ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابلىرى بىلەن يېزىلغان بىڭتۈەننىڭ 70 يىللىق قىزىل ھېكايىسى(1)
2024.10.09
مۇستەملىكىنىڭ 70 يىللىق داغدۇغىسى
1-ئۆكتەبىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 74 يىللىقى توغرۇلۇق ھازىرغىچە ھېچقانداق سادا چىقارمىغان خىتاي ھۆكۈمىتى، 2024-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «شىنجاڭ بىڭتۈەنى» خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلكە ۋە مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئالاھىدە ئورگىنى بولۇپ، بۇ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ھۆكۈمەت ۋە ھەربىي بىرلەشكەن، ئالاھىدە باشقۇرۇش سىستېمىسىنى يولغا قويغان بىر گەۋدىدۇر. بىڭتۈەننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بولسىمۇ ئەمما ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىگە قارىمايدۇ، بەلكى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ كەلمەكتە.
«شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» نىڭ تەسىرى كۈچىيىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئورنى بارغانچە ئاجىزلاۋاتقان، شۇنداقلا بىڭتۈەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئوينىغان رولى سەۋەبلىك غەرب ئەللىرىنىڭ ئېمبارگوسىغا ئۇچرىغان بىر پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرى 7-ئۆكتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزگەن بۇ تەبرىكلەش يىغىنغا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ خىتاي مەركىزى كومىتېتى، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ۋە خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى (گوۋۇيۈەن) دىن تەركىب تاپقان ئالاھىدە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئەۋەتكەنلىكى مەلۇم.
مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى خې لىفېڭ مەركىزىي كومىتېت، دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىگەن.
مەركەزدىن تەبرىك ۋە بۇيرۇق
خې لىفېڭ سۆزىدە 70 يىلدىن بۇيان، بىڭتۈەننىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش بۇرچىنى ئادا قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدە ئۆز ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنلىغانلىقىنى مەدھىيەلىگەن بولسا، ما شىڭرۈي، بىڭتۈەننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆچمەس تارىخىي تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا ئۇ، «بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ‹بىر تاختا شاھمات› ‹بىر ئائىلە كىشىلىرى› دېگەن ئىدىيەنى باشتىن-ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.
بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەبرىك خېتىدە، شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىدە بىڭتۈەننىڭ رايوندا ئاتالمىش نوپۇس بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇش، چېگرا رايوننى ئەمىن تاپقۇزۇش ۋە چېگرانى مۇستەھكەملەشتە مۇقىملاشتۇرغۇچىلىق رولى ئوينىغانلىقى ھەمدە يەرلىك بىلەن چوڭقۇر ئارىلىشىش يۇغۇرۇلۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تەڭداشسىز رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقلىرى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
مۇتەخەسسىسلەر: خىتاي ھەر قانداق بەدەلگە قارىماي ئۇيغۇر ئېلىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن بىڭتۈەننى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ
ئامېرىكادىكى خىتاينى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن تۇڭگان زىيالىيسى ماجۇ ئەپەندى خىتاينىڭ بىڭتۈەن قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئالاھىدە تەبرىكلىشىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنىڭ تەنقىد ياكى جازالىرىغا قارىماي بىڭتۈەن ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنى مۇنقەرز قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:
«كوممۇنىستىك پارتىيە 1954-يىلى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش ئارمىيەسى، يەنى بىڭتۈەنى قۇرغاندىن بۇيان ئۇنىڭ ئومۇمىي مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى بەلگىلىدى. ھازىرمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە ھەربىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىشغال قىلىش سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمىدى. گەرچە، بىڭتۈەن شۇنچە زور داغدۇغا ئارقىلىق ئۆزىنى ھاياتىي كۈچكە تولغاندەك كۆرسىتىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەنتەنە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ، ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ جازالىشىغا ئۇچرىماقتا. بىڭتۈەن دائىرىلىرى ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ھىيلىگەردۇر. كوممۇنىست پارتىيەگە ساداقەتمەن مەزكۇر ئورگان جازالاشتىن كېيىن، دۆلەت ۋە كومپارتىيەنىڭ مەبلىغى بىلەن ئۆزىنى ساقلاش ئۈچۈن تىركىشىۋاتىدۇ.»
