ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئايال دىنىي زاتلار نىشانلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان»
2024.03.08
6-مارت كۈنى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللارغا قىلىنغان ۋەھشىيلىك: ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە دىنىي زىيانكەشلىك» دېگەن تېمىدا تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇلار مەزكۇر يىغىن ئارقىلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردە تەبرىكلىنىدىغان «ئاياللار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىستېمىلىق باستۇرۇشىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتقان.
مەزكۇر يىغىن، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 1-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلغان «‹قۇرئان› ئۆگىنىشنىڭ 20 يىللىق بەدىلى: ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە دىنىي زىيانكەشلىك» دېگەن دوكلاتى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان. «قۇرئان ئۆگىنىشنىڭ 20 يىللىق بەدىلى: ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە دىنىي زىيانكەشلىك» ماۋزۇلۇق دوكلات لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى رەيچېل ھاررىس (Rachel Harris) خانىم بىلەن ئۇيغۇر ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ تەرىپىدىن تەييارلانغان بولۇپ، دوكلاتتا ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتىلغان زىيانكەشلىك، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئايال دىنىي زاتلىرىنى نىشان قىلغان ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن.
تور مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرى شاجىۋېسكى رىياسەتچىلىك قىلغان. يىغىندا مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرىدىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ، «مۇسۇلمانلارنىڭ جېنىمۇ جان» ناملىق تور بەتنىڭ باش مۇھەررىرى، «ھەممىگە ئادالەت تەشكىلاتى» نىڭ ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدىكى دىرېكتورى خېنا زۇبەرى خانىم ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئېلتەبىر خانىملار قاتناشقان.
ئابدۇۋەلى ئەپەندى ئالدى بىلەن سۆز باشلاپ، ئۇيغۇر ئايال دىنىي زاتلار ھەققىدىكى دوكلاتتا بېرىلگەن مەلۇماتلارنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، بۇ دوكلاتنى تەييارلاش جەرياندا ئۇيغۇر بۈۋىم-ئۇستازلارغا ئائىت مەلۇماتلارنى تېپىشنىڭ ناھايىتى قىيىن بولغانلىقنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئىماملىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ‹خىتاي مەملىكەتلىك ئىسلام جەمئىيىتى› ياكى ‹شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيىتى› دېگەندەك ئورگانلارنىڭ تور بېتىدىن تاپقىلى بولاتتى. ئەمما ئايال دىنىي زاتلار، يەنى بۈۋىم-ئۇستازلارنىڭ بۇنداق ئورگانلىرى بولمىغاچقا، ئۇلارغا ئائىت توردا ھېچقانداق مەلۇمات يوق. يەنە بىر نۇقتا شۇكى، ئۇيغۇر ئايال دىنىي زاتلار يېزا تەرەپتە ‹بۈۋىم›، شەھەرلەردە ‹ئۇستاز› دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئوخشىمىغان قاتلاملىرىدا دىنىي ئۆرپ-ئادەتلەرگە باشچىلىق قىلىدۇ.»
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ بۇ دوكلات ھەققىدە رادىيومىزغا بەرگەن زىيارىتىدە، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە دىنىي سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان 1200 نەپەردىن ئارتۇق ئايالنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئۇ كۆرسەتكەن پاكىتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۈۋىملەر ۋە ئۇستازلارنى، دىنىي تەلىم-تەربىيە ئالغان ئاياللار ۋە ياكى بالىلىرىغا دىن ئۆگەتكەن ئاياللارنى «دىنى ئاشقۇنلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىش» ياكى «دىنىي ئەسەبىي تەشكىلات قۇرۇش» قا ئوخشاش جىنايەتلەر بىلەن تۇتقۇن قىلغان.
