نېمە ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ئاخباراتلاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلمەيدۇ؟

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2024.03.22
Shakir-gurel تۈركىيە ئاخباراتچىلىقى ۋە تاراتقۇ بىرلەشمىسى (TIMEF) نىڭ رەئىسى، ژۇرنالىست شاكىر گۈرەل ئەپەندى يىغىندا سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 10-مارت، ئۇنيە
RFA/Arslan

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتلىقىغا قاراشلىق تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تۈركىيە تەۋەسىدىكى 81 ۋىلايەتكە جايلاشقان 90 مىڭ جامە ۋە مەسچىتكە ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ھەر جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئا قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چىقارغانىدى. ئۆتكەن يىلى 22-دېكابىر كۈنى چىقىرىلغان بۇ بۇيرۇق تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى جامەلەردە ھازىرغىچە ئىجرا قىلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق تۈركىيەنىڭ دۆلەتلىك ياكى يەرلىك تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىلمەي كەلمەكتە.

نېمە ئۈچۈن تۈركىيە تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپلەپ ئۇچۇرلار بېرىلمەيدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىشى ۋە كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىش كېرەك؟ بىز تۈركىيەدىكى ژۇرنالىست ۋە ئوبزورچى خالىس دېمىر بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ژۇرنالىست خالىس ئۆزدېمىر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ بىر قانچە سەۋەبلىرى بار. بىرىنچى سەۋەبى، خىتايدىن كېلىدىغان ئۇچۇر يوق. كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەر توغرىسىدا ئۇچۇر شەكىلدە كۈندىلىك خەۋەر بېرىش چەكلىنىدۇ ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىلمايدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلىق يېڭى ۋە كۈندىلىك ئۇچۇرلار تېپىلمىغانلىقى ئۈچۈن دۇنيا جامائىتىگە ۋاقتى-ۋاقتىدا خەۋەر بېرىش ئىمكانى بولمايۋاتىدۇ، يەنى ئۈن-سىن ۋە ياكى ھۆججەتلىك دەلىل-ئىسپاتلىق ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشى خىتاي تەرەپتىن كونترول قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن تۈركىيەدىكى مەتبۇئاتلارنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشتە قىيىنچىلىق تۇغۇلۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئاخبارات ساھەسىدە كەسپى خادىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشى، يەرلىك مەتبۇئاتلارنى كۈندىلىك ۋە بەزى جىددىي ئۇچۇرلار بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيەدىكى مەتبۇئاتلاردا ماقالە ۋە ئوبزور يازىدىغان مۇخبىرلار بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ئۇلارنى يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا پەلەستىن توغرىسىدا كۆپلەپ ئۇچۇرلار بېرىلىۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇ يەردىن نەق مەيداندىن بىۋاسىتە ئۇچۇر تارقىتىش ئىمكانىيىتى بار. بىراق شەرقىي تۈركىستاندىن ھېچ قانداق ئۇچۇر ئالغىلى بولمىغانلىقى ۋە مۇخبىرلار چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ئاخباراتچىلار ئۇچۇر تارقىتالمايۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە تۈركىيەدىكى ئىنسانلار شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرگە كۆزىنى يۇمغان ئىش يوق. بۇ ئاخباراتچىلىقتىكى تېخنىكىلىق بىر مەسىلە، باشقا سەۋەب يوقتۇر. ئەمما ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلىككە پاتماسلىقىمىز، توختىماي تىرىشىشىمىز كېرەك، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلىدىغان كۈنلىرىمۇ كېلىدۇ» .

بىز يەنە تۈركىيە ئاخباراتچىلىقى ۋە تاراتقۇ بىرلەشمىسى (TIMEF) نىڭ رەئىسى، ژۇرنالىست شاكىر گۈرەل ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە ئاخبارات توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ژۇرنالىست شاكىر گۈرەل ئەپەندى «ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلەش كېرەك؟ » دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادا ئۇچۇر-ئالاقە دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز، بۇنداق شارائىتتا مەيلى خىتاي بولسۇن ياكى باشقىسى بولسۇن قىلمىشلىرىنى ھەرگىز يوشۇرۇپ قالالمايدۇ ھەم يوشۇرۇپ قالالمىدى. بىز ژۇرنالىست دوستلىرىمىز، كەسىپداشلىرىمىز ۋە تۈرك دۇنياسى ئاخباراتچىلىرىدىن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىشىنى، ھېلىھەم يۈز بېرىۋاتقان بۇ زۇلۇمنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىپ، بۇ مەسىلىنى داۋاملىق كۈنتەرتىپتە تۇتۇشىنى ۋە خەلق ئاممىسىغا بۇ توغرۇلۇق ئۇچۇر يەتكۈزۈپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز ھەم تەۋسىيە قىلىمىز. ئەگەر بۇ ئەمەلگە ئاشقان تەقدىردە، خىتاي پات ئارىدا ئومۇمى خەلقنىڭ بېسىمى ئالدىدا بارا-بارا زۇلۇمنى ئازايتىشقا ۋە ئەڭ ئاخىرىدا توختىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بىراق ئاخباراتلاردا ئۇچۇر تارقىتىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۆز نۆۋىتىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنى ھازىرغىچە قوللىغىنىدەك، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىزچىل قوللاپ قۇۋۋەتلىشى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشى كېرەك» .

