تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈۋاتقان خىتايلارنىڭ كۆپىيىشى تۈرك خەلقىنى بىئارام قىلماقتا

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.08.30
Turk-passport-turkiye-pasport-AFP كۇۋەيتتە ياشايدىغان بىر تۈرك پۇقراسى 2023-يىلى 5-ماي كۇۋەيت شەھىرىدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىدا پىرېزىدېنت سايلىمىغا بېلەت تاشلاشنى كۈتۈپ ئۆچرەت تۇرغاندا پاسپورتىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. 2023-يىلى 5-ماي، كۇۋەيت
AFP

مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايلار تۈركىيەدە مۇقىم مۈلۈك سېتىۋېلىپ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن 20 دۆلەت پۇقرالىرى ئىچىدە سەككىزىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. تۈركىيە «ھۆكۈمەت گېزىتى» نىڭ 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، شۇ يىلى تۈركىيەنىڭ پۇقرالىققا قوبۇل قىلىش قانۇنىغا بەزى تۈزىتىشلەر كىرگۈزۈلگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يېڭى قانۇنغا بىنائەن تۈركىيە تەۋەسىدە 250 مىڭ دوللارلىق مۇقىم مۈلۈك سېتىۋالغان، ئىگىلىك تىكلەپ خىزمەتچى ئىشلەتكەن، تۈركىيەدىكى بانكىلارغا پۇل قويغان ۋە دۆلەتنىڭ قەرز پاي چېكىنى سېتىۋالغان چەت ئەللىكلەر تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىنىدىكەن. ئۇ يىللاردا تۈركىيەدىكى خىتاي نوپۇسى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، مەزكۇر قانۇن قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن خىتايلارنىڭ نوپۇسى تېزلا كۆپەيگەن. تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2022-يىلى ئېلان قىلغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدىكى خىتاي نوپۇسى 16 مىڭ 880 ئىكەن. ھازىر بۇ ساننىڭ 20 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەڭ ئاز بولغاندا 250 مىڭ دوللار قىممىتىدە مۇقىم مۈلۈك سېتىۋالغانلارغا پۇقرالىق بېرىش سىياسىتى خەلقنىڭ نارازىلىقنى قوزغىغانلىقى ئۈچۈن 2022-يىلى 5-ئايدا بۇنىڭغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن ئىدى. تۈركىيە «ھۆكۈمەت گېزىتى» نىڭ 2022-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، شۇ يىلى تۈركىيەنىڭ پۇقرالىققا قوبۇل قىلىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ھەمدە ئەڭ ئاز بولغاندا 400 مىڭ دوللارلىق ئۆي-مۈلۈك ئالغانلارنى پۇقرالىققا قوبۇل قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتۈش ئىشلىرىغا ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى» سىنىڭ سابىق رەئىسى ھامىت كۆكتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيە 2017-يىلى 1-ئايدا ئۆي-مۈلۈك سېتىۋالغانلارغا پۇقرالىقنى بېرىش قانۇنىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ يول بىلەن پۇقرالىققا ئۆتۈۋاتقان خىتاينىڭ سانىنىڭ تېزلا كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، 20 دۆلەت ئىچىدە خىتاينىڭ 8-قاتارغا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەن بۇ ھەقتە تۈركىيەنىڭ خىتايلارغا پۇقرالىق بەرمەسلىكى كېرەكلىكىنى شەرھلەپ ماقالىمۇ ئېلان قىلغان. تۈركىيە ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپانىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان مۇھىم بىر دۆلەت بولۇپ، ئۈچ قىتئەنىڭ ئۆتىڭىدۇر. شۇڭا خىتايلار تۈركىيەنىڭ بۇ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن تۈركىيەدە ئولتۇراقلىشىشنى خالايدۇ. بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندا باي بولغان خىتايلار تۈركىيەدىن ئۆي-مۈلۈك ئېلىپ پۇقرالىققا ئۆتۈۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بەلكىم بۇ خىتايلار ئارقىلىق تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا زەربە بېرىشنى كۆزلىگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا خىتاي ھازىر تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ ئۆي-مۈلۈك ئالغان 20 دۆلەت پۇقرالىرى ئىچىدە 8-قاتاردا تۇرىدىكەن.

ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۆي-مۈلۈك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەبەرنۈش كىرەچجى ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «2017-يىلىدىن تارتىپ 250 مىڭ دوللارلىق ئۆي-مۈلۈك سېتىۋالغان چەت ئەللىكلەرگە تۈركىيە پۇقرالىقى بېرىلىشكە باشلىغان ئىدى. بۇنى پۇرسەت دەپ بىلگەن خىتايلار ئىستانبۇلدىن كۆپلەپ ئۆي-مۈلۈك سېتىۋېلىشقا باشلىدى. خىتايلار ئەخلاقسىز تەكلىپلەر بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرىنىڭ ئىشىكىنى قېقىشقا باشلىغان ئىدى. مەسىلەن، خىتايلار يۈز مىڭ دوللارلىق ئۆيگە 250 مىڭ دوللارلىق تالون بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. ئاز پۇل بىلەن تۈرك پۇقرالىقىغا ئۆتۈش ئۈچۈن ھىيلە-نەيرەڭلەرنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. »

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايلار كۆپرەك «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۆتىدىغان شەھەرلەردىن ئۆي-مۈلۈك سېتىۋېلىپ بۇ شەھەرلەردە تىجارەت قىلىشقا باشلىغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانى ئىستانبۇلغا بىر مىليون، تۈركىيە بويىچە 10 مىليون خىتاي جايلاشتۇرۇش. ئۇلار ھازىر يېڭى يىپەك يولى ئۆتىدىغان ئىسكەندۇرۇن، ئانتاليا، ئىزمىر ۋە ترابزونغا ئوخشاش دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەردىن ئۆي ئېلىۋاتىدۇ. يەنە بىرسى خىتاي دۆلىتى ۋە بەزى خىتايلار تۈركىيەدىكى شىركەتلەرنى سېتىۋېلىۋاتىدۇ. مەنچە بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب، ياۋروپا دۆلەتلىرى كۆپلىگەن خىتاي ماللىرىنىڭ كىرىشىنى چەكلەيدۇ ياكى ئېغىر تاموژنا بېجى ئالىدۇ. تۈركىيەدە ئىشلەپ چىقىرىلغان ماللارغا ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئۇنچىۋالا كۆپ چەكلىمە يوق. شۇڭا تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا مال سېتىشمۇ بۇنىڭدىكى يەنە بىر مەقسەت. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا ئۇلار يېڭى يىپەك يولى ئۆتىدىغان دۆلەتلەرگە بولغان تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ، دەپ ئويلايمەن. تۈركىيەدە خىتاينىڭ تەسىر كۈچى كۈچەيسە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈنمۇ زىيانلىق بولىدۇ.»

تۈركىيەنىڭ «سائادەت» ۋە «كېلەچەك» پارتىيەلىرىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا مەسئۇلى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق يازغان: «بۇ مەسىلە تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتىلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بىز ئۆكتىچى پارتىيەدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى ئۆي-مۈلۈك ئالغان چەت ئەللىكلەرگە پۇقرالىق بېرىش سىياسىتىنى دەرھال ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىۋاتىمىز. ئالدىمىزدىكى ئايلاردا بۇ مەسىلە تۈركىيە پارلامېنتىدا قايتا مۇزاكىرىگە قويۇلۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلايمەن. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتىدىن تۈرك خەلقىمۇ نارازى، شۇڭا ھۆكۈمەت بۇ قانۇننى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. خىتايلارنىڭ كۆپىيىشى تېخىمۇ ۋەھىمىلىك بىر ئەھۋال.»

تۈركىيە «ھۆكۈمەت» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەڭ ئاز بولغاندا 400 مىڭ دوللارلىق مۇقىم مۈلۈك سېتىۋالغانلارغا پۇقرالىق بېرىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىگە بىرنەچچە قوشۇمچە شەرتلەر قوشۇلغان: بىرىنچى، ئۆي سېتىۋالغۇچىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ ئىككى مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە تۇراقلىق ئىقتىسادىنىڭ بارلىقى مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان بولۇشى كېرەك؛ ئىككىنچى، كەم دېگەندە بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى مۇقىم مۈلۈكنىڭ ئىگىدارچىلىق خېتىگە ئۈچ يىلغىچە سېتىشقا بولمايدۇ، دېگەن مەزمۇندىكى ئىزاھات يېزىلىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-جەمئىيەت تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان بولۇشى كېرەك؛ ئۈچىنچى، كەم دېگەندە 100 ئادەمنى ئىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇشى كېرەك؛ تۆتىنچى، كەم دېگەندە ئۈچ مىليون دوللارنى تۈركىيەدىكى بانكىلارغا ئامانەت قويغانلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك؛ بەشىنچى، كەم دېگەندە ئۈچ مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى دۆلەت قەرزى چېكىنى ئۈچ يىل تۇتۇپ تۇرغانلىقى مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان بولۇشى كېرەك. ئەنە شۇ شەرتلەر تولۇق ئورۇنلانسا، ئاندىن تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىنىدىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە تۈركىيەنىڭ بۇ شەرتلىرىگە چۈشىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپ ئەمەس ئىكەن. بۇ شەرتلەرگە توشىدىغانلارنىڭ كۆپى رۇسلار، ئەرەبلەر، ئەزەربەيجانلىقلار، ئىرانلىقلار ۋە خىتايلار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.