تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟
2023.03.16

2023-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈركىيە خەلقى كېيىنكى نۆۋەتلىك پرېزىدېنت بىلەن پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىدۇ. سايلامغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان 37 سىياسىي پارتىيە پارلامېنت ئەزالىق نامزاتلىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. پارلامېنت ئەزالىرى نامزاتلىرى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ ئۆزلىرىگە ئاۋاز توپلاش ئۈچۈن خەلق ئاممىسىغا نۇتۇق سۆزلەشكە باشلايدۇ. بۇ قېتىمقى پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟
بۇ قېتىم تۈركىيەدە پرېزىدېنتلىق سايلىمى بىلەن پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، پارتىيەلەر ئومۇمىي ئاۋازنىڭ 51% نى ئالالىسا ھۆكۈمەت قۇرۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ. ھازىرقى ھۆكۈمەتنى باشقۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن ئۇلارغا ھەمكارلىشىۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ھازىرقى پرېزىدېنت رەجەپ تاييپ ئەردۇغاننى كېيىنكى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىققا نامزات قىلىپ كۆرسەتكەنىدى. ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، «ئىيى» پارتىيەسى، «كېلەچەك» پارتىيەسى، «دەۋا» پارتىيەسى، «ئادالەت» پارتىيەسى ۋە «سائادەت» پارتىيەسى قاتارلىقلار بىرلىكتە كەمال قىلىچدارئوغلىنى نامزاتلىققا كۆرسەتتى. مەزكۇر پارتىيەلەرنىڭ كۆپى ئۇيغۇرلارنى قوللىغان بولسىمۇ «ئىيى» پارتىيەسى سۇنغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەلىرى رەت قىلىنغانىدى. ئۇنداقتا، 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلامدا تۈركىيەدىكى مەزكۇر 6 سىياسىي پارتىيە ئۇتۇپ پارلامېنتكە كىرسە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟
جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى تۈركىيە پارلامېنتىدا 134 ئورۇنغا ئىگە ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئەزالىرىنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. «ئىيى» پارتىيەسى كۆپ قېتىم جازا لاگېرلىرى بىلەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان بولسىمۇ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرى ئاۋاز بەرمەي رەت قىلىنغانىدى. بۇ قېتىمقى سايلامدا سايلامدىن كېيىن قۇرۇلىدىغان پارلامېنت قانداق بىر پارلامېنت بولار؟ ئۇيغۇر دەۋاسىنى كۈن تەرتىپكە قويارمۇ؟
ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىبراھىم ماراش ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە 15-مايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدا تۈرك دۇنياسىغا بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزاسى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئورۇن ئالىدۇ دەپ ئويلايمەن. چۈنكى بۇ قېتىمقى سايلامغا كۆپ پارتىيە قاتنىشىدۇ. بۇ پارتىيەلەرنىڭ كۆپى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈدىغان پارتىيەلەردۇر».
ئەنقەرەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىس، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 6 پارتىيەدىن تەركىب تاپقان مىللەت ئىتتىپاقى دەپ ئاتالغان گۇرۇپپا ئۇتۇپ چىقسا ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزاسىنىڭ پارلامېنتقا كىرىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار چىقىرىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنىڭ تۇغىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈركىيە سىياسىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى، پېشقەدەم پائالىيەتچى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى، سايلامدا ھازىرقى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۆپىنىڭ ئالمىشىدىغانلىقىنى، ئەگەر 6 ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلسا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان تەقتىردىمۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىن ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ مەسىلىنىڭ ھازىر خەلقئارالىق مەسىلىسىگە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.
نۆۋەتتە، ھازىرقى پرېزىدېنت رەجەپ تاييپ ئەردوغان بىلەن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلى پرېزىدېنت نامزاتلىرى بولۇپ ئېلان قىلىندى.
ئەمما ھازىرچە قايسى پارتىيەنىڭ ئۇتۇپ چىقىشى ۋە ئەردۇغاننىڭ قايتىدىن پرېزىدېنت بولالىشى ئېنىق ئەمەس، بىراق كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكى سايلاملاردىكىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئاجىزلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.