ياۋروپا ژۇرنالىستلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئادنان فەشەكچى ئەپەندى.2024-يىلى 10-مارت، ئۇنيە
ياۋروپا ژۇرنالىستلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئادنان فەشەكچى ئەپەندى.2024-يىلى 10-مارت، ئۇنيە
RFA/Arslan

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياۋروپا ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ژۇرنالىست ئادنان فىشەنك ئەپەندى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمنى بىلمەيدىغان ھېچ كىم يوق، پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ، ئەمما ئۇلار ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلالمىغانلىقىمىزدىن ئازابلىنىمىز. چۈنكى ئۇ يەردە ئىنسانىي پاجىئەلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە ھېچكىم ئۇچراپ باقمىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى خەۋەرلەردىن ئوقۇۋاتىمىز، دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرۈۋاتىمىز، ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلىنىۋاتقان بۇ جىنايەتلەرنىڭ دەرھال توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» .

ئادنان فىشەنك ئەپەندى «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىملارنى تۈركىيە ۋە دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ » دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز ژۇرنالىستلار بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشىمىز، جامائەت پىكرى پەيدا قىلىشىمىز كېرەك؛ ئەركىن دۇنيادىكى ئىنسانلار بىلەن بىللە نامايىش قىلىشىمىز كېرەك؛ جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلىۋاتقان رەھىمسىز دىكتاتورلار جازاغا ئۇچرىشى كېرەك؛ چۈنكى ئۇلار بىر خەلقنى پۈتۈنلەي يوقىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ، بىز ئاخباراتچىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرسى بۇ زۇلۇمنى باشقىلارغا ئاڭلىتىش، بولۇپمۇ ئەركىن دۇنيانىڭ قوغدىغۇچىلىرى بولغان غەرب ئەللىرىگە، خەلقئارا سوت مەھكىمىسى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا توختىماي ئاڭلىتىشىمىز كېرەك» .

بىز يەنە ئىسپارتا رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگرامما رىياسەتچىسى ژۇرنالىست ئەلىف ئاكگۈل خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق، ئەلىف ئاكگۈل خانىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «ھەممىدىن ئاۋۋال ئۇيغۇر تۈركلىرى بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزدۇر، بىز ئۇلار بىلەن ئوخشاش قان ۋە ئوخشاش ئىرققا مەنسۇپ، ئۇيغۇر تۈركلىرى تىلغا ئىلىنغاندا ئىچىم بىر خىل ئاچچىق بولىدۇ ۋە قەلبىمنى قايغۇ-ئەلەم قاپلايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۇزۇن مەزگىلدىن بىرى دەرد-ئەلەم تارتىۋاتىدۇ ۋە ئەركىنلىكلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىۋاتىدۇ. دۇنيا مەدەنىيەت جەھەتتە تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە ئىنساننىڭ ئىنسانغا زۇلۇم قىلىشى قوبۇل قىلغۇسىز بىر ئەھۋال. بۇنىڭدىن بىز ئۇلارنىڭ يېنىدا بولىمىز، چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، ئىرقداشلىرىمىز، بىز ئاناتولىيەگە كېلىشتىن بۇرۇنقى كېلىش مەنبەيىمىز» .

ئۇ يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈن تەرتىپكە كېلىشى ئۈچۈن ئاخباراتچىلارنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىنسانلار ئەركىن دۇنيا توغرۇلۇق سۆزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىز يەنىلا ئىنساننىڭ باشقا بىر ئىنسانغا زۇلۇم قىلىشى ھەققىدە سۆزلىشىۋاتىمىز، بۇ ئەسلىدە نومۇس قىلىدىغان بىر ئەھۋال بولۇشى كېرەك. ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تېز ۋاقىت ئىچىدە ھەل بولۇشى ۋە تىنچلىق ئورنىتىش يولىغا قەدەم بېسىش ئۈچۈن بىز ئاخباراتچىلارنىڭ ۋەزىپىسى بۇ مەسىلە ھەل بولغانغا قەدەر ئۇنى كۈنتەرتىپنىڭ بېشىدا تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرۇش. مەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پات ئارىدا بىزگە ئوخشاش ئەركىن ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىگە تىلەكداشمەن» .

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.