جامائىتى بولۇپ 500 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان مۇراسىم ئىنتايىن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكەن. ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت نامايەندىلىرىنى تونۇتۇش مەقسىتىدە ئۇيغۇر ئۆيى بۇلۇڭى بېزەلگەن ھەمدە ئۇيغۇر داستىخان مەدەنىيىتىدىن نامايەندىلەر كۆرسىتىلگەن. ئېچىلىش مۇراسىمىغا قازاقىستاندىكى تونۇلغان ئۇيغۇر ناخشىچىسى سانىيەم ئىسمايىلمۇ قاتنىشىپ ئۇيغۇر مۇقاملىرىدىن ئارىيەلەرنى ئورۇنلىغان.

مەرۋايىت خانىم بۇ كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنىڭ باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماركۇس رايندېرېيسپاكېرنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر سەنئەت كۆرگەزمىسىگە ئامېرىكادىن قاتناشقان رەسسام مەمەتجان جۈمە ئەپەندى بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پائالىيەتتە يەنە، شلوس بىلۇتېنبۇرگ مەدەنىيەت مەركىزى باشلىقى ئاندىرېس ئەلماير ئەپەندىمۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر رەسساملىق سەنئىتىنىڭ ئوخشىمىغان تۈرلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ سەنئاتكارلارنىڭ ميۇنخېندا كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈشى بولۇپمۇ كۆرگەزمىنىڭ بۇ مەركەزدە ئېچىلىشىنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

« بىز مەرۋايىت ھاپىز بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە دائىر كۆرگەزمىنى ئۆتكۈزۈش، بولۇپمۇ مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈشنى ئۇزۇندىن بۇيان مەسلىھەتلىشىۋاتاتتۇق. چۈنكى شلوس بىلۇتېنبۇرگ قورغىنى دەپ ئاتىلىدىغان بۇ مەدەنىيەت مەركىزى ئەينى يىللاردا گېرمانىيەدىكى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن قېچىپ قۇتۇلغان بىر يەھۇدىي ئايالنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان. بۇ مەركەز دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەر بالىلىرى ۋە ياشلىرى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان كۇتۇپخانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر خەلقئارالىق مەركەز. ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ خەلقئارالىق بىر مەسىلە ۋە دۇنيا كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك بىر مەسىلە بولغانلىقتىن بۇ كۆرگەزمىنى بۇ يەردە ئېچىش تولىمۇ ئەھمىيەتلىك.»

شلوس بىلۇتېنبۇرگ ئەپەندى يەنە، بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا نۇرغۇن كىشى قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى گېرمان خەلقىگە تونۇشتۇرىدىغان ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك سورۇن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆزىنىڭ قاپاق، تاش، كۆتەك قاتارلىقلارغا سىزىلغان تەبىئەت مەنزىرىلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سىزما سۈرەتلىرى بىلەن نورۋېگىيەدە كۆپ قېتىم كۆرگەزمە ئاچقان ئۇيغۇر سەنئەتكار ئەكرەم ئىمىن ئەپەندىمۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم بارلىق ئۇيغۇر سەنئەتكارلار بىلەن بىرلىكتە بۇنداق بىر كۆرگەزمىگە قاتناشقانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، «توغراق روھى» دەپ نام بېرىلگەن چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ بىر ئارىغا جەم بولۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئۇيغۇر سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 9- ئىيۇن يەكشەنبە كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.