ئابدۇۋەلى ئەپەندى يىغىن جەرياندا «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە ئاشكارىلانغان 78 ياشلىق خەلچەم پازىل ئىسىملىك ئايالنىڭ «قانۇنسىز بىر تەبلىغ» گە قېتىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق. ئۇ 50 يىل بۇرۇن بىر يەرلەردە ئۆگىنىپ قالغان بىر نەرسىلەر ئۈچۈن 2018-يىلى تۈرمىگە تاشلانغان. ئۇ خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر رايونىغا كېرىشتىن بۇرۇن تۇغۇلغان. مېنىڭ كاللامدىن ئۆتمەيدىغىنى، بىرسىنى قانداقسىغا ئۇنىڭ بالىلىق ۋاقتىدا ئۆگەنگەن بىر نەرسىلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ؟ يەنە بىر نۇقتا شۇكى، مەن خىتاينىڭ تۈرمىسىدە يېتىپ باققان، ئۇ يەردە ئەتىگەندە بەش يېرىمدا ئورنىڭىزدىن تۇرىسىز. يوتقان-كۆرپىلىرىڭىزنى رەتلەپ، كىيىمىڭىزنى كېيىشىڭىزگە بەش مىنۇت، چىشىڭىزنى چوتكىلاپ، يۈزىڭىزنى يۇيۇپ بۇيرۇققا تەييار بولۇشىڭىزغا بەش مىنۇت ۋاقىت بېرىدۇ. خەلچەم پازىلنىڭ يېشىدىكى ئاياللار ئېنىقلا بۇنى قىلىپ بولالمايدۇ. لاگېر، تۈرمە دېگەنلەرنىڭ شارائىتى ھەقىقەتەن بەك ناچار، بولۇپمۇ ياشىنىپ قالغان ئاياللار ئۈچۈن تېخىمۇ چىدىغۇسىز بىر يەر. شۇڭا مەن ھەر قېتىم ئۇلارنىڭ رەسىمىگە قارىغىنىمدا بەك كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ.»
2022-يىلى 1-ئايدا مۇخبىرىمىزنىڭ كورلادىكى ئالاقىدار ئورگانلار ۋە سانجى ئاياللار تۈرمىسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، 78 ياشلىق خەلچەم پازىلنىڭ 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ۋە سانجى ئاياللار تۈرمىسىنىڭ 4-ئەترىتىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى دەلىللەنگەنىدى. ھۆكۈمنامىدە دېيىلىشىچە، خەلچەم پازىل «مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» ۋە «توپلىشىپ جامائەت تەرتىپىنى بۇزۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئۇنىڭ ئاتالمىش «قانۇنسىز بىر تەبلىغ» گە قېتىلغانلىقى ۋە بۇ «تەبلىغگە سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن» لىكى، ئۇنىڭ يۇقىرىقى ئاتالمىش «جىنايىتى» گە پاكىت قىلىنغان.
ئەلفىدار خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئايال دىنىي زاتلارنى بۇ قەدەر قاتتىق باستۇرۇشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەگەر بېشىمغا ھەر قانداق بىر بىر ئېغىر ئىش كەلسە، مەن ئاللاھقا دۇئا قىلىمەن، ئۇنىڭدىن ياردەم سورايمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى دىننىڭ ۋە ئاياللارنىڭ دىندىكى رولىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ، بىزنى دىنىمىزدىن چەكلىدى. ھەر قانداق بىر ئىنسان ئوخشىمىغان شەكىلدە دۇئا قىلىش ئارقىلىق روھى جەھەتتىن ئوزۇق ئىزدەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا بىزنىڭ دۇئا قىلىشىمىزغىمۇ يول قويمايۋاتىدۇ. ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇلار ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆيىدە دۇئا قىلىشىنىمۇ جىنايەت ھېسابلىغان. ھەر قانداق دىنىي ھەرىكەتلەرنى چەكلىگەن. يەنى ئىبادەت ئارقىلىق روھى جەھەتتىكى ئازابلىرىنى يېنىكلىتىشتىن ئىبارەت ئاددىي ئېھتىياجمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن. مانا بۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنى.»
