ئۇيغۇر ئېلىدە رامىزان مەزگىلىدە كۆپىنچە مەسچىتلەرنىڭ تاقاقلىق، ئىماملارنىڭ قاماقلىق ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2024.03.18
taqalghan-meschit-qulup-ishik-jame قەشقەر شەھىرىدىكى قۇلۇپ سېلىنغان بىر مەسچىتنىڭ دەرۋازىسى. 2017-يىلى 23-مارت، قەشقەر
REUTERS

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل رامىزان ھەققىدە ھېچقانداق ئېغىز ئاچماسلىق ئارىلىق، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي باستۇرۇشلىرىنى خەلقئارا جامائەتنىڭ كۆزىدىن قاچۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، يېقىنقى يىللاردىكى چېقىشتىن ئامان قالغان ئاز ساندىكى مەسچىتلەرنىڭمۇ تاقاق ئىكەنلىكى، دىنىي زاتلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يەنىلا قاماقتا ئىكەنلىكى؛ مانا بۇ ئىككى ئامالىنىڭمۇ رايوندا رامىزان ئىبادەتلىرىنى مۇمكىنسىزلەشتۈرگەنلىكى ئاشكارىلاندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پىروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

خىتاي دائىرىلىرى 2015 ‏ۋە 2016-يىللىرى «مەسچىتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش» نامى ئاستىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى مەسچىتلەرنى چېقىپ تاشلىغان، ئامان قالغانلىرى 2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇن مەزگىلىدە تاقىلىپ كەتكەنىدى. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن يەنە مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەرەپ 2020-يىلىغا كەلگەندە، خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى بىلەن ھەر بىر ناھىيەدە بىرقانچە مەسچىتنى كۆرگەزمىلىك ئۈچۈن ئاچقان بولسىمۇ، بۇ مەسچىتلەرگە دائىرىلەر تەيىنلىگەن ئىمام ۋە نامازخانلاردىن باشقا، ئادەتتىكى پۇقرالار قەدەم بېسىشقا جۈرئەت قىلالمىغانىدى.

بىز ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇ يىلقى رامىزان ۋەزىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، رايوندىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. خادىملار ئالدىنقى كۈندىكىگە ئوخشاشلا بۇ تېمىدا سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. بىز رايوندىكى مەسچىت ۋە دىنىي زاتلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن، ئالدىنقى ئايدا يۇرتى نىلقا ناھىيەسىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن قازاقىستان پۇقراسى تۇرسۇنئەلى دۆلەتبەكتىن مەلۇمات سورىدۇق. ئۇ، غۇلجادىكى 29 كۈنلۈك زىيارىتى داۋامىدا، پەقەت بىرلا مەسچىتنى كۆرگەنلىكى، بۇ مەسچىتنىڭ ئالدىدىن 10 قېتىم ئۆتكەن بولسىمۇ، مەسچىتكە كىرىپ-چىققان بىر كىشىنى كۆرمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە رايوندىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئەنسىزچىلىكى سەۋەبىدىن ئۇچراشقان كىشىلىرىنىڭ مەسچىتلەردە نېمە ئۈچۈن ئادەم يوقلۇقى ھەققىدە ئىزاھات بېرىشكىمۇ جاسارەت قىلالمىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ نىلقادىن باشقا توققۇزتارا، كۈنەس قاتارلىق ناھىيەلەرنى كەزگەن بولسىمۇ، ئوچۇق بىر مەسچىت ئۇچراتمىغان.

تاراۋى نامىزى رامىزاندىكى ساۋابى چوڭ سانىلىدىغان ۋە ئىجتىمائىي تەسىرى كەڭ بولغان ئىبادەتلەردىن بىرىدۇر. غۇلجا ناھىيەسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئاھالىلەر كومىتېتى مۇدىرى، ئۆزىنىڭ تاراۋىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىزاھلاش بىلەن بىرلىكتە، ئۆزى مەسئۇل كەنتتە بىرمۇ مەسچىت يوقلۇقىنى، شۇڭا بۇ كەنتتە تاراۋى نامىزى ئوقۇلۇشتىن سۆز ئېچىشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى ئاشكارىلىدى. غۇلجا شەھىرىدىكى ئاھالىلەر كومىتېتى مەسئۇللىرىمۇ، مەھەللە ۋە ئەتراپىدا دىنىي زاتلارنىڭ قالمىغانلىقى، كۆپىنچىسىنىڭ تۈرمە ۋە لاگېرلاردا جازا ئۆتەۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بەردى. قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر ۋە كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى ساقچى خادىملىرىمۇ، ئۆز تەۋەلىكىدە مەسچىتلەر سانىنىڭ ئازلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلارنىڭ تاقاق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىدە رامىزان ئۆتكۈزۈشنىڭ ھەر جەھەتتىن مۇمكىنسىزلەشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا سەھنىلەردە «دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك مۇسۇلمانلار» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مەسچىتلەرنىڭ رامىزان مەزگىلىدىمۇ تاقاقلىق ۋە دىنىي زاتلارنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.