تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى دوكلاتى: «ئۇيغۇر ئايال كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە ژۇرنالىستلار خىتاينىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان»
2024.12.02
![lager-shahit-1.jpg lager-shahit-1.jpg](https://uygdev.rfaweb.org/uyghur/xewerler/lager-shahit-01242023181744.html/lager-shahit-1.jpg/@@images/4b051147-f076-40d9-a5c2-d51a21944e5f.jpeg)
كانادانىڭ تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پۇقرالارنىڭ ھوقۇقلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدىغان ئورگان پۇقرالار تەجرىبىخانىسى (The Citizen Lab) 79 بەتلىك يېڭى دوكلات تەييارلىغان. دوكلاتتا: «سۈرگۈندە ياكى دىياسپورادا ياشايدىغان ئايال كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە ژۇرنالىستلىرى ئەر كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە ژۇرنالىستلارغا ئوخشاش دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ دۆلەت ھالقىغان رەقەملىك باستۇرۇشنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىپلا قالماي يەنە جىنسىي پاراكەندىچىلىك، خورلاش ۋە قورقۇتۇش شەكلىدىكى تەھدىت ۋە زەربىگە ئۇچرىغان» دېيىلگەن. دوكلات يەنە، ئۇيغۇر ئايال كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ دۇنيادا خىتاينىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن رەقەملىك دەرىجىدىكى باستۇرۇشىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Toronto) مۇنك يەر شارى ئىشلىرى ۋە ئاممىۋى سىياسەتلەر فاكۇلتېتى پۇقرالار تەجرىبىخانىسى، يەنى پەنلەر ئارا تەتقىقات مەركىزى تەييارلىغان، «قېچىش يولى يوق: رەقەملىك دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ مەقسىتى ئۈچۈن جىنسىيەتنى قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىش» ناملىق مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان تەتقىقاتچىلار 20 دىن ئارتۇق دۆلەتتىكى 80 دىن ئارتۇق ئايال كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى ۋە ژۇرنالىست بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئۇيغۇر ئايال پائالىيەتچىلىرى ۋە ژۇرنالىستلار ئۇلار زىيارەت قىلغان ئاساسلىق گۇرۇپپا بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن 10 پائالىيەتچى ۋە ژۇرنالىست بۇ تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقان. دوكلاتتا خىتايغا ئوخشاش دىكتاتور تۈزۈمدىكى ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە سۆزلىگەن ئاياللارنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن توردا پاراكەندىچىلىك سېلىش، تۆھمەت قىلىش ۋە باشقا رەقەملىك (سۈنئىي ئەقىل ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك كۆزىتىش تېخنىكىسى) تەھدىتلەرنى قانداق ئىشلەتكەنلىكى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن:
«رەقەملىك (سۈنئىي ئەقىل ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك كۆزىتىش تېخنىكىسى) بىلەن زەربە نىشانى قىلىنغان سۈرگۈندە ياكى مۇھاجىرەتتە ياشايدىغان ئايال كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە ژۇرنالىستلار، پەقەت ئەر كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىغا ئوخشاش رەقەملىك تەھدىتكە دۇچ كېلىپلا قالماي يەنە جىنسىي پاراكەندىچىلىك، خورلاش ۋە قورقۇتۇش شەكلىدىكى تەھدىت ھەم زەربىگە دۇچ كەلگەن. بۇ تەھدىتلەر كەسپىي خىزمەت جەھەتتىكى ئوڭۇشسىزلىق، كەمسىتىش ۋە جەمئىيەتنىڭ يەكلىشىدىن تارتىپ، يېقىن مۇناسىۋەت (ئائىلە ۋە دوستلۇق) مۇناسىۋىتىنىڭ يىمىرىلىشى، چوڭقۇر روھى ئازاب ۋە پىسخىكىلىق جاراھەت قاتارلىق ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. جىنسىيەتنى ئاساس قىلغان رەقەملىك دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش يەنە دائىم ئاياللارنىڭ بەدىنى، جىنسىيەت، يۈرۈش-تۇرۇشى ۋە ئائىلە ئىززەت-ھۆرمىتى ئۇقۇملىرى ئەتراپىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. بۇ يەنە ئەرلەر ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئاتىلىق قائىدىسىنىڭ كېڭەيتىلىشىنى ۋە سۇيىئىستېمال قىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ، تېخىمۇ كۆپ زوراۋانلىق ۋە كەمسىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان».