ماجۇ يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىڭتۈەننىڭ ئۆز بۇرچىنى داۋاملىق ئادا قىلىشىنى تەكرارلىشىدىن نېمىلەرنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنلىكى ھەققىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دېدى:
«خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇيغۇرلارغا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىش، بارلىق تەرەپلەردىن ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىي سىستېمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ھەربىي كۈچ ئارقىلىق بۇ جاينى داۋاملىق مۇستەملىكىدە تۇتۇپ تۇرۇشنى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىگە ئايلاندى. كەلگۈسىدە بىڭتۈەن ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىنى تېخىمۇ رەھىمسىز ئۇسۇللار بىلەن داۋاملىق ئىجرا قىلىدۇ. شۇڭا، ھەتتا خىتاي ئىقتىسادىدا تېخىمۇ چوڭ كىرىزىس ياكى چۆكۈش كۆرۈلگەن تەقدىردىمۇ، بىڭتۈەن يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ» .
بارغانچە كۆلەملىشىۋاتقان بىڭتۈەننىڭ ئورنى ۋە كۆلىمى
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش ئارمىيەسى-بىڭتۈەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى مەمۇرىي رايونلىرىغا كېڭەيگەن.
70 يىللىق تارىختا، خىتاينىڭ بىڭتۈەنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى قۇربان توڭغۇت قۇملۇقى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ئويمانلىقىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپىدىكى زور كۆلەمدىكى بوستانلىقلار ۋە سۇ مەنبەلىرىنى ئىگىلىگەن.
تەڭرى تاغنىڭ شىمالىدىن جەنۇبىغىچە 14 دىۋىزىيەسى بولغان بىڭتۈەن يەنە يېقىنقى يىللاردا 12 شەھەر ۋە 100 دىن ئارتۇق كىچىك شەھەر پىلانلىغان ۋە قۇرغان. مۇتەخەسسىسلەر خىتاي مىقياسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن باشقا جايدا بىڭتۈەندىن ئىبارەت بۇ خىل غايەت زور ئۆز ئالدىغا ھەربىي قوشۇن، ھۆكۈمەت، يەر-زېمىن ھەم قوراللىق پۇقرالىرىغا ئىگە ھاكىمىيەت شەكلىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.
«بىڭتۈەن خەۋەرلەر تورى» دىكى بىڭتۈەنىنىڭ قۇرغان 12 يېڭى شەھىرىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دەريا-ئېقىنلىرى، چېگرا بويلىرى ۋە مۇھىم قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقان، بۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرى ۋە چەت ئەللەر بىلەن تورلاشقان قاتناش سىستېمىسى بەرپا قىلىنغان بولۇپ، ئۇلاردا ئايرودۇرۇم، پويىز ئىستانسىسى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان.
بۇ شەھەرلەر تۆۋەندىكىچە: 1-دىۋىزىيەنىڭ ئالار (ئەسلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارال يېزىسى) شەھىرى، 2-دىۋىزىيەنىڭ تيېمېنگۇەن (باشئەگىم) شەھىرى، 3-دىۋىزىيەنىڭ تۇمشۇق شەھىرى، 4-دىۋىزىيەنىڭ كۆكدالا شەھىرى، 5-دىۋىزىيەنىڭ شۇاڭخې (مەنىسى قوش دەريا) شەھىرى. 6-دىۋىزىيەنىڭ ۋۇجياڭ شەھىرى، 7-دىۋىزىيەنىڭ خۇياڭخې (توغراق ئېقىن) شەھىرى، 8-دىۋىزىيەنىڭ شىخەنزە شەھىرى، 9-دىۋىزىيەنىڭ بەيياڭ شەھىرى، 10-دىۋىزىيەنىڭ بېيتۈن شەھىرى، 13-دىۋىزىيەنىڭ شىنشىڭ (يېڭى يۇلتۇز) شەھىرى ۋە 14-دىۋىزىيەنىڭ كۇنيۇ (قۇرۇمقاش) شەھىرى.
