پىروفېسسور ئالائېددىن يالچىنقايا: «تۈركىيە خىتايغا قارشى تەدبىر ئالىدىغان بولسا، باشقا تۈرك ۋە مۇسۇلمان ئەللىرىمۇ ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ»

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.04.05
alaeddin-yalchinqaya ئىستانبۇلدىكى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، 21-ئەسىر تۈركىيە ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، پىروفېسسور ئالائېددىن يالچىنقايا ئەپەندى يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 14-دېكابىر، ئىستانبۇل.
RFA/Erkin Tarim

ئىستانبۇلدىكى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، 21-ئەسىر تۈركىيە ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، پىروفېسسور ئالائېددىن يالچىنقايا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

27-مارت كۈنى پىروفېسسور ئالائېددىن يالچىنقايا ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بىزنىڭ «ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە كۆپ ساندا ماقالىلىرىڭىز ئېلان قىلىندى. سىز قاچاندىن تارتىپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «مېنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالەمنىڭ تېمىسى ‹تۈركىستان› ئىدى، يەنى بۇ شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۈركىستان دېگەن ۋاقتىمىزدا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، ئافغانىستاننىڭ شىمالىي قىسمى ۋە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالاھىدە ئورنى بار. مەن ئىلمىي ماقالەمدە مۇستەقىل تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىن قەدىمدىن بۈگۈنگىچە باشقا دۆلەتلەر ھەم مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلغان ئىدىم. بۇ تەتقىقاتىم جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا نۇرغۇن يېڭى مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردىم. »

پىروفېسسور ئالائېددىن يالچىنقايا ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «مەن تەتقىقاتىم جەريانىدا شۇنى چۈشىنىپ يەتتىم، شەرقىي تۈركىستان گەرچە قەدىمكى تۈرك يۇرتى بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ بۇ يەرنى ئىشغال قىلىۋېلىشىدا نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت. يەنى خىتاي بۇ زېمىننى بېسىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئىدارىسى ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ تۇپراقنى خىتاينىڭ زېمىنى دەپ قوبۇل قىلغان. كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ رايونغا ‹ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› دېگەن نامدا شەكلەن ئاپتونومىيەلىك سالاھىيەت بەرگەن. خىتاي گەرچە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كېلىشىمىگە ئوخشاش نۇرغۇن خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە ئىمزا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقاچان بۇنىڭغا رىئايە قىلمىغان، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېغىر دەپسەندىچىلىكلەر ئېلىپ بارغان. ‹ئاپتونومىيە› بېرىلگەن بۇ رايوندا ھېچ ۋاقىت ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئىجرا قىلمىغان. بۇ رايوندا زۇلۇم، بېسىم ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى بۇرۇنمۇ بار ئىدى، لېكىن شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى مەزگىلىگە كەلگەندە بۇ زۇلۇم ئېغىرلاشتى، تېخىمۇ كۈچىيىپ ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق ھالدا يوق قىلىشقا قاراپ يۈزلەندى. شۇڭا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنىغا ئاساسەن، ھەر قايسى دۆلەتلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك.»

ئالائىددىن يالچىنقايا ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى، خەلقئارا قانۇن ۋە ئىنسانىي قىممەت قاراشلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭ ئىنسانلىق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن قان-قېرىنداشلىقى ۋە تۇغقانچىلىقى بولغان مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىدە ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشىنىڭ بىر مىللىي بۇرچ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى: «ئۇيغۇرلار بىلەن قان-قېرىنداشلىق، تۇغقانچىلىق ۋە دىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش مەسئۇلىيىتى بار، ئەلۋەتتە. ئەگەر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىماي، پەقەت ئىقتىسادىي جەھەتتىن چەتكە قېقىشقا ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا ئىگە چىقىش مەجبۇرىيىتى بار. شۇڭىمۇ تۈرك دۆلەتلىرى بىلەن مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى، ئۇلارنىڭ زىممىسىدىكى ھەم دىنىي ھەم مىللىي بۇرچىدۇر.»

 «ئۆتكەن يىلى تۈركىيە خىتايدىن 40 مىليارد دوللارلىق مال ئالدى. خىتايغا ئاران 4 مىليارد دوللارلىق مال ساتالىدى. خىتاي ماللىرىنىڭ تۈركىيەگە كۆپلەپ كىرىشى بىلەن تۈركىيەدىكى نۇرغۇن زاۋۇتلار ئېتىلىپ، ئىشچىلىرىمىز ئىشسىز قالدى. ئەگەر تۈركىيە خىتايغا قارشى تەدبىر ئالىدىغان بولسا، باشقا تۈرك دۆلەتلىرى ۋە مۇسۇلمان ئەللىرىمۇ ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور ئالائېددىن يالچىنقايا ئەپەندى، 1990-يىللاردىن تارتىپ تۈركىيەدىكى گېزىت-ژۇرناللاردا، كېيىنكى يىللاردا نوپۇزلۇق تور بەتلەردە ئۇيغۇرلار توغرىلىق نۇرغۇنلىغان ئوبزور ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ بۇ ساھەدىكى ئىزدىنىشلىرى ۋە تەتقىقاتلىرى تۈرك ئىلىم ساھەسىگە ۋە ئاۋام جامائەتچىلىككە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇتۇشتا مۇھىم روللارنى ئوينىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.