تۈركىيەدە تۇتۇلغان خىتاي جاسۇس گۇماندارلىرىنىڭ كىملىكلىرى ئاشكارىلاندى
2024.02.28
ئۆتكەن ھەپتە ئىستانبۇل باش تەپتىش مەھكىمىسى ئېلىپ بارغان ھەرىكەت دائىرىسىدە خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغان دەپ قارالغان گۇماندارلاردىن 6 نەپىرى قولغا ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى. بۈگۈن، يەنى 28-فېۋرال كۈنى «خەبەر تۈرك» گېزىتى ۋە «خەبەر تۈرك تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ خەۋەرلىرىدە بۇلاردىن تۆت كىشىنىڭ ئىسمى ئاشكارىلاندى. خەۋەردە تۈركىيەدە خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغان كىشىلەرنىڭ خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۇچراشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. «خەبەر تۈرك» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى جەيلان سەۋەرنىڭ ئىمزاسى بىلەن تارقالغان خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، تېررورلۇق ۋە تەشكىللىك جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن چىقارغان قولغا ئېلىش ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، سادىق مەمەتئەزىز(Shadeke Maýmaýtýaýzazý)ئىسىملىك جىنايەت گۇماندارىنىڭ خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنى بولغان دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خادىمى ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى قاغىلىق ناھىيەلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى دەپ ئاتالغان خىتاي بىلەن يانفوندا ۋە يۈزتۇرانە كۆرۈشكەنلىكى ئىسپاتلانغان.
بىز تېخىمۇ تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇل باش تەپتىش مەھكىمىسىگە تېلېفون قىلدۇق، بىراق تېلېفونىمىزغا ھېچ كىم جاۋاب بەرمىدى.
«خەبەر تۈرك» نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەمەتئەزىز 2000-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق خادىمى مۇتىۋۇللا ۋە خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ خادىمى ئالىمجان قاتارلىق جاسۇسلار بىلەن يانفون ئارقىلىق ۋە يۈزتۇرانە كۆرۈشۈپ تۇرغان.
تۈركىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئېنىقلىشىچە، خىتاي جاسۇس گۇماندارى سادىق مەمەتئەزىز خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن تۈركىيە سىرتىنى تاللىغان.
«خەبەر تۈرك» ئېلان قىلغان دېلو ئارخىپىدا دېيىلىشىچە، سادىق مەمەتئەزىز 2023-يىلى 2-ئايدا خوڭكوڭغا بارغان بولۇپ، خوڭكوڭدىن قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىگە بېرىپ، لى فامىلىلىك ۋە ئالىمجان ئىسىملىك ئىككى جاسۇس بىلەن يۈز تۇرانە ئۇچراشقان، ئارقىدىن ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە ئالىمجان بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچراشقان. ئۇچرىشىشلارنى يوشۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن خىتايدا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرى مەمەتئەزىزگە ئوخشىمىغان ئىككى خىل پاسپورت بېجىرىپ بەرگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىش-كېلىش يوللىرى پۈتۈنلەي تاقالغان ئەھۋالدا، بولۇپمۇ 2017-يىلىدىن كېيىنكى مەزگىللەردىمۇ مەزكۇر جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئاسانلا بېرىپ-كېلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن 2023-يىلى 8-ئايدا تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەن سادىق مەمەتئەزىز، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى، جەمئىيەتلىرىنىڭ يىغىنلىرى، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىنىڭ ئادرېسىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، سۈرەت ۋە ھۆججەتلەرنى توپلاپ خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تاپشۇرۇپ بەرگەن.
بىز سادىق مەمەتئەزىزنىڭ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئوغلى بىلەن دادىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، دادىسى بىلەن ئىككى يىلدىن بۇيان ئايرىم ئۆيدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بىراق دادىسىنى جىنايەتچى دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاخىرقى قارارى چىقمىغۇچە دادىسى توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، سوتنىڭ ھۆكۈمى چىقماي تۇرۇپ دادىسىنى جىنايەتچى دەپ قاراشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
«خەبەر تۈرك» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىستانبۇل باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئېنىقلىشىچە، سادىق مەمەتئەزىز خىتاي ئىستىخبارات ئورگىنىدىن تاپشۇرۇۋالغان يوليورۇق بىلەن ھەرىكەت باشلاپ، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان تۇرىدىغان رايوندا ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلاپ، 2023-يىلى 1-ئايدا ئىستانبۇلنىڭ باشاقشەھىر رايونىدىن ئۆي ئىزدەپ تاپالمىغان. ئۇ يەنە زەيتىنبۇرنۇدىكى ئۇيغۇر ناۋايخانىدا ئىشلەيدىغان ئابدۇللاھ ئىسىملىك كىشىدىن پايدىلىنىپ، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلاش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. سادىق مەمەتئەزىز خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش بەدىلىگە 2023-يىلى بېيجىڭدا 7000 دوللار، سەئۇدى ئەرەبىستاندا 15 مىڭ دوللار پۇل ئالغانلىقى ئېنىقلانغان.
