«24-نويابىر ئۈرۈمچى ئوت پاجىئەسى» ۋە خىتايلارنىڭ «كوۋىد قامالى» دىن قۇتۇلۇشىغا بەدەل تۆلىگەن ئۇيغۇرلار

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2024.11.22
urumchi-ot-apiti-pajie-qemernisaxan-abdurahman ئۇلاردىن بىرى، 19-قەۋەتتىكى ئۆيىدە تۆت بالىسى بىلەن بىللە كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەن قەمەرنىساخان ئابدۇراھمان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پاجىئەسى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى تىراگېدىيەسىنى تېخىمۇ ئېنىق گەۋدىلەندۈرگەن تىپىك ۋەقەلەرنىڭ بىرىدۇر
Photo: RFA

بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى، يەنى 2022-يىلى 24-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ چوڭ بازار ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇرۇشلۇق كۆپ قەۋەتلىك بىنادا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە، بالىلار ۋە ئاياللارنى ئاساس قىلغان 40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ كۆيۈپ ئۆلۈش پاجىئەسى، خىتايدا 3 يىل داۋام قىلغان «كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش قامالى» كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئە بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ بىكار قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ۋەقە دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر پاجىئە دەل خىتاي ھۆكۈمىتى 2020-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى قەرەللىك يولغا قويغان «كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش قامالى» غا 3 يىل بولغاندا يۈز بەرگەن. ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى 2022-يىلدىكى «كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش قامالى» نى شۇ يىلى 9-ئايدا باشلىغان بولۇپ، ئوت ئاپىتى ئۈرۈمچىدە قامال داۋام قىلغىنىغا 100 كۈندىن ئاشقان مەزگىلدە يەنى 24-نويابىر كۈنى يۈز بەرگەن.

 ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 11-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچقۇرۇن ئۈرۈمچىنىڭ چوڭ بازار يەنى دۆڭكۆۋرۈك رايونى «جىشاڭيۈەن» ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى كۆپ قەۋەتلىك بىناغا ئوت كەتكەن. ئوت 15-قەۋەتتىن باشلىنىپ 19-20-قەۋەتلەرگىچە تۇتاشقان. ئەينى چاغدا بىنا ئىشىكىنىڭ ئاتالمىش «كوۋىدتىن مۇداپىئە كۆرۈش خادىملىرى» تەرىپىدىن قۇلۇپلاپ قويۇلۇشى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ كېچىكىپ كېلىشى كىشىلەرنىڭ بىنادىن قېچىپ چىقالماي كۆيۈپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئوت 3 سائەتتىن ئارتۇقراق ۋاقىتتا ئاران ئۆچۈرۈلگەن.

2022-يىلى 24-نويابىر ئوت كەتكەن بىنانىڭ سۈنئىي ھەمراھ خەرىتىسىدىكى ئورنى. 2022-يىلى 28-نويابىر
2022-يىلى 24-نويابىر ئوت كەتكەن بىنانىڭ سۈنئىي ھەمراھ خەرىتىسىدىكى ئورنى. 2022-يىلى 28-نويابىر
RFA/H. Léo Kim

ئەينى چاغدا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، 24-نويابىر كۈنىدىكى ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ھەققىدە زىددىيەتلىك مەلۇماتلارنى بەرگەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ 25-نويابىردىكى رەسمىي باياناتىدا «بۇ ۋەقەدە ئۆلۈپ كەتكەنلەر 10، يارىلانغانلار 9 ئادەم» دەپ ئېلان قىلغان؛ ئەمما ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاز دېگەندە 44 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان.

 «ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» نىڭ 2022-يىل 26-نويابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە بېرىلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 24-نويابىر كۈنى كەچتە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت كېتىش ۋەقەسىگە بىنانىڭ 15-قەۋىتىدىكى توك مەنبەسى سەۋەب بولغان. بۇ قەۋەتتىن تۇتاشقان ئوت 17-قەۋەتكىچە يامراپ، ئىس-تۈتەكلىرى 21-قەۋەتكىچە كىرگەن، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى بىنانىڭ ئەتراپىدىكى قاتمۇ قات قامال ۋە توسۇقلارنى چۇۋۇپ، بىنانىڭ يېنىغا كېلىپ ئوتنى ئۆچۈرۈپ بولغۇچە، ئوت ئۇلغىيىپ كەتكەن ۋە ئۈچ سائەتكىچە بۇ ئوت قەۋەتمۇ-قەۋەت ئۆرلەپ كۆيۈۋەرگەن؛ ئۆيگە سولىنىپ قالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى زەھەرلىك ئىس-تۈتەكتىن تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتكەن.

 ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئۈرۈمچى ئىتتىپاق ساقچى پونكىتىنىڭ بىر ساقچىسى، 26-نويابىر كۈنى رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرىغا جەمئىي 26 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئۆلگەنلەردىن 9 كىشىنىڭ كۆيۈپ ئۆلگەنلىكى، 10 كىشىنىڭ ئىس-تۈتەكتە نەپىسى بوغۇلۇپ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتقان. لېكىن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا جەنۇبىي شىنخۇا يولى ساقچى پونكىتىنىڭ بىر ساقچىسى ئۆلگەنلەرنىڭ قىرىقتىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ئېلان قىلىنغان سىنلىق ئۇچۇرلاردا، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئاساس قىلغان 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ رەسىمى تارقالغان. ئۇلاردىن بىرى، 19-قەۋەتتىكى ئۆيىدە تۆت بالىسى بىلەن بىللە كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەن قەمەرنىساخان ئابدۇراھمان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پاجىئەسى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى تىراگېدىيەسىنى تېخىمۇ ئېنىق گەۋدىلەندۈرگەن تىپىك ۋەقەلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئەينى چاغدا مەرھۇم قەمەرنىساخان ئابدۇراھماننىڭ شاراپەت ۋە مۇھەممەد ئىسىملىك ئىككى بالىسى تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەينى چاغدا رادىيومىز مۇخبىرىغا دېيىشىچە، ئۇلار ئانىسىنىڭ ۋە كىچىكى بەش ياش، چوڭى 13 ياشلىق بولغان ئىنى-سىڭىللىرىنىڭ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن كۆرگەن. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ دادىسى ۋە چوڭ ئاكىسى 2016-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە 2017-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئىكەن.

ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنى 2024-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى مەرھۇم قەمبەرنىساخاننىڭ تۈركىيەدىكى ئوغلى مۇھەممەتكە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۇ ئەينى چاغدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئائىلىنىڭ تۈركىيەدىكى پەرزەنتلىرىگە شۇ قېتىمقى ئوت پاجىئەسى ھەققىدە ھېچقانداق ئېنىقلىما بەرمىگەنلىكىنى ھەم ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ كەتكەن باشقا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مال-بىساتلىرى ئۈچۈنمۇ تۆلەم تۆلىگەنلىكى ھەققىدە باشقا ئۇچۇرلارنى ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 «24-نويابىر ئۈرۈمچى ئوت پاجىئەسى» دىن كېيىن، خىتاينىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە «كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامال سىياسىتىگە قارشى زور كۆلەملىك نامايىشلار يۈز بەرگەن. نەتىجىدە، 2022-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ كوۋىدنى قامال قىلىش بىكار قىلىنغان. ئەمما ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى «24-نويابىر ئۈرۈمچى ئوت پاجىئەسى» نىڭ ھەقىقىي سەۋەبى، كۆيۈپ ئۆلگەنلەر ۋە يارىلانغانلارنىڭ ئېنىق سانى، بۇ ۋەقەگە مەسئۇل ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ جاۋابكارلىقى، جېنى ۋە مېلىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارغا قانداق تۆلەم بەرگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. ھالبۇكى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ باياناتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىدىكى مۇستەقىل تاراتقۇلاردا بېرىلگەن خەۋەر-ئانالىزلاردا، «24-نويابىر ئۈرۈمچى ئوت پاجىئەسى» خىتايدا 3 يىل داۋام قىلغان «كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش قامالى» نى ئاخىرلاشتۇرۇشتا، خىتايلارنىڭ «كوۋىد قامالى» دىن قۇتۇلۇشىدا چوڭ رول ئوينىغان ۋەقە، ئەمما ئۇيغۇرلار ئەڭ چوڭ بەدەل تۆلىگەن پاجىئە دەپ كۆرسىتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.