تارىخى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى قوشۇنلىرى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئېلىگە بېسىپ كىرگەندىن كىيىن، 1954-يىلى 10-ئايدا خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دەپ ئاتالغان مەزكۇر قوشۇنلار ۋە گومىنداڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تەسلىم بولغان قىسىملىرىدىن مەخسۇس ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش ئارمىيەسى قۇرۇپ چىقىلغان. ئەينى ۋاقىتتا بۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتى «ئەمگەك بىلەن ئەسكىرىي ئىشلارنى بىرلەشتۈرۈش، ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش» دەپ بەلگىلەنگەن. كېيىنچە يەنە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئېغىر ۋە قەبىھ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى پالايدىغان جاي بولۇپ كەلگەن.
بىڭتۈەن ھازىرغا كەلگۈچى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلارنى قورشاۋغا ئالغان ئاساستا جەمئىي 14 دىۋىزىيە، 244 پولك قۇرغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 175 پولك ئۇيغۇر ئېلىدىكى 63 شەھەر-ناھىيەگە جايلاشتۇرۇلغان. بىڭتۈەن يېقىنقى يىللاردا بارغانچە جەنۇبقا قاراپ كېڭەيمەكتە ۋە تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خىتاي نوپۇسىنى جەنۇبقا كۆپلەپ يەرلەشتۈرمەكتە.
خىتاي دائىرىلىرى بىڭتۈەننىڭ 70 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شارائىتى ئەڭ ناچار ۋە جاپالىق جايلىرىدا يىلتىز تارتىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنى گۈللەندۈرگەنلىكىنى، مۇھاپىزەت قىلغانلىقى ۋە تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى كۈچەپ تەشۋىقات قىلماقتا.
دادىسى ئامېرىكالىق دىپلومات، ئاپىسى خىتاي مىللىتىدىن بولغان ئامېرىكالىق يازغۇچى تېرىسا (خەن شۇ) خانىمنىڭ 1966-يىلدىن 1976-يىلغىچە بولغان 10 يىللىق ياشلىق ھاياتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۈەننىڭ 3-دىۋىزىيەسى، يەنى دەل بۈگۈنكى تۇمشۇق شەھىرىدە ئۆتكەن. تېرىسا خانىم ئامېرىكاغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس كىتاب يېزىپ ئېلان قىلغانىدى.
تېرىسا خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «بىڭتۈەن مىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىگە تەۋە ئۇيغۇر ئېلىنى ئىگىلەپ ياتقان كىچىك ئىمپېرىيە» دېدى. ئۇ خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئەكسىچە بىڭتۈەننىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەڭ مۇنبەت يەرلىرىنى، بايلىق ۋە سۇ مەنبەلىرىنى ئىگىلەپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بىڭتۈەن، 70 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىسلىسىز ئازاب ئوقۇبەتلىرى بەدىلىگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا» دەيدۇ.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە قارايدىغان شىنجاڭغا ئورۇنلاشقان بىڭتۈەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر مۇستەملىكەچى ئىمپېرىيەگە ئوخشايدۇ. ئەمما بۇ ئىمپېرىيە مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ».
بىڭتۈەننىڭ 70 يىللىق مۇساپىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى-مۇستەملىكە قىلىش
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ھەربىي ئورگانلار ۋە قوراللىق ئورگانلار بىلەن «يېرىم ھەربىي گەۋدە» بولۇپ تەشكىللەنگەن. بىڭتۈەن، دىۋىزىيە، پولك ۋە شىركەتنىڭ ھەربىي تەشكىلىي قۇرۇلمىسىدا قوماندان، دىۋىزىيە قوماندانى، پولك كوماندىرى قاتارلىق ھەربىي ئۇنۋانلار قوللىنىلىدۇ. بىڭتۈەن يەنە «خىتاي يېڭى قۇرۇلۇش گۇرۇھى شىركىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ دېھقانچىلىق، سانائەت، قاتناش، قۇرۇلۇش ۋە سودىنى بىرلەشتۈرگەن ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ كارخانا.
خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىڭتۈەنىگە ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىدە ئۇنىڭ ۋەزىپىسى قايتىدىن بېكىتىلگەن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسى لىنىيەسى قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىش تەلەپ قىلىنغان.
«بىڭتۈەن خەۋەرلىرى»، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىقلارنىڭ 7-ئۆكتەبىردىكى باش خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، بىڭتۈەن قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، بىڭتۈەننىڭ قوراللىق قىسىم، ھەربىي ۋە ساقچىلىرى، كادىر ھەم ئاممىسىنىڭ 70 يىلدىن بۇيان، «يەر ئىگىلەپ چېگرا ساقلاش» تىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشكە ئۆچمەس تارىخىي تۆھپە قوشقانلىقىنى مەدھىيەلىگەن.
بىڭتۈەن نوپۇسى ۋە يەرلىك بىلەن قوشۇلۇپ كېتىش
بىڭتۈەننىڭ نوپۇسىنىڭ خىتاينىڭ 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ۋە 2022-يىلىنىڭ بېشىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكىسىدا 3 مىليون 4851 مىليون ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەنىدى. كۆزەتكۈچىلەر بولسا، بىڭتۈەنىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى 14 دىۋىزىيەسى ۋە شەھەرلىرىدىكى نوپۇسنىڭ 5 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى مۆلچەرلىمەكتە.
بىڭتۈەننىڭ 70 يىللىق مۇساپىسى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىدا، بىڭتۈەننىڭ يېقىنقى يىللاردا، «مىللەتلەر ئارا تويلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش»، «يەرلىك خەلق بىلەن خىتايلارنى ئۆز ئارا يۇغۇرۇۋېتىش»، «مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» دېگەندەك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدە ئۈلگىلىك رول ئوينىغانلىقىمۇ گەۋدىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە: «شىنجاڭ جەمئىيىتىگە تولۇق سىڭىپ كىرىپ، مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش جەريانىدا يېڭىچە ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتىنى داۋاملىق بەرپا قىلدى. بىڭتۈەندىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ كادىرلىرى ۋە خىزمەتچىلىرى يەرلىكتىكى ئاساسىي قاتلامدىكى كىشىلەر بىلەن بىرلىشىپ، دوستلاشتى ۋە تۇغقانلىرىنى تونۇپ يەتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، خىتاي كادىرلار ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان كىشىلەر بىلەن جۈپلەشتى» دېيىلگەن.
شى جىنپىڭ 2022-يىلى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنى زىيارەت قىلغاندا، بىڭتۈەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنىدى.
بىڭتۈەننىڭ 70 يىللىقىنى قۇتلۇقلاش تەشۋىقاتلىرىدا، ئۇنىڭ رايوندىكى مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە چېگرانى قوغداش ئىقتىدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپ، ئەلا سۈپەتلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىمۇ تەشۋىق قىلىنماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ، 10-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن 70 يىلدا بىڭتۈەن چېگرا مۇقىملىقىنى قوغداش، شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە قۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇپ، يەرلىكتىكى نامراتلىق ۋە قالاق ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قىيىن جاپالىق شارائىتلاردا ۋە چۆللەردە «كەسكىن جەڭ» قىلغانمىش.