بىز زەيتىنبۇرنۇدىكى مەزكۇر ئابدۇللاھ ئىسىملىك كىشىنى زىيارەت قىلىپ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەمەتئەزىز ئىسىملىك كىشىنى تونۇمايدىغانلىقىنى، بىراق بىر كىشىنىڭ قاغىلىقتىن ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ دۇكىنىغا ئىككى-ئۈچ كۈندە بىر قېتىم كېلىپ ئولتۇرۇپ گەپ سورايدىغانلىقىنى، بىر كۈنى كېلىپ، «تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر بولسا ياردەم قىلماقچى ئىدىم، قاغىلىقتىن بولغان مۇجاھىد بالىلار بارمۇ، تونۇسىڭىز ماڭا دەپ بېرىڭ» دەپ سورىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ ئۇنداق كىشىلەرنى تونۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
گۇماندارلاردىن بىرى بولغان ھەبىبۇللا ئۈرۈمچى ھەققىدە چىقىرىلغان تۇتۇش بۇيرۇقىدا خاتىرىلىنىشىچە، ھەبىبۇللا ئۈرۈمچى سادىق مەمەتئەزىزگە ئالىمجان ئىسىملىك جاسۇستىن كەلگەن پۇلنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە ۋاسىتىچى بولغانلىقى قەيت قىلىندى. ھەبىبۇللا ئۈرۈمچىنىڭ پاكىستاندىمۇ سادىق مەمەتئەزىز بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغانلىقى ۋە كۆپ قېتىم چەت ئەلگە چىقىپ-كىرگەنلىكى ئېنىقلانغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، گۇماندارلارنىڭ بىرى بولغان ھاشىم سابىتئوغلىنىڭ يېقىندا ئۆمرە ھەج قىلىش باھانىسى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ، خىتاي ئىستىخبارات جاسۇسلىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقى ۋە سادىق مەمەتئەزىزنىڭ خىتايدىن ئالغان پۇللارنى ھاشىم ئارقىلىق تىجارەت قىلىش نىقابى ئاستىدا تاپشۇرۇۋالغانلىقى ئاشكارىلانغان.
گۇماندارلارنىڭ بىرى بولغان ئابدۇللا ناسىر ئۆزىنى خىتاينىڭ كونسۇلخانا خادىمى دەپ تونۇشتۇرغان شۈې گاڭجوڭ(Xuegang Zhong) ئىسىملىك خىتاي ئىستىخبارات خادىمى بىلەن ئىزچىل كۆرۈشكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بۇرسا شەھىرىدە بىر مېھمانخانىدا بىللە تۇرغانلىقى ئاشكارىلانغان. ئالىمجان ئىسىملىك جاسۇسنى تونۇيدىغان ئابدۇللا ناسىرنىڭ كۆپ ساندا پاسپورت خاتىرىسى بارلىقى ئاشكارىلانغان.
20-فېۋرال كۈنى سەھەر بامدات ۋاقتى بىلەن ئىستانبۇل تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە تەشكىللىك جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش باشقارمىسى ئىستانبۇلدا ئوخشاش ۋاقىتتا ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، خىتاي ئىستىخباراتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغان دەپ قارالغان 7 نەپەر گۇماندارنى تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن ئوخشاش ۋاقىتتا تۇتقۇن قىلىنغان ئىستانبۇلدىكى مەلۇم يېمەك-ئىچمەك دۇكىنىغا شېرىك بولغان ئەخمەتجان ئىسىملىك تىجارەتچىنى قويۇپ بەرگەن.
بىز تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئەخمەتجان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئەخمەتجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىندا تۇتۇلغان 6 كىشى بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى، ئۆزىنىڭ دۇكاندا ساقلىغان ئامانەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۇتقۇن قىلىنىپ كېيىن مەسىلە يېشىلگەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە بۇ دېلو يەنە داۋاملىق تەكشۈرۈپ دەلىللەش باسقۇچىدا ئىكەن.