«24-نويابىر ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتى پاجىئەسى» بىلەن قوزغالغان «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» ۋە تۈرمىدىكى ئۇيغۇر قىزى كامىلە ۋاھىت

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2024.11.28
urumchi-ot-apiti-kamile-wayit «24-نويابىر ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتى پاجىئەسى» بىلەن قوزغالغان «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» ۋە تۈرمىدىكى ئۇيغۇر قىزى كامىلە ۋاھىت
Photo: RFA

2022-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «24-نويابىر ئۈرۈمچى ئوت پاجىئەسى» دىن كېيىن، شاڭخەي قاتارلىق خىتاينىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ باشلامچىلىقىدا «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەرگەن.

شۇ چاغدا تارقالغان خەۋەرلەرگە كۆرە، 2022-يىلى 24-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراق بىناسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى پاجىئەسىدىن كېيىن، 25-نويابىر كۈنى ئەڭ ئاۋۋال شاڭخەينىڭ ئۈرۈمچى كوچىسىدا كوۋىد قامالى سەۋەبلىك ئۈرۈمچىدە ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگۈچىلەرنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ نامايىش تېزلىكتە پۈتكۈل خىتاي مىقياسىغا كېڭەيگەن. 26-نويابىر كۈنى نەنجىڭ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ ھويلىسىدا قوللىرىغا ئاق قەغەز كۆتۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتىگە قارشى نامايىش قىلغان. 25-نويابىر باشلانغان نارازىلىق نامايىشى بىرنەچچە كۈن ئىچىدىلا زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشىغا ئايلىنىپ، كەم دېگەندە 21 ئۆلكە، 39 شەھەر ۋە 100 دىن ئارتۇق ئۇنىۋېرسىتېتقا كېڭەيگەن.

ئۈرۈمچىدىكى بىر ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىدا يۈز بەرگەن پاجىئەلىك ئوت ئاپىتىنىڭ خىتاي مىقياسىدىكى يۇقۇم قامالىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، «ئۈرۈمچى» دېگەن بۇ ئىسىمنى نازۇك سىياسىي نامغا ئايلاندۇرۇپ قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، شاڭخەي شەھەرلىك دائىرىلەر شاڭخەيدە نامايىش يۈز بەرگەن كوچىدىكى «ئۈرۈمچى ئوتتۇرا كوچىسى» دېگەن خىتايچە تاختاينى27-نويابىر كۈنى ئېلىپ تاشلىغان. ئەينى چاغدا ئىككى نەپەر ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ تاختاينى ئېلىپ كېتىۋاتقاندا تارتىلغان سۈرىتى خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالىپ مەسخىرىلىك مۇنازىرىلەرنى قوزغىغان. ئىككى كۈندىن كېيىن، يەنى 29-نويابىر كۈنى ئەسلىدىكى ئېلىپ تاشلانغان تاختاينىڭ ئورنىغا «ۋۇ جۇڭلۇ» دېگەن يېڭى يول ۋىۋىسكىسى ئېسىلغان. يەنى ئەسلىدىكى خىتايچە تۆت خەتلىك «Wulumuqi» دېگەن خىتايچە سۆزنىڭ پەقەت 1-بوغۇمىنىلا قويۇپ قويغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «مەسىلە ھەل قىلىش چارىسى» تورلاردا تېزدىن مەسخىرىگە ئۇچرىغان.

«24-نويابىر ئۈرۈمچى ئوت پاجىئەسى» دىن كېيىن قوزغالغان بۇ نامايىش دولقۇنى ناھايىتى تېزلا «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان. گەرچە نامايىش پەقەت بىر نەچچە كۈن داۋاملاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار سىرتقى دۇنيا تەرىپىدىن 1989-يىلى 4-ئىيۇن ۋەقەسىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ھەق تەلەپ ھەرىكىتى دەپ تەرىپلەنمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا خىتايدا يامراشقا باشلىغان بۇ نارازىلىق ھەرىكىتىنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن، 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئاۋۋال بىر قىسىم جايلاردا يۇقۇم قامالىنى بىكار قىلغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2022-يىل 2-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى تۆۋەن» دەپ ئايرىلغان رايونلاردىكى ئاھالىلەر سىرتلارغا چىقىپ سودا-سېتىق قىلىشقا باشلىغان، بىر قىسىم دۇكان ۋە ماگىزىنلار نورمال تىجارىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش تەدبىرى» نىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلغان.

كىشىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغايدىغىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «24-نويابىر ئۈرۈمچى ئوت پاجىئەسى» دە ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلار، ۋە كوۋىد قامالى سەۋەبلىك ئاچلىق ئازابىنى تارتىپ، ئەڭ ئېغىر قۇربانلارنى بەرگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچنەرسە تىلغا ئېلىنمىغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەنە نامايىشقا قاتناشقان نامايىشچىلارغا قاراتقان تەكشۈرۈش ۋە تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.

