تۈركىيەدە خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن تۇتۇلغان 7 كىشىدىن بىرسى جىنايەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان
2024.10.22
2024-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەلۇمات توپلاپ خىتاي ئىستىخباراتى ئۈچۈن ئىشلىگەن جىنايىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان 7 نەپەر ئۇيغۇر ئۈستىدىن 10-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىستانبۇل سوت مەھكىمىسىدە سوت ئېچىلغان بولۇپ، سوت مەھكىمىسىدە مەمەت ئېزىز سادىق (Shadeke MAIMAITIAIZAZI) جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە قىلمىشلىرىدىن پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن سوتچى ھاكىم جازا ھۆكۈم قىلىشنى ئىككى ئاي كېچىكتۈرگەن ۋە بۇ جەرياندا ئىزچىل تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا قارار بەرگەن.
تۈركىيە «ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى» نىڭ 17-ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇل باش تەپتىش مەھكىمىسى تەييارلىغان ئەيىبنامە ئاساسىدا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، جىنايەت گۇماندارى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە خۇسۇسى ئۇچۇرلار، رەسىم ۋە ۋىدىيوغا ئوخشاش مەلۇماتلىرىنى توپلاپ خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرىغا يەتكۈزگەن.
ئەيىبنامىدە، جاسۇس مەمەت ئېزىز سادىقنىڭ خىتاي ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ھەمدە بۇ ئىدارىنىڭ خادىملىرى بىلەن خوڭكوڭ ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۇچراشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
«ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەمەت ئېزىز سادىق تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە ئۇلاردىن باشقا كۆپلىگەن جەمئىيەتلەرنىڭ ئەزالىرى ۋە ئادرېسلىرى توغرىسىدا قولغا چۈشۈرگەن مەلۇماتلارنى، رەسىم، ۋىدىيو ۋە ھۆججەتلەرنى، شۇنداقلا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى خىتاي ئىستىخباراتىغا يەتكۈزگەن. خىتاي ئىستىخبارات ئىدارىسى بۇنىڭ بەدىلىگە جاسۇسلارغا ئۈچىنچى شەخسلەرنىڭ بانكا ھېسابلىرى ئارقىلىق پۇل ئەۋەتكەن، مەمەت ئېزىز سادىققا بېيجىڭ ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشلاردا 22 مىڭ دوللار نەق پۇل بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇتۇلغان جىنايەت گۇماندارلىرىدىن ھەبىبۇللا ئۈرۈمچى، ھاشىم سابىتئوغلى، سامەت ئا، ۋە قارى ي. نىڭ بانكا ھېسابلىرى ئارقىلىق جەمئىي 110 مىڭ 910 دوللار پۇل بەرگەن.
10-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى سوتتا قويۇپ بېرىلگەن ھەبىبۇللا ئۈرۈمچى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەمەت ئېزىز سادىق ئۈچۈن 4 كىشىنىڭ بانكا ھېسابى ئارقىلىق پۇل سېلىنغان ئىشنىڭ يوقلۇقىنى، ئۆزىنىڭ ھېچ قاچان خىتايدىن پۇل كەلتۈرۈپ باشقىلارغا يۈرۈشتۈرۈپ بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە خىتاي بىلەن پۇل مۇئامىلە قىلدى دېگەن گەپ بىلەن ھېچ قايسىمىزنىڭ ئالاقىسى يوق، مەسىلەن بىز 7 ئادەمنى تۇتقان بولدى، ئەمما 6 كىشىنىڭ ھەممىسى قويۇپ بېرىلگەن، بۇ 6 كىشىدىن ھېچ قايسىمىز خىتايغا پۇل ئەۋەتكەن ياكى خىتايدىن پۇل كەلتۈرگەن مۇئامىلىمىز بولمىدى، بۇ خەۋەر يالغان، بۇ گەپلەرنىڭ ئاساسى بولسا ئىدى، ئەيىبنامىگە يېزىلاتتى».
خەۋەردە، مەمەت ئېزىز سادىقنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ۋە رەھبەرلەر توغرىسىدا مەلۇمات توپلاپ خىتاي ئىستىخباراتىغا يەتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن، مەمەت ئېزىز سادىقنىڭ قول تېلېفونىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان قاتارلىق كىشىلەرنىڭ كۆپلىگەن پائالىيەت رەسىملىرىنىڭ خىتاي ئىستىخباراتى خادىملىرىغا يوللانغانلىقى، خىتاي ئىستىخباراتى بىلەن ۋىچات، سىگنال، تېلېگرام قاتارلىق ئەپلەر ئارقىلىق ئالاقە قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ئەيىبنامىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەمەت ئېزىز سادىق سوراقتا بەرگەن ئىپادىسىدە، ئۆزىنىڭ تۈركىيەدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، ئالىمجان ئىسىملىك خىتاي ئىستىخبارات خادىمى بىلەن ئالاقە قىلىش ئۈچۈن ۋىچات قوللانغانلىقىنى، ئالىمجاننى 2013-يىلى قاغىلىقتىكى ۋاقىتتىن باشلاپ خىتاي ساقچىسى دەپ تونۇيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ مەمەت ئېزىز سادىقنى 2021-يىلى تۈركىيەدىن خىتايغا كېلىشكە چاقىرغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن بېرىشنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا ئائىلىسىگە زىيان يەتكۈزۈش بىلەن تەھدىت سالغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن مەمەت ئەزىز خوڭكوڭغا بارغاندا تۇتۇلۇپ قاغلىققا يۆتكەلگەنلىكىنى، قاغىلىقتا 15 كۈن قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقىنى بايان قىلغان.