تېرىسا خانىم «بىڭتۈەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قان-ياشلىرى بەدىلىگە مەۋجۇت بولۇپ كەلدى»
تېرىسا خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بىڭتۈەننىڭ دەل خىتاينىڭ تەشۋىقات قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى، قۇرۇلغاندىن باشلاپ، خىتاي نوپۇسى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلغان بۇ ئالاھىدە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ، مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ماكانىدا بەرپا قىلغان بوستانلىقلىرىنى، بايلىقلىرىنى ئىگىلەپ كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىسلىسىز ئازاب-ئوقۇبەتلىرى بەدىلىگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«مەن ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ بىڭتۈەننى قۇرۇشى ۋە ئۇنى بارغانچە كېڭەيتىشى جەريانىدا، بۇ جايدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىڭ يىللاردىن ئۇزاق تارىختا قۇرغان بوستانلىقلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى دېھقانچىلىق ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان مۇنبەت يەرلەرنى ئىگىلەپ، يەر ئېچىش باھانىسىدە بوستانلىقلارنى ۋەيران قىلىپ قۇملاشتۇرۇپ يوقاتقانلىقلىرىغا شاھىت بولدۇم. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بالايىئاپەت بولغاندىن باشقا ھېچقانداق تۆھپىسى يوق. مەن ئۇنىڭ 70 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى ۋە خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن ئاپەتلىرىنى مۇنداق نۇقتىلارغا يىغىنچاقلايمەن. 1.چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش نامىدا رايونغا كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، بۇ جايدا ئەزەلدىن ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەپ كەلگەن يەرلىك ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى بارغانچە ئازايتىش، شالاڭلاشتۇرۇپ، ھەتتا ئېرىتىپ تۈگىتىش رولىنى ئوينىماقتا. 2.ئۇنىڭ يەنە بىر رولى شۇكى، ئۇ خىتاينىڭ گۇلاگىدۇر. ئۇ، خىتاي ئىچىدە جىنايەت ئۆتكۈزگەن ياكى خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى چىققانلارنى يۆتكەپ كېلىپ جازالايدىغان ئورۇن بولۇپ كەلدى. 3.بىڭتۈەندىكى خىتايلار دىنسىز خىتايلار، خىتاي ھۆكۈمىتى دىنسىز بۇ ھەربىي كۈچى بىلەن يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى باستۇردى. 4.ئىلگىرى تەكىتلىگىنىمدەك، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقى بەرپا قىلغان ئېتىزلىرىنى، مۇنبەت تۇپراق، باغۇ-بوستانلىقلىرىنى ۋەيران قىلىش رولىنى ئوينىدى».
بىڭتۈەننى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارقىسىدا
ئۇيغۇر رايونى ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ 2023-يىلدىكى GDP سى 369 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن. ھالبۇكى بۇلتۇر بىڭتۈەننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP سى بولسا تۇنجى قېتىم 100 مىڭ يۈەندىن ئارتىپ، خىتاينىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن ھەم كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 40 مىڭ يۈەندىن كۆپ بولغان.
2023-يىلى، بىڭتۈەننىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى دۆلەتنىڭ %0.39 نى ئىگىلەپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %10.2 نى ئىگىلىگەن.
خىتايدىكى كرېمنىي، پولىسسىكوننىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %21.9 ۋە %17.2 نى ئىگىلەيدىكەن.
2024-يىلى 6-ئايغىچە، بىڭتۈەن سودا ئورۇنلىرىنىڭ سانى 8000 گە يەتكەن.
ئىلگىرى شىخەنزىدىكى بىڭتۈەن ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، بىڭتۈەننىڭ كەلگۈسىدە ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىنى پۈتۈنلەي قولىغا ئېلىشنى نىشانلاۋاتقانلىقىنى، خىتايمۇ بۇ مەقسىتى ئۈچۈن بىڭتۈەننىڭ ئىقتىسادى ھەمدە ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىڭتۈەن 70 يىللىق مۇساپىسىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا قانداق روللارنى ئويناپ كەلدى، ئىرقى قىرغىنچىلىقتىچۇ؟ خىتاي بىڭتۈەننىڭ 70 يىللىق قىزىل ھېكايىسىنى تەنتەنە قىلىشى ئارقىسىدا دۇنياغا قانداق سىگنال بەرمەكتە؟ بۇ توغرۇلۇق كېيىنكى ئاڭلىتىشلىرىمىزدا داۋامىدا ئاڭلىتىمىز.