نيۇ-يوركتا نەشر قىلىنىدىغان «بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلى» نىڭ سابىق باش مۇھەررىرى ئوبزورچى خۇ پىڭ ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، 2020-يىلىدىن باشلاپ خىتايدا ئەڭ رادىكال تەدبىرلەر بىلەن 3 يىل داۋام قىلغان «كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش قامالى» نىڭ بىكار قىلىنىشىغا 2022-يىل «24-نويابىر ئۈرۈمچى ئوت پاجىئەسى» سەۋەبلىك پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا پارتلىغان «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» نىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ پىڭنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتايدا قوزغالغان بۇنداق زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشىغا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ «شىنجاڭ مودېلى» غا بولغان قورقۇنچى ۋە ئەندىشىسى سەۋەب بولغان ئىكەن. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزگەن دەرىجىدىن تاشقىرى قامالى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن ئوت پاجىئەسى خىتاي پۇقرالىرىنى قاتتىق ساراسىمىگە سالغان. دېمەككى، پۈتكۈل خىتاي خەلقىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقۇم قامالىدىن قۇتۇلۇش كۈرىشىدە ئەڭ زور بەدەل تۆلىگەنلەر يەنىلا ئۇيغۇرلار بولغان.

ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئوقۇغۇچىلار شۇ يىلى 12-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ بىر ئاي بۇرۇن قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەن ۋە مەجبۇرىي ئۆيلىرىگە قايتۇرۇلغان. نامايىشقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار يۇرتلىرىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، سوراق قىلىنىش ياكى تۇتقۇن قىلىنىش قىسمەتلىرىگە ئۇچرىغان.

بۇ مەزگىلدە خېنەن شىياڭچيۇ سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ 19 ياشلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى كامىلە ۋاھىتنىڭمۇ قىشلىق تەتىل ئۈچۈن يۇرتى ئاتۇشقا قايتىپ كەلگەندە، يەنى 12-دېكابىر كۈنى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان. بۇ خەۋەر ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى ئاكىسى كەۋسەر ۋاھىت تەرىپىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە تارقىتىلىپ، ناھايىتى تېزلىكتە جىددىي دىققەت قوزغىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

كەۋسەر ۋاھىت 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېلان قىلغان ۋىدىيولۇق مۇراجىئىتىدە، خىتايلار چاغان بايرىمىنى ئائىلىسى بويىچە قۇتلۇقلاۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسى پارچىلىنىپ ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى؛ سىڭلىسىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن 2022-يىلى 12-دېكابىر تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۆزىنىڭ قاتتىق ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

كەۋسەر ۋاھىت سىڭلىسى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتىدا، سىڭلىسىنىڭ تۇتۇلۇشىغا «ئوت پاجىئەسى» ھەققىدىكى بىر ئۇچۇرنى «دوۋيىن» غا يوللىغانلىقى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالغان.

رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئاتۇشتىكى ساقچى دائىرىلىرى تۇتۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقان ئىككى ئوقۇغۇچىدىن بىرسىنىڭ كامىلە ۋاھىت ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن.

ھالبۇكى، «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» گە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان كۆپ قىسىم خىتاي ئوقۇغۇچىلار كېيىنچە قويۇپ بېرىلگەن، ئەمما كامىلە ۋاھىت قاتارلىق پەقەت بۇ ھەقتىكى ۋىدېيونى ھەمبەھىرلىگەنلىكى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قويۇپ بېرىلمەي كېسىۋېتىلگەن.

ئەينى چاغدا كامىلە ۋاھىت ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئەنگىلىيەدىكى «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ھەرىكەتكە قاتنىشىپ تۇتقۇن قىلىنغان 4 نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى، ئەمما كامىلە ۋاھىت قاتارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

كېيىنچە كامىلە ۋاھىتقا 3 يىلللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان، ئۇنىڭ دېلوسى خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. نەتىجىدە خىتاي دائىرىلىرى كامىلە ۋاھىتنىڭ ئۇچۇرىنى خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئاشكارىلاشقا مەجبۇر بولغان. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى كامىلە ۋاھىت بىلەن ئوخشاش مەزگىلدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېيىنكى ئەھۋالىنى ھازىرغا قەدەر تاراتقۇلاردىن سىر تۇتۇپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2023-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى تىۋىتتېر، يەنى (X) دا ئۇچۇر يوللاپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كامىلە ۋاھىتنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ چاقىرىقتا مۇنداق دېيىلگەن: «بۈگۈن كامىلە ۋاھىتنىڭ 20 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى. بۇ قۇتلۇق كۈننى ئۇ تۈرمىدە ئەمەس، بەلكى ئۆز ئائىلىسى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتتىكى دوستلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈشى كېرەك ئىدى. بىز خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنى كامىلەنىڭ ئىنسانلىق ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا، ناھەق قامالغان كىشىلەرنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.