مەمەت ئېزىز سادىق ئىپادىسىدە جاسۇسلۇق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
ئەيىبنامىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەمەت ئېزىز سادىققا ئالىمجان ئىسىملىك خىتاي ئىستىخبارات خادىمى: «خىتاي كۈچلۈك دۆلەت، ئەگەر بىز ئۈچۈن ئىشلىسەڭ قۇتۇلىسەن، بولمىسا سېنى ۋە سېنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىمىز» دېگەن. ئۇ مەمەت ئېزىز سادىق ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقىنى، بىراق مەمەت ئېزىز ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلسا قايتىدىن تۈركىيەگە بارالايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ قاغىلىقتا قالغان يېقىن تۇغقانلىرىغا زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ ئالىمجاندىن نېمە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ، مەمەت ئېزىز سادىققا، تۈركىيەگە بېرىپ ئۇ يەردە شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات يەتكۈزۈپ تۇرۇشنى دېگەن. مەمەت ئېزىز سادىق ئۇنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىپ، يېڭى پاسپورت چىقىرىپ بەرگەن ۋە 7 مىڭ دوللار نەق پۇلمۇ بەرگەن. مەمەت ئېزىز سادىقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىچە، ئۇ 2023-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ تاكى 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇتۇلغانغا قەدەر خىتاي ئىستىخباراتى ئۈچۈن ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا ئالىمجان ئۇنىڭدىن تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك يىغىن ۋە پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى، ئۇ يەرگە قېتىلغان شەخسلەرنىڭ رەسىملىرىنى ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلغاندىن باشقا، ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تاراتقۇلىرىدىن ئۇچۇر ئېلىپ يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. مەمەت ئېزىز سادىق بۇ تاراتقۇلارنى كۆزىتىپ ھەر ئون، ئون بەش كۈندە بىر قېتىم ئالىمجانغا مەلۇمات يەتكۈزگەن.
ئەيىبنامىدە، مەمەت ئېزىز سادىق، ئائىلىسى ۋە باللىرى بىلەن تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن جاسۇسلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، بۇ قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى، مەمەت ئېزىز سادىق، ئابدۇللا ناسىر، ھاشىم سابىتئوغلى، ھەبىبۇللا ئۈرۈمچى، قارىي ي. نۇرئەخمەت ئۆ. سامەت ئا. قاتارلىق كىشىلەر ئۈچۈن «سىياسىي ياكى ھەربىي جاسۇسلۇق مەقسىتىدە دۆلەتنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىش ۋە باشقىلارغا يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن 18 يىل 10 ئايدىن 25 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشنى سوت مەھكىمىسىدىن تەلەپ قىلغان.
بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى بىلەن 10-ئاينىڭ 3-كۈنى قويۇپ بېرىلگەن ھەبىبۇللا ئۈرۈمچى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ھەبىبۇللا ئۈرۈمچى مۇنداق دېدى: «مېنى 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتىگەن بامدات ۋاقتى بىلەن ئۆيگە كېلىپ ئېلىپ كەتتى ۋە سولاپ قويدى. ئەتىسى مەندىن ساقچىلار نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىمنى سورىدى، مەن بىلمەيمەن دېدىم، ئۇلار سېنى خىتاينىڭ جاسۇسى دەپ تۇتتۇق دېدى». ھەبىبۇللانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار ئۇنى سوراق قىلىش جەريانىدا، نېمە ئۈچۈن 2004-يىلىدىن بۇيان سەئۇدىيغا كۆپ قېتىم بېرىپ كەلدىڭ؟ قازاقىستاندىن ساڭا ئەۋەتىلگەن 6 مىڭ دوللار نېمە پۇل؟ تېلېفونۇڭدا باشقىلارنىڭ پاسپورت، كىملىك فوتو كوپىيەلىرى ۋە باشقا نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ رەسىملىرى باركەن بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسەن؟ دېگەندەك سوئاللارنى سورىغان.
