تۈركىيە ۋە باشقا تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك خەۋپىگە قارشى تەدبىر ئېلىشى تەلەپ قىلىندى
2024.10.02
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغانلىقىنىڭ 75-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، ئەنقەرەدىمۇ مەخسۇس ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 10-ئاينىڭ 1-كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنىشىنىڭ 75-يىلىدا» تېمىسىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «خىتاينى توختات!» شوئارى ئاستىدا ھەر قايسى دۆلەتلەر خىتاي كېڭەيمىچىلىكى ۋە خىتاي خەۋپىگە قارىتا تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىلدى.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىنىڭ 75-يىللىقىنى خاتىرىلەش، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» غا لەنەت ئوقۇش مەقسىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىنغا «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا مەسئۇل سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى، «بۈيۈك بىرلىك» پارتىيەسىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى، پىروفېسسور دوكتور ئورخان قاۋۇنجۇ ئەپەندى، بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ باش مەسلىھەتچىلىرى، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار، بەزى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە تېلېۋىزىيە-گېزىتلەرنىڭ مۇخبىرلىرى ئىشتىراك قىلدى.
يىغىن، ئالدى بىلەن تۈركىيەنىڭ دۆلەت مارشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. كېيىن يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىگە بىنائەن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى ئاخبارات باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «قىممەتلىك مۇخبىرلار، پارلامېنت ئەزالىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە قىممەتلىك يىغىن ئەھلى، 1-ئۆكتەبىر، شەرقىي تۈركىستانلىقلار، تىبەتلىكلەر ۋە ئىچكى موڭغولىيەلىكلەر ئۈچۈن ماتەم كۈنىدۇر. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيەتى قۇرۇلغان، شەرقىي تۈركىستان كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان 1949-يىلىدىن تارتىپ زۇلۇم داۋام قىلماقتا. بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بۇ زۇلۇمىغا خاتىمە بەرمەك، خىتاي خەۋپىنى توختاتماق ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىۋاتىمىز. بىز خىتاي ئىشغالىدىن ئىبارەت بۇ قاراڭغۇ كۈننى خاتىرىلەش، خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە لەنەت ئوقۇش، شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەتلەرنى خىتاي خەۋپىگە، خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىگە قارىتا تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىش مەقسىتىدە بۇ يەرگە جەم بولدۇق. »
ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى باياناتىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «2017-يىلى ئاشكارىلانغان جازا لاگېرلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە يوق قىلىش سىياسىتىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا تېزلىتىلگەن شەكلىدۇر. ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق مىراسلىرىنى بۈگۈنگىچە قوغداپ كەلگەنىدى. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە خىتاي تۈرك ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ پەرۋاسىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشقا تىرىشماقتا. تۈركىيە ۋە باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى خىتاينىڭ دۇنياغا، بولۇپمۇ تۈرك دۆلەتلىرىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان خەۋپىنى چۈشىنىپ يېتىپ، بۇ تەھدىتنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك.»
«بۈيۈك بىرلىك» پارتىيەسىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى، پىروفېسسور دوكتور ئورخان قاۋۇنجۇ ئەپەندى خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىگە قارىتا تۈرك دۆلەتلىرىنى تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى: «Stop China، يەنى ‹خىتاينى توختات!›، بۇنى قانداق قىلىمىز؟ بۇنىڭ چارىسىنى قىلىش ناھايىتى مۇھىم. 1997-يىلى غۇلجا قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن مەن تۈركىيە پارلامېنتىدا بىر نۇتۇق سۆزلىگەن ئىدىم. ئۇ ۋاقىتتا بەزى كىشىلەر مېنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەس، چۈنكى بۇ يەر بېسىۋېلىنغان زېمىن. بۈگۈن بۇ ئىنسانلىق دۇنياسىنىڭ مەسىلىسى بولۇشى كېرەك. خىتاي بۈگۈن ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن تۈركىيەدىكى تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن دۆلىتىمىزدە زېمىن تەييارلاپ بېرىۋاتىمىز. خىتاي خەۋپىنى توختىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئاڭلىتىشىمىز، بۇ يەردە ئۇيغۇرلارغا مەسئۇل ئىشخانا تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك. مۇستەقىل تۈرك دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا، خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىگە قارىتا تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىشىمىز كېرەك.»
ئارقىدىن «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن تۈركىيە ئۆزىنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرى تۈپەيلى تاشقى مەسىلىلىرىنى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۆرەلمەيۋاتىدۇ. خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى ۋە خەۋپى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيە ۋە باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنى يۇتۇۋېلىش نىيىتى بارلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. خىتاينىڭ بۇ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ توسالغۇ شەرقىي تۈركىستاندۇر. شەرقىي تۈركىستان تۈرك دۇنياسىنىڭ قەلئەسىدۇر. خىتاي شەرقىي تۈركىستان پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇپ بولسا، نۆۋەت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىگە كېلىدۇ. شۇڭا تۈرك دۇنياسى خىتاي خەۋپىنى توختىتىش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشى، بۇ ھەقتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.»
يىغىنغا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن ئەنقەرەدىكى يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ساغلاملىق بىلىملىرى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور نامەتجان مەمەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەندىن سىرت، سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى توختىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بايان قىلدى.
بۇ يىغىنغا د ئۇ ق نىڭ ۋاقىتلىق رەئىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، «كېلەچەك ۋە سائادەت» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا مەسئۇلى سەلچۇق ئۆزداغنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئالى سەلچۇق ئەپەندى ۋە «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى پىروفېسسور دوكتور ئايشە فىلىز ئاۋشار خانىممۇ قاتنىشىپ سۆز قىلدى.