ياش شائىر ئىمران سادائىي ماكېدونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن شائىرلار ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتقان

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2025.01.03
yash-shair-imran-sadaiy-1 11-نۆۋەتلىك «ياھيا كەمال باياتلى» ماۋزۇلۇق شائىرلار ئۇچرىشىشىدا ياش ئۇيغۇر شائىرى ئىمران سادائىي ئەپەندى شېئىر دېكلاماتسىيە قىلغاندىن سىرت، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنىمۇ ئاڭلاتقان. 2024-يىلى دېكابىر، ئۈسكۈپ، ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى.
RFA/Erkin Tarim

ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئۈسكۈپ شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 11-نۆۋەتلىك «ياھيا كەمال باياتلى» ماۋزۇلۇق شائىرلار ئۇچرىشىشىغا تۇنجى قېتىم تۈركىيەدىكى ياش ئۇيغۇر شائىرى ئىمران سادائىي قاتناشقان. ئۇ بۇ پائالىيەتتە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلغاندىن سىرت، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنىمۇ ئاڭلاتقان.

ئەنئەنىۋى شەكىلدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارالىق شائىرلار ئۇچرىشىشىغا تۈركىيەدىن ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن شائىرلار، ماكېدونىيە رەھبەرلىرى ۋە تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، تۈركىيە پىرېزىدېنتىنىڭ سابىق باش مەسلىھەتچىسى پىروفېسسور دوكتور مۇستافا ئېسەن قاتارلىقلار، شۇنداقلا شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلغان.

11-نۆۋەتلىك «ياھيا كەمال باياتلى» ماۋزۇلۇق شائىرلار ئۇچرىشىشىدا ياش ئۇيغۇر شائىرى ئىمران سادائىي(سولدا) ئەپەندىگە تەقدىرنامە بېرىلدى. 2024-يىلى دېكابىر، ئۈسكۈپ، ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى.
11-نۆۋەتلىك «ياھيا كەمال باياتلى» ماۋزۇلۇق شائىرلار ئۇچرىشىشىدا ياش ئۇيغۇر شائىرى ئىمران سادائىي(سولدا) ئەپەندىگە تەقدىرنامە بېرىلدى. 2024-يىلى دېكابىر، ئۈسكۈپ، ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى.
RFA/Erkin Tarim

بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ياش ئۇيغۇر شائىر ئىمران سادائىي بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ شائىرلار ئۇچرىشىشىنى تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشى بىلەن ماكېدونىيەدىكى تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان ئىكەن. ئۈچ كۈنلۈك بۇ پائالىيەت جەريانىدا مول مەزمۇنلۇق پىروگراممىلار ئېلىپ بېرىلغان. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ بەزىلىرىگە تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەپەندى، ماكېدونىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىمۇ قاتناشقان. ئىمران سادائىي ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

11-نۆۋەتلىك «ياھيا كەمال باياتلى» ماۋزۇلۇق شائىرلار ئۇچرىشىشىدا خاتىرە سۈرەت. 2024-يىلى دېكابىر، ئۈسكۈپ، ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى.
11-نۆۋەتلىك «ياھيا كەمال باياتلى» ماۋزۇلۇق شائىرلار ئۇچرىشىشىدا خاتىرە سۈرەت. 2024-يىلى دېكابىر، ئۈسكۈپ، ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى.
RFA/Erkin Tarim

ياھيا كەمال باياتلى ھازىرقى زامان تۈرك شېئىرىيىتىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، 1884-يىلى ئۈسكۈپتە تۇغۇلغان. 1958-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىستانبۇلدا ئالەمدىن ئۆتكەن. كۆپلىگەن شېئىرلارنى يېزىپ قالدۇرغان ياھيا كەمال باياتلى ھازىرقى زامان تۈرك شېئىرىيىتىنىڭ مۇھىم بايراقدارلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ نامىغا تەسىس قىلىنغان شائىرلار ئۇچرىشىشى ئادەتتە 2 يىلدا بىر قېتىم ئۈسكۈپتە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. شائىر ئىمران سادائىي ئۆزىنىڭ ماكېدونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يەھيا كامال باياتلى نامىدىكى شائىرلار ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان تۇنجى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ياش شائىر ئىمران سادائىي ماكېدونىيەدىكى شائىرلار ئۇچرىشىشىدا ئۆزىنىڭ تۈرك تىلىدا يازغان شېئىرىنى ئوقۇپ بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن سىرت مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

11-نۆۋەتلىك «ياھيا كەمال باياتلى» ماۋزۇلۇق شائىرلار ئۇچرىشىشىدا ياش ئۇيغۇر شائىرى ئىمران سادائىي(ئالدىنقى رەت سولدىن ئىككىنچى) ئەپەندى. 2024-يىلى دېكابىر، ئۈسكۈپ، ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى.
11-نۆۋەتلىك «ياھيا كەمال باياتلى» ماۋزۇلۇق شائىرلار ئۇچرىشىشىدا ياش ئۇيغۇر شائىرى ئىمران سادائىي(ئالدىنقى رەت سولدىن ئىككىنچى) ئەپەندى. 2024-يىلى دېكابىر، ئۈسكۈپ، ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى.
RFA/Erkin Tarim

19-دېكابىردىن 21-دېكابىرغىچە داۋاملاشقان شائىرلار ئۇچرىشىشى، تۈركىي تىللىق شائىرلار ۋە ئۇلار ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ھەرقايسىي تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىياتىنى ئۆزئارا چۈشىنىشتە مۇھىم بىر سورۇن بولغان. ئىراق كەركۈكلۈك شائىر، تۈرك دۇنياسى يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى شەمسەتتىن كۇزەچى ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇچرىشىش تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەدەبىياتىنى، شېئىرلىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۆز ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن پايدىلىق بىر مۇنبەر بولدى. شەرقىي تۈركىستاندىن، سىپرۇستىن ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ۋەكىل بولۇپ كەلگەن شائىرلار بۇ يىغىنغا يېڭى بىر تۈس قوشتى. بۇ ئۇچرىشىشتا شائىرلار پەقەت شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپلا قالماستىن، ئەدەبىياتلىرى دۇچار بولۇۋاتقان خىرىسلار ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى. ناھايىتى پايدىلىق بىر ئۇچرىشىش بولدى».

ياش ئۇيغۇر شائىر ئىمران سادائىي 2000-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يوپۇرغا ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن 2016-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇنىڭ تۈركچە يازغان ۋە تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان شېئىرلىرى تۈركىيەدىكى ژۇرناللاردا نەشىر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئىنگىلىز، ياپون ۋە خىتاي تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇنىڭ «داملا» ناملىق شېئىرلار توپلىمى 2019-يىلى، تەرجىمە قىلغان شېئىرلىرىدىن تەركىب تاپقان «ئىككى كۆز ۋە ئىككى يۈز» ناملىق كىتابى 2020-يىلىدا نەشىر قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.