UHRP نىڭ يېڭى دوكلاتى: «ئۇيغۇر ئېلىدا تۈرمىگە قامالغانلارنىڭ نىسبىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى! »
2024.04.30
ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» (UHRP) يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئەھۋالىغا ئائىت بىر ئىستاتىستىكا دوكلاتى ئېلان قىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە ئېغىر قاماق جازالىرىغا ئۇچراش نىسبىتىگە دائىر كىشىنى چۆچۈتىدىغان رەقەملەر يەر ئالغان بۇ دوكلات كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.
«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش ئاساسىدا ئېلان قىلغان بۇ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر خىتاي ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئاران بىر پىرسەنتىنى تەشكىل قىلسىمۇ، ئەمما تۈرمىدىكى مەھبۇسلار ئومۇمى سانىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى يەنى 34 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن.
ئۇيغۇر رايونىنىڭ نوپۇسى بويىچە سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرمە نوپۇسىنىڭ نىسبىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىكەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر، جۈملىدىن خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئىچىدە ھەر 100 مىڭ ئادەم ئىچىدە 3814 ئادەم تۈرمىدە ئىكەن. خىتايلاردا بولسا، خىتاي مىقياسى بويىچە تۈرمىگە سولانغانلار ھەر 100 مىڭ ئادەم ئىچىدە 80 نەپەر بولۇپ، بۇ دېگەنلىك ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تۈرمىگە قامىلىش نىسبىتى خىتايلارغا قارىغاندا 47 ھەسسە كۆپ دېگەنلىك بولىدىكەن.
مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاپتورى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى بەن كاردۇس (Ben Carrdus) نىڭ رادىيومىزغا دېيىشىچە، يۇقىرىدىكى بۇ رەقەملەر پەقەت سوت ھۆكۈمى بىلەن كېسىلگەن ھەمدە خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە رەسمىي قەيت قىلىنغان ئىستاتىستىكىلارغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، ئەمەلىي ئەھۋال بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىنكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«بۇ تەتقىقاتىمىز ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلغان لاگېر سىستېمىسىغا قامالغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بۇ پەقەتلا تۈرمىلەردىكى ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان كىشىلەرنىڭ سانىغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلغان. رايوندا 2017-يىلىدىن كېيىنكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندا قولغا ئېلىنغان، ئەمما كېسىلمەي خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشىلەر بار. ئۇلارمۇ بۇ ساننىڭ ئىچىدە ئەمەس. يەنە تېخى ئۇيغۇر ئېلىدا بىڭتۈەننىڭمۇ لاگېرلىرى بار. ئەگەر لاگېرلاردا يېتىۋاتقانلارنى نەزەرگە ئالىدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىگە قامىلىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. »
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 2017-يىلىدىن 2022-يىلغىچە بولغان ئالتە يىلدا ئېلان قىلغان رەسمىي ئىستاتىستىكىغا ئاساسەن تەھلىل قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەردىن ھەر 26 نەپىرىنىڭ بىرى تۈرمىدە بولۇپ، بۇ ھەر 17 نەپەر ئۇيغۇر ئىچىدىن بىر نەپىرىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
بەن كاردۇسنىڭ دېيىشىچە، بۇ رەقەم «تۈرمىگە قامالغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ» دەپ داڭق چىقارغان ئەل-سالۋادوردىكى تۈرمە نوپۇسىدىنمۇ ئۈچ يېرىم ھەسسە يۇقىرى ئىكەن. (ئەل-سالۋادوردا ھەر 100 مىڭ ئادەم ئىچىدە 1086 ئادەم تۈرمىدە. ) ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ تۈرمىگە قامىلىش نىسبىتى تۈرمە نوپۇسى ئەڭ كۆپلۈكى بىلەن ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش قىلمىشى ئەڭ ئېغىرلىقى بىلەن تونۇلىدىغان ئەل-سالۋادوردىنمۇ ئۈچ يېرىم ھەسسە يۇقىرى. خىتاي ئۆزىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت، دەيدۇ. ئەمما بۇ رەقەم خىتايدا قانۇننىڭ خالىغانچە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. »
بەن كاردۇس سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇتقۇنلارغا ئائىت رەقەملەرنىڭ رايوندىكى ۋەزىيەتتە قىلچىلىكمۇ ياخشىلىنىش بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خەلقئارانى ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بۇ يەردىكى مەسىلە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان دىققەت دائىم خەلقئارادا يۈز بېرىۋاتقان باشقا مەسىلىلەر سەۋەبىدىن يۆتكىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە غەززە مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئۇنتۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇ، جىمجىت داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ دېگەنلىك ئۇكرائىنا ۋە غەززەگە دىققەت قىلمايلى دېگەنلىك ئەمەس. ئەلۋەتتە ئۇلارمۇ ياردەمگە موھتاج، ئۇلارغىمۇ دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ئەمما بۇ ئۇيغۇرلار ياردەمگە ۋە دىققەتكە موھتاج ئەمەس دېگەنلىك ئەمەس. رايوندىكى ۋەزىيەتتە ياخشىلىنىش بولغاندەك كۆرۈنۈشى مۇمكىن. ئەمما بۇ پۈتۈنلەي خاتا، ئۇ يەردىكى ۋەزىيەتتە قىلچىلىكمۇ ياخشىلىنىش بولغىنى يوق. مەن يۈز پىرسەنت ئىشەنچ بىلەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدە ئازراقمۇ ياخشىلىنىش بولمىدى. »
مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىلەردە ئۆلۈش نىسبىتى خىتايدىكى باشقا خەلقلەرگە قارىغاندا كۆپ يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۆلۈم جازالىرىغا ئائىت ئىستاتىستىكىلار خىتايدا دۆلەت مەخپىيىتى، دەپ قارىلىدىغان بولغاچقا، ئۆلۈم جازالىرىغا ئائىت ئىستاتىستىكىغا ئېرىشكىلى بولمايدىكەن. ئەمما ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ «قۇرئان ئۆگىنىش» ياكى «بالىلارغا قۇرئان ئۆگىتىش» تەك ئادەتتىكى ئىشلار ئۈچۈنمۇ ئاز دېگەندە 10 يىلدىن يۇقىرى قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالانغانلارنىمۇ يۇقىرى دەپ قاراشقا بولىدىكەن.
ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن «دىيالوگ» فوندىنىڭ رەئىسى جون كەم (John Kamm) بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قايتۇرغان يازما ئىنكاسىدا «تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا توختىماي تەكىتلىنىشى لازىملىقىنى، راھىلە داۋۇتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇتقۇندىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىملىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىشنىڭ مەتبۇئاتلار ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.