خېنا زۇبەرى خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل تەشۋىقاتلارنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان ئەللەرگە يېقىندەك تەسىر بېرىش ئۈچۈن، تەشۋىقاتلىرىدا ئۇلارغا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى مەسچىتلەرنى، ئۇ يەردە ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتلەردە ناماز ئۆتەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا كىشىلەر خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي باستۇرۇشنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانلىق ھالدا ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قاراتقان باستۇرۇشى پەقەت ئۇلارنىڭ دىنىي-ئېتىقادى ۋە ئۇيغۇر كىملىكى سەۋەبىدىنلا بولغان ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئايال بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈشتە ئاساسلىق رول ئوينايدىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر نەسلىنىڭ داۋاملىشىشىنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتماقچى بولغان. تىنچ مېڭىدە كۈچلۈك روھ بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى جىم تۇرغانلارنىمۇ ئاللاھنى ئويلاۋاتىسەن، دەپ زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆز ئۆيىدە تىنچ ئولتۇرۇشى، تەپەككۇر قىلىشىمۇ جىنايەت ھېسابلانغان. بۇنىڭدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقساڭلار بولىدۇ.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئاياللار مەيلى كەشمىردە بولسۇن، مەيلى پەلەستىندە ياكى شەرقىي تۈركىستاندا بولسۇن، نىشانغا ئېلىندى. ئىشغالچىلار، يەنى مۇستەملىكىچىلەر ئالدى بىلەن ئۆزى بېسىۋالغان ئاشۇ جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي رىشتىسىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنىدۇ. چۈنكى ئىسلامدا ئادالەتسىزلىككە قارشىلىق بىلدۈرۈش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ پرىنسىپىدا مۆمىن مۇسۇلمان بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق بىر مەبۇدقا ئىبادەت قىلمايدۇ. بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق بىر مەخلۇقاتقا قۇللۇق قىلمايدۇ. ھۆر-ئەركىن، باراۋەر ياشايدۇ. ‹قۇرئان›دا ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكى ئېيتىلىدۇ. ئۇلار ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە ئىسلام ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىدىيەدىن قاتتىق قورققان. ئۇلار خىتايدىكى باشقا مىللەتلەر خىتايلارغا ناھايىتى ئاسانلا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇۋاتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىگە چىڭ ئېسىلىشى، ئۇلارنىڭ ئوغىسىنى قايناتقان. مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالغان بارلىق مۇستەملىكىچىلەر دائىم ئىشىنى مۇشۇنداق جەمئىيەتنىڭ جان تومۇرىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ئاياللارنى ۋەيران قىلىشتىن باشلايدۇ. بىر جەمئىيەتتە ئەگەر دىنغا باشلامچىلىق قىلىدىغان ئاياللار بولسا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دائىرىسىدىكى ئاياللارنىڭ مائارىپ، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە كۈچلىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇنداقلا مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئىشغالىيەت ھۆكۈمرانلىقىغا ئاكتىپلىق بىلەن قارشى تۇرىدۇ.»
يىغىن جەريانىدا خېنا خانىم يەنە مۇستەملىكىچىلەرنىڭ «تولۇق يوقاتتۇق» دەپ قارىغان مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلقلەرنىڭ ھۆرلۈك ئىرادىسىنىڭ گويا تۇپراققا كۆمۈلگەن ئۇرۇقلاردەك ھامان ئۈنۈپ چىقىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا ئۇيغۇر ئايال دىنى زاتلار ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان تەشۋىقاتلارنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىننىڭ ئاخىرىدا خېنا خانىم، ئەلفىدار خانىم ۋە ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ئورتاق پىكىر بايان قىلدى. ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنى يەر يۈزىدىن يوقىتىۋېتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ھەر قانداق ئۇسۇلنى قوللانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر خەلقنىڭ روھىنى تىز پۈكتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئۇلار، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زۇلۇمنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىنى بىلدۈرۈشتى.
ئابدۇۋەلى ئەپەندى: «ئۇيغۇر ئاياللىرى بەك زور قۇربانلىقلارنى بەردى. ئۇلار دىنىي ئۈچۈن قۇربانلىق بەردى. يولدىشىنى، ئۆزىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ناھايىتى زور قۇربانلىقلارنى بەردى.»
خېنا خانىم: «ئاللاھ سۇبھانە ۋەتەئەلانىڭ ‹جەننەت ئانىلارنىڭ ئاياغلىرى ئاستىدا› دەپ بۇيرۇشنىڭ بىر سەۋەبى بار، شۇنداق ئەمەسمۇ؟! ئىسلامدا ئاياللارنىڭ، ئانىلارنىڭ ئورنى ۋە رولى ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈمىدىنى يوقاتسا بولمايدۇ. پائالىيەتچىلەر ئۈمىدىنى يوقاتسا تېخىمۇ بولمايدۇ. ئىنشائاللا، غەلىبىنىڭ ئاچقۇچىمۇ ئاياللارنىڭ قولىدا.»
ئەلفىدار خانىم ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئايال لاگېر شاھىتلىرىغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: «ئۇلاردىكى ئۇيغۇر كىملىكى، دىنىي كىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئادالەتسىزلىككە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى بىزگە ئۈمىد بېرىدۇ. بۇ مىللەتنى ۋەيران قىلىش ۋە يوقىتىۋېتىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.»