بۇ تەتقىقات تۈرىگە يېتەكچىلىك قىلغان، تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى مۇنك يەر شارى ئىشلىرى ۋە ئاممىۋى سىياسەتلەر فاكۇلتېتى پۇقرالار تەجرىبىخانىسىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ماركۇس مايكېلسىن (Marcus Michaelsen) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ دوكلاتنىڭ خاراكتېرى، مەزمۇنى ۋە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسلىق پىكىرلەر ھەققىدە بىزگە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«دىكتاتور ھاكىمىيەتلەر، ئىستىبدات مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە ئوخشاش دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ ئوخشىمىغان شەكىللەرنى قوللىنىدۇ. يەنى چېگرالىرىنىڭ سىرتىدا ياشايدىغان پائالىيەتچىلەرنى جىمىقتۇرۇش، رەقەملىك، يەنى سۈنئىي ئەقىل ۋە يۇقىرى كۆزىتىش تېخنىكىسى بىلەن باستۇرۇش دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ يادروسى. بىز بۇ دوكلاتتا سۈرگۈندىكى ياكى دىياسپورادىكى ئاياللارغا، يەنى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى ۋە ژۇرنالىستلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى مەخسۇس تەكشۈردۇق. ھەمدە بۇ ھاكىمىيەتلەرنىڭ بىز ‹جىنسىيەت تور ھۇجۇمى› دەپ ئاتىغان ھۇجۇمنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بايقىدۇق. دىكتاتور ھاكىمىيەتلەر ئاياللارغا تەھدىت سېلىش، قورقۇتۇش، ئۇلارنى ئىزا ۋە نومۇسقا قالدۇرۇش، توردا پاراكەندىچىلىك سېلىش، ھاقارەتلەش ۋە سەت گەپلەرنى قىلىش، جىنسىي تەھدىتلەر، باسقۇنچىلىق تەھدىتى بىلەن ئۇلارنى جىمىقتۇرۇش ھەم ئۇلارنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈش قىلمىشى سادىر قىلىدۇ. بۇنىڭدا ئاياللارنىڭ كىملىكىنى سۇيىئىستېمال قىلىدۇ. بىز بۇ دوكلاتنى ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن 80 دىن ئارتۇق دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىنى زىيارەت قىلىش ئاساسىدا تەييارلىدۇق. بىز بۇ ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئاياللارغا قارىتىلغان بۇ خىل دۈشمەنلىكنى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان تەنقىدنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن سىياسىي قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىدىغانلىقىنى كۆرسەتتۇق».
ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئايال كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە ژۇرنالىستلىرى خىتاينىڭ رەقەملىك دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ زەربە بېرىش نىشانى بولىدۇ؟ جىنسىيەتنى ئاساس قىلغان مەزكۇر رەقەملىك دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنى ئېلىپ بارغان كىملەر؟ ئۇلار بۇنى قانداق شەكىلدە ۋە قانداق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئېلىپ بارىدۇ؟
بۇ دوكلاتنى تەييارلاشقا قاتناشقان ۋاشىنگتوندىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى مۇئەتتەر ئىلقۇت بۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئايال كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە ژۇرنالىستلىرى، لاگېر شاھىتلىرى ۋە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارىلاشتا مۇھىم رول ئوينىغان بولغاچقا ئۇلار خىتاينىڭ رەقەملىك دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ زەربە بېرىش نىشانى بولغان. بۇ باستۇرۇش ۋە تەھدىتلەر ئاساسلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كېلىدۇ. خىتاينىڭ مەقسىتى ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ ئۇيغۇر ئايال كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە ژۇرنالىستلىرىنى قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىدىن توختىتىشتىن ئىبارەت».
مۇئەتتەر ئىلقۇت يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاي جاسۇسلىرى، چەت ئەلدە ياشاۋاتقان بەزى خىتايلار ۋە دىياسپورادىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسى ئاداۋەت، بەلكى خىتاينىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئايال كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە ژۇرنالىستلىرىغا قارشى قورقۇتۇش، ئۇلارنى ئىزا ۋە نومۇسقا قالدۇرۇش، توردا پاراكەندىچىلىك سېلىش، ھاقارەتلەش ۋە سەت گەپلەرنى قىلىش، جىنسىي تەھدىتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈش قاتارلىق ئۇسسۇللارنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
تەتقىقاتچى ماركۇس مايكېلسىن يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئايال كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە ژۇرنالىستلىرىغا قارشى دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنى ئەڭ ئېغىر شەكىلدە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئۇ، مۇنداق دېدى:
«خىتاي ئەلۋەتتە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنى ئەڭ ئېغىر شەكىلدە ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى. خىتاي دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇر دىياسپوراسىنى نازارەت قىلىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى سۆز قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ دىياسپوراغا قارىتا ھۇجۇم قىلىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتساق، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلاردىن ئېغىر. ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەللەردىكى پائالىيەتلىرى ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كەلگەن. چۈنكى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنسانلارغا زۇلۇم سېلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان لاگېرلار بار. ئۇيغۇرلار چەت ئەللەردە پائالىيەت قىلسا ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى، ياكى ئائىلە ئەزالىرى نەچچە يىل يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. بىز پاراڭلاشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىر قانچە يىل ئالاقىلىشەلمىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئاكتىپلىق بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆمرى بويى ۋەتىنىگە قايتىپ بارالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ئىنتايىن قىيىن ئىش. باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن پائالىيەتچىلەرمۇ ئاتا-ئانىسىدىن ۋە ئائىلە ئەزالىرىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئۇلارمۇ ئائىلە ئەزالىرىنى قوغداش ئۈچۈن دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەمما ئۇلار ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچ كەلمەيدۇ. خىتايدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىدىغان ئاقىۋەت ھەقىقەتەن ئېغىر. مەسىلەن تۈركىيەنى ئېلىپ ئېيتساق، تۈركىيەدىن كەلگەن بىر پائالىيەتچى پائالىيەتنى توختاتسا، ئۇ تۈركىيەگە قايتىپ ئائىلىسىنى زىيارەت قىلالايدۇ. ئەمما بۇ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇمكىن ئەمەس».