ھەبىبۇللا ئۈرۈمچى سوت جەريانىدىمۇ يۇقىرىدىكى سوئاللارغا بىر-بىرلەپ جاۋاب بەرگەن بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا تىجارەت ئۈچۈن بارغانلىقىنى، قازاقىستاندىن ئۇنىڭ بانكا ھېسابىغا كەلگەن 6 مىڭ دوللار پۇلنىڭ باشقا بىر تىجارەتچى يېقىنى ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكىنى ۋە ئۇ پۇلنى بانكىدىن چىقىرىپ ئۆز ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن باشقا خىتايدىن پۇل كەلمىگەنلىكىنى، تېلېفونىدىكى باشقىلارنىڭ پاسپورت ۋە كىملىك فوتو كوپىيەسىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە بىزنى خىتاي ئىستىخباراتى ئۈچۈن ئىشلىگەن ۋە مەلۇمات يوللىغان دېگەندەك ئۇچۇرلار تارقاپ كېتىپتۇ. ئەمما بىزنى تۈركىيە دۆلىتى (سوت مەھكىمىسى) 5-6 ئايدىن بۇيان سۈرۈشتە قىلىپ تېلېفونلىرىمىزنى تەكشۈرۈپ چىقتى، بىزنىڭ ئۇنداق بىر نەرسە يوللىغان ئىشىمىز بولسا ئاشكارا بولاتتى، بىزنى تۇتقان دۆلەت گۇناھىمىز بولغان بولسا ئەيىبنامىگە كىرگۈزگەن بولاتتى. ئۇنداق بىر نەرسە يوق، بۇ ئۇچۇرلار يالغان».
بىز بۇ ھەقتە پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن ئەكرەمنى زىيارەت قىلدۇق.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور ئەركىن ئەكرەم، دۆلەتلەر ئارا جاسۇسلارنى تۇتۇش ۋە ئالماشتۇرۇش ئەھۋالىنىڭ پات-پات كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان بىر ھادىسە ئىكەنلىكىنى، بىراق تۈركىيەدە «خىتاي جاسۇسى» دەپ تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى، بۇنىڭ ئارقىسىدا نېمە سەۋەب بارلىقى توغرىسىدا مەلۇماتى يوقلۇقىنى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ مەسىلىنىڭ ئايدىڭلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز يەنە بۇ ھەقتە پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى» رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئىگىلىشىمىزچە، تۈركىيە ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان 7 كىشىدىن، مەمەت ئېزىز سادىقتىن باشقا ھەبىبۇللاھ ئۈرۈمچى، ئابدۇللا ناسىر، ھاشىم سابىتئوغلى، قارى يى، نۇرئەخمەت ئۆ، سامەت ئا. قاتارلىق 6 كىشى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېچىلغان سوتتا سوتچى ھاكىم تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن. بىراق باشقا مەنبەلەردىن ئالغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ كىشىلەر گەرچە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ دېلو ئارخىپى تېخى يېپىلمىغان بولۇپ، سوتنىڭ كېيىنكى ئايلاردا قايتا ئېچىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. مەمەت ئېزىز سادىق ھەققىدە داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇش قارارى بېرىلگەن بولۇپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئىككى ئايدىن كېيىن يەنە قايتا سوت ئېچىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىدە تۇتقۇن قىلىنغان 7 كىشىنىڭ بىرسى ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئېتىراپ قىپتۇ، خىتاينىڭ مەجبۇرلىشى ۋە ئائىلىسىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ئارقىلىق ئۆزىنى بۇنىڭغا مەجبۇر قىلغانلىقى، بۇ ئىشنى قىلىش ئارقىلىق خىتايدىن قانچىلىك پۇل ئالغانلىقىغا ئائىت پۈتۈن مەلۇماتلارنى ئىقرار قىپتۇ، قالغانلار قويۇپ بېرىلىپتۇ. ئەمما ‹ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى› نىڭ 17-ئۆكتەبىر بەرگەن خەۋىرىدە، ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنماي تۇرۇپ سوتلىنىدىغان شەكىلدە قويۇپ بېرىلگەنلىكى، بۇلارغا تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن 18 يىلدىن 25 يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭمۇ سوتى تېخى ئاخىرلاشقان ئەمەس، بۇلار تۇتقۇن قىلىنماستىن سوتى داۋام قىلىۋاتىدۇ، قويۇپ بېرىلمىگەن بىر كىشى ئۆزىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئىشلىگەنلىكىنى بۇ ئىشلىگەننىڭ بەدىلىگە خىتايدىن پۇل ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان».
ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى بۇ مەسىلە توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «سوت تامامەن ئاخىرلىشىپ ئاخىرقى ھۆكۈم ئېلان قىلىنغۇچە بولغان ئارىلىقتا بىز بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئېھتىيات بىلەن قارىشىمىز كېرەك، ئاخىرقى نەتىجىنى بىلمەي تۇرۇپ بۇلارغا بىزنىڭ ھۆكۈم بېرىشىمىز ئۇيغۇن بولمايدۇ. بىز، ھېچ بىر ئۇيغۇر بۇ خىل ئەيىبلەش بىلەن سوتقا تارتىلمىغان بولسا دەپ ئارزۇ قىلىمىز. لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، غۇرۇرىنى، ۋىجدانىنى يوقاتقان، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆزىگە ناھايىتى شەرەپلىك بىر ئىش دەپ قارايدىغان مۇشۇنداق ئادەملەرمۇ يوق ئەمەس، بۇلارنى ئەلۋەتتە لەنەتلەيمىز، بۇنىڭغا سوتنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىگە قاراپ ئاندىن كېيىن ھۆكۈم بېرىشىمىز كېرەك».