ئىستانبۇلدا «تۈرك بايرىقىدىن شەرقىي تۈركىستان بايرىقىغا سالام» ناملىق كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇلدى
2024.05.20
17-ماي جۈمە كۈنى ئىستانبۇلنىڭ باشاكشەھەر رايونىغا جايلاشقان مەھمەت ئىمىن ساراچ نامىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قارمىقىدىكى «ئۈممەت جۇغراپىيەسى كۇلۇبى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن مەكتەپتە شەرقىي تۈركىستان كۈنى نامىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. «تۈرك بايرىقىدىن شەرقىي تۈركىستان بايرىقى بولغان كۆك بايراققا سالام» دېگەن شوئار ئاستىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتتە ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى نامايان قىلغان شۇنىڭدەك دۇتار، تەمبۇر قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى، دوپپا، كانۋاي ۋە ئەتلەس كۆڭلەك قاتارلىق مىللىي كىيىم-كېچەكلىرى، پولۇ، ساڭزا قاتارلىق تائاملىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ خوجانىياز ھاجىم قاتارلىق رەھبەرلىرىنىڭ رەسىملىرى ۋە تەرجىمىھالى تونۇشتۇرۇلغان تاختايلارنى كۆرگەزمىگە قويغان. بۇ مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئەتىگەندىن كەچكىچە بىر كۈن داۋام قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ پائالىيەت تۈرك ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە جۇغراپىيەسىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇلارنى ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، چۈشتىن كېيىنكى پىروگراممىدا، «مېنىڭ نامىم شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا چوڭ يىغىن ئېچىلدى.
يىغىنغا 500 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قاتناشتى. يىغىندا ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىندى، ھەر خىل نومۇرلار كۆرسىتىلدى.
يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان «Toplama kamp mağdurları platformu» نىڭ رەئىسى مەدىنە نازىمى خانىم سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە لاگېرلاردا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قەبىھ ئىسكەنجىلەر توغرىسىدا توختالدى.
ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىنىش، قوشماق تۇغقان نامى ئاستىدا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە بىردىن خىتاينى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋاللىرى ھەققىدە توختالدى.
بىز كۆرگەزمە پائالىيىتىنى نەق مەيدان زىيارەت قىلىپ، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان مەھمەت ئىمىن ساراچ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئەسرا دىندارخانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئەسرا خانىم بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ مەكتەپتە ھەر يىلى بىر ئىسلام دىنى رايونلىرى توغرىسىدا پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇ جۇغراپىيەدىكى ئىنسانلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئوقۇغۇچىلارغا مەلۇمات بېرىپ كېلىۋاتىمىز. بىز شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ پائالىيەت ۋە يىغىن ئۇيۇشتۇرغانىدۇق، ئوقۇغۇچىلىرىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاپ بەك قىزىقتى ۋە تەسىرلەندى. مەنىۋى جەھەتتىن بىزنىڭ كۆڭلىمىز شەرقىي تۈركىستانغا شۇنچە يېقىن، بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەر توغرىسىدا يېتەرلىك مەلۇماتىمىز يوق، خىتاينىڭ بېسىمى ۋە ھىيلە-نەيرىڭى بىلەن ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز توغرىسىدا كەڭ تۈردە قارىلاش ۋە تەتۈر تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بىز بۇنى چۈشىنىپ يەتكەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا توغرا مەلۇمات بېرىش ۋە ئاڭ-چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشنى توغرا تاپتۇق» .
ئەسرا خانىم ئۇيغۇرلارغا دېمەكچى بولغان يۈرەك سۆزلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇلارنىڭ شۇنچە ئېغىر بېسىمغا ئۇچراپ تۇرۇپمۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت تەۋرەنمەس ئەركىنلىك ئىرادىسىدىن ئۆزىمىز ئۈچۈن چوڭ بىر ساۋاق ئالدۇق. بىز قولىمىزدىن كېلىدىغان ھەر قانداق ئىمكانىيەتنى ئىشقا سېلىپ ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى خالايمىز، ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرى ئۇ يەردىن ئاڭلانماسلىقى مۇمكىن، ئەمما بىز بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئاۋازى بولىمىز، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ئۇنتۇمىسۇن، خۇدايىم بۇيرۇسا بىز ئۇلارنىڭ بىر كۈنى بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلغانلىقىنى كۆرىمىز».
بىز يەنە كۆرگەزمە مەيدانىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەفىفە مەريەم ياغجى ئىسىملىك تۈرك قىزى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا زۇلۇم بولسىمۇ خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركلەرنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلىمىز، شەرقىي تۈركىستاندا ھەم ئىسلامىي ھەم مىللىي ھەم قانداشلىق جەھەتتە قېرىنداش بولغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلىمىز، مەن كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپ دادام ماڭا شەرقىي تۈركىستاننى سۆزلەپ بېرىپ چوڭ قىلدى. بىراق بۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ كۆرگەزمە پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇردۇق».
بۇ مەكتەپتە بىر قانچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ ئوقۇۋاتقان بولۇپ، كۆرگەزمىدە ۋەزىپە ئالغان خەدىچە ئىسىملىك ئۇيغۇر قىزى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەت ھەققىدىكى كۆز-قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنى ۋە بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تۈرك ساۋاقداشلىرىغا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ھەم كۆرگەزمە پائالىيىتى ھەم يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بىز يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ھەسەن بەسرى ئاككايا ئىسىملىك تۈرك ئوقۇغۇچى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق، ئۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ كۆرگەزمىدە، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىنى ئاسانلاشتۇرغان ھەر خىل مەدەنىيەت بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەك، چالغۇ-ئەسۋاب ۋە يېمەكلىكلەردە ئىشلىتىلىدىغان قول ھۈنەر-سەنئەتلىرىنى كۆردۈم. بىز ئۆزىمىزنى ئۇلارغا ئەڭ يېقىن ھېس قىلىمىز، ئۇيغۇرلار بىلەن بىز بىر ئائىلىگە ئوخشاش ئۇلار بىزنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىمىز ھېسابلىنىدۇ».