«ياپونىيە ئاسىيا لىبېرال دېموكراتىك ئىتتىپاقى كېڭىشى» دە لېكسىيە: « ‹5-ئىيۇل ۋەقەسى› ‹ۋەقە› ياكى ‹توپىلاڭ› ئەمەس، بەلكى ‹قىرغىنچىلىق› تۇر! »
2024.07.19

ياپونىيە «ئاسىيا لىبېرال دېموكراتىك ئىتتىپاقى كېڭىشى» نىڭ تەشكىللىشىدە ئېلىپ بېرىلغان «ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن ھازىرغىچە: خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ناملىق مۇھاكىمىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى «توپىلاڭ» دەپ تەبىر بەرگەن 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ ماھىيەتتە «قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
«ئاسىيا لىبېرال دېموكراتىك ئىتتىپاقى كېڭىشى» تورىنىڭ 14-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، مەزكۇر كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئىلھام مەخمۇت، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دىن تارتىپ ھازىرغىچە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق زوراۋانلىق سىياسەتلىرى ھەققىدە مەخسۇس لېكسىيە بەرگەن.
ياپونىيە «ئاسىيا لىبېرال دېموكراتىك ئىتتىپاقى كېڭىشى» دائىمىي ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى، ئوبزورچى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى مىئۇرا كوتارو (Miora Kotaro) ئەپەندى بۇ لېكسىيەگە رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇ لېكسىيە باشلىنىشتىن بۇرۇن قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «ياپونىيە بىتەرەپ ئورۇندا تۇرغانلىقى تۈپەيلىدىن 2009-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى»، ياپونىيەدىكى نۇرغۇن تاراتقۇلاردا «ئۈرۈمچى توپىلىڭى» دېيىلىپ كەلگەن. ھالبۇكى، «توپىلاڭ» دېگەن بۇ ئاتالغۇ خىتاي ھۆكۈمىتى قوللانغان «ئىبارە» دۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ مەيدانىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ۋەقە ماھىيەتتە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدۇر.»
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك ساختا تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ياپونىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇتۇش ۋە كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، بۇ قېتىملىق لېكسىيەنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
«ئاسىيا لىبېرال دېموكراتىك ئىتتىپاقى كېڭىشى» تورىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئىلھام مەخمۇت مەزكۇر لېكسىيەسىدە، خىتاينىڭ يېقىنقى 15 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان ئېتنىك قىرغىنچىلىقى، ئاتالمىش ‹ئىسلام ۋەھىمىسى› نى باھانە قىلىپ يۈرگۈزگەن رايوندىكى يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتى، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قاتار باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ۋە «دىنىي ئاشقۇنلۇق» نى باھانە قىلىپ يۈرگۈزۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان.
مىئۇرا كوتارو ئەپەندى مەزكۇر مۇھاكىمىدە قىلغان سۆزىدە، بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن «26-ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى» سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان چىققان «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ، بۇ ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ سىستېمىلىق تۈس ئالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
مىئۇرا كوتارو ئەپەندى ئېلخەت ئارقىلىق رادىيومىزغا يوللىغان جاۋابىدا مۇنداق دېگەن:
«مېنىڭچە، نۆۋەتتە ياپونىيەدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تونۇشىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش كېرەك دەپ ئويلايمەن. ئەلۋەتتە، بۇ جەھەتتە ‹ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى› مۇ نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئۇچۇر-مەلۇمات تارقىتىپ، توردا سىنلىق لېكسىيە ۋە دوكلاتلارنى ئېلان قىلىۋاتىمىز. مەسىلەن، بۇ قېتىملىق لېكسىيەدە ئىلھام ئەپەندى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى توغرىلىق توختالغاندا، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيەگە بولغان تەنقىد-ئەيىبلەشلىرىنى ناھايىتى كۈچلۈك شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويدى. گەرچە ئۇنىڭ بۇ پىكىرگە نىسبەتەن ئوخشىمىغان قاراشتىكىلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ مەسىلىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى، دەپ قارايمەن.»
«ئاسىيا لىبېرال دېموكراتىك ئىتتىپاقى كېڭىشى» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئىلھام مەخمۇت بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارادىكى مۇسۇلمان جامائىتى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ كوممۇنىست خىتاي بىلەن ئىنتايىن يېقىن «دوستانە» مۇناسىۋەتتە بولۇۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ نۆۋەتتە مەۋجۇت بولۇۋاتقان بۇ رېئال مەسىلىگە كۆز يۇمماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
مىئۇرا كوتارو ئەپەندى رادىيومىزغا يوللىغان جاۋاب خېتىدە يەنە، بىر قېتىملىق لېكسىيەنىڭ ئۈنۈمىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ خىلدىكى لېكسىيە ۋە مۇھاكىمە پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە دېگەن: «ياپونىيەدە ‹ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش-كۈچ› دەيدىغان بىر سۆز بار. شۇڭا بىزنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى ئاۋازىمىزنى ۋە مەيدانىمىزنى داۋاملىق تارقىتىشتىن باشقا ئامالىمىز يوق. دۇنيا ھازىر ئۇكرائىنا، غەززەدىكى ئۇرۇش ۋە ئامېرىكادىكى پىرېزىدېنت سايلىمى قاتارلىق قىزىق تېمىلارغا دىققەت قىلماقتا. ئېنىقىنى ئېيتقاندا، ياپونىيەدىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي داۋالغۇش ۋە چېكىنىش مەسىلىسىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. گەرچە ئۇلار ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەت ئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ھېسداشلىق قىلسىمۇ، ئەمما ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىش ياكى بۇ ھەقتە ئوچۇق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش دەرىجىسى يەنىلا تۆۋەن. شۇڭلاشقا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇچۇرلارنى داۋاملىق تارقىتىش، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە سىياسەتچىلىرىگە بولغان مۇراجىئەتلىرىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، بۇ ھەرىكەتلەر يەنىلا ئاجىز ۋە يېتەرلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە! »
«ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن ھازىرغىچە: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ناملىق مەزكۇر لېكسىيەدە «ئاسىيا لىبېرال دېموكراتىك ئىتتىپاقى كېڭىشى» نىڭ رەئىسى پېما گيالپو (Pema Gyalpo) سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. بۇ قېتىملىق لېكسىيەگە مەزكۇر كېڭەشنىڭ كونا ۋە يېڭى ئەزالىرى، توكيودىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان ياپونىيەلىكلەر ئىشتىراك قىلغان. بۇ لېكسىيەگە يەنە ئۇزۇن يىللاردىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ياپونىيەدە تونۇتۇشتا بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇپ كېلىۋاتقان، «غەزەپلەنگەن ئۇيغۇر روھى»، «ئۇيغۇر شېئىرىيەت تارىخى» قاتارلىق كىتابلارنىڭ ئاپتورى خاگىتا رېيكو (Hagita Reiko) خانىممۇ قەدەم تەشرىپ قىلغان.