تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن: مېنى ئۈمىد كۈچلەندۈرمەكتە

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021.11.08
تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن: مېنى ئۈمىد كۈچلەندۈرمەكتە لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغۇچىلار بىلەن. 2021-يىلى 7-نويابىر، نيۇ-يورك.
RFA/Gülchéhre

ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شتاتىغا جايلاشقان داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن روچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدا، 7-نويابىر، يەكشەنبە كۈنى، مەخسۇس ئۇيغۇرلار ئۇچۇۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش ھەققىدە «زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تېمىسىدا بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغان. بۇ مۇھاكىمە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىنسانشۇناسلىق فاكۇلتېتى ۋە ئۇيغۇر ئەركىنلىكى ئۈچۈن يەھۇدىيلار ھەرىكىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، پائالىيەتكە ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغۇچى سۈپىتىدە قاتناشقان بولسا، يىغىنغا يەنە يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغۇچى بىر ۋېنگىرىيەلىك يەھۇدىي ئايال لېئا مالېكمۇ(Lea Malek )تەكلىپ قىلىنغان.

يىغىنغا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە پروففېسورلىرىدىن باشقا يەنە يەھۇدىيلار جەمئىيەتلىرىدىنمۇ كۈپ ساندا ۋەكىللەر ئىشتىراك قىلغان.

لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم روچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇغۇچىسى سې خۇن كىم(Se Hoon Kim) ۋە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىنسانشۇناسلىق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان يەھۇدىي قىز ئوقۇغۇچىسى كىننېرېت كاتز كىننېرېت كاتز(Kinneret Katz) بىلەن. 2021-يىلى 7-نويابىر، نيۇ-يورك.
لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم روچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇغۇچىسى سې خۇن كىم(Se Hoon Kim) ۋە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىنسانشۇناسلىق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان يەھۇدىي قىز ئوقۇغۇچىسى كىننېرېت كاتز كىننېرېت كاتز(Kinneret Katz) بىلەن. 2021-يىلى 7-نويابىر، نيۇ-يورك.

روچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇھاكىمىدە دەسلەپ ۋېنگىرىيەدىن كەلگەن يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغۇچى لېئا مالېك، ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە ناتسىستلىرى تەرىپىدىن قانداق ۋەيران قىلىنغانلىقى ھەمدە يەھۇدىيلار سولانغان مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرىدا، دادىسىنىڭ ۋە يەنە نۇرغۇن بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ ئاچلىق ۋە ۋە ئېغىر ئەمگەك ھەمدە كېسەللەردىن قانداق قىينىلىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدەك قورقۇنچلۇق ۋە ئازابلىق كەچمىشلىرىنى ئورتاقلاشقان.

ئارقىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغۇچى سۈپىتىدە سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ لاگېرىدا ئىككى قېتىملىق قامىلىش ۋە ئۇ جايدا چەككەن قىيىن-قىستاق، روھىي، جىسمانىي زۇلۇم ۋە جىنسىي زوراۋانلىقلارنى ئىنتايىن تەسىرلىك تەبىئىي ھالدا ئاڭلاتقان.

بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مەسلىھەتچىسى، روچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇغۇچىسى سې خۇن كىم يەكشەنبە كۈنىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تولىمۇ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇشىچە بۇ مۇھاكىمە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا مەخسۇس ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تېما قىلىنغان-3 قېتىملىق مۇھاكىمە بولۇپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش، نېمىشقا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك، بۇ توغرىدا نېمە قىلالايسىز؟ دېگەننى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلغان.

ئىلگىرى سې خون كىم مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا تۇنجى بولۇپ 2019-يىلى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى تونۇشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنىنى تەشكىللەپ، لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇن ۋە باشقا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى تەكلىپ قىلغان ئىدى.

شۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىگە قىزىقىۋاتقان ۋە ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلگۈچى ستۇدېنتلار بارغانچە كۆپەيمەكتىكەن.

ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە نۆۋەتتە روچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنسانشۇناسلىق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان يەھۇدىي قىز ئوقۇغۇچى كىننېرېت كاتز Kinneret Katz نىڭ قۇرغان ئۇيغۇر ئەركىنلىكى ئۈچۈن يەھۇدىيلار ھەرىكىتى تەشكىلاتى، مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىننىڭ ئالدىدا يەنە بۇ يىل مارتتا «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە ەھۇدىيلارنىڭ مەسئۇلىيىتى» دېگەن تېمىدا مەخسۇس مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرغان ئىكەن.

سې خۇن كىم يەھۇدىي چوڭ قىرغوىنچىلىقى بىلەن سېلىشتۇرۇپ جانلىق ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىلغانلىقى يەكشەنبە كۈنىدىكى مۇھاكىمە يىغىننىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيىتى دەيدۇ.

دۈشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۇرسۇنئاي زىئاۋۇدۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزىنىڭ يەھۇدىي شاھىت بىلەن تەڭ سەھنىدە تۇرۇپ، ئوخشىشىپ كېتىدىغان ھېكايىلىرىنى ئورتاقلاشقاندا، ئىشتىراكچىلارنىڭ ئىككى مىللەتتىن بولغان ئىككى ئايالنىڭ ئوخشىمىغان دەۋردە باشتىن كەچۈرگەن ئازابلىق ھېكايىلىرىنىڭ ئۆزلىرىدە خۇددى تارىخ تەكرارلىنىۋاتقانلىقىدەك بىلىنگەنلىكىنى ئېيتىشقان.

تۇرسۇنئاي كىشىلەرنىڭ ئۆزىدىن، ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ نېمە قىلالايدىغانلىقىنى سوراشقاندا، ئادالەتپەرۋەر ئىنسانلارنىڭ سەمىمىيىتىدىن بەكمۇ تەسىرلەنگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئۆزىگە ئۈمىد بېغىشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.