ئۇيغۇر ئېلىدە يەر بۇلاڭچىلىقى داۋام قىلماقتا، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈشمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا
2024.04.17
ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان ئاخبارات چەكلىمىلىرى ۋە جازالارغا قارىماي، ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ پەريادلىرى يەنىلا داۋام قىلماقتا:
_ بىزگە ئىگە چىقىدىغان بىر دۆلەت يوقمۇ؟ ! بىزنى سورايدىغان بىر ھۆكۈمەت يوقمۇ؟ ! …
قۇمۇلنىڭ ئاستانە يېزىسىدىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان بۇ خانىمنىڭ شىكايەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يېزىدىكى ئاھالىلەر دائىرىلەردىن رۇخسەت ئالغان ھالدا تەۋەلىكتىكى بىر بوز يەر پارچىسىغا 3-4 يىلدىن بۇيان ئەجىر سىڭدۈرگەن ۋە ئۇنى تېرىلغۇ يەرگە ئايلاندۇرغان. ئەمما بۇ يىلغا كەلگەندە، بۇ يەرلەر ئاھالىلەرنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىنغان ۋە مەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاستانىدىكى بىر كەنت كادىرى، پەرياد چېكىۋاتقان خانىمنى تونۇمايدىغانلىقى ۋە ئۇ ئىنكاس قىلغان ئەھۋالدىنمۇ خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.
ئۆتكەن ھەپتە تورغا چىققان بىر خەۋەردە غۇلجا ناھىيەسىنىڭ بايتوقاي يېزىسىدىمۇ بىر تۈركۈم يەرلەرنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقى پاش قىلىنغان ۋە ئېنىقلاشلىرىمىزدا، بۇ يەرلەرنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەنگەنىدى.
قۇمۇلدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىرەيلەننىڭ دېيىشىچە، يېقىندا قۇمۇلدا «قانۇنسىز ئېچىلغان يەرلەرنى يىغىۋېلىش» نامى ئاستىدا دېھقانلارنىڭ قولىدىكى بىر قىسىم يەرلەر تارتىۋېلىنغان. بۇ يەر تارتىۋېلىش دولقۇنىدا، نەچچە ئون مىڭ مو يەر ئاچقان خىتاي كۆچمەنلىرىگە دائىرىلەر چېقىلمىغان، پەقەت چەكلىك ئىمكانلىرىدىن پايدىلىنىپ بىرقانچە مودىن يەر ئاچقان يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ يەرلىرى تارتىۋېلىنغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ يەنە ئەسكەرتىشىچە، مەزكۇر ۋىدىيودا شىكايەت قىلىۋاتقان ئايالنىڭ ئىسمى بېلىقىز بولۇپ، ئۇ بۇ ۋىدىيوسىدا يالغۇز ئۆزىنىڭلا ئەمەس، بەلكى قۇمۇلدىكى نەچچە يۈزلىگەن ئاھالىنىڭ دەردىنى بايان قىلغان.
بېلىقىز خانىمنىڭ بۇ پەريادلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ، بوز يەرگە سىڭدۈرگەن تەر ۋە خىراجەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ، كەنت مەسئۇللىرىدىن يەرنى تارتىۋالماسلىقنى كۆپ قېتىملاپ تەلەپ قىلغان.
كەنت مەسئۇللىرى «يەر دۆلەتنىڭ» دېگەن بىر ئېغىز جاۋاب بىلەن ئۇنىڭ ۋە كەنتتىكى باشقا دېھقانلارنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلغان.
ئۇ ئۆتكەن ھەپتە ئۆزىگە تەۋە يەرگە كەلگىنىدە، يەرلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئاخىرقى چارە سۈپىتىدە، ئەھۋالنى دويىن ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئاشكارىلىغان.
ئىگىلەشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاستانە يېزىسى 3-كەنتنىڭ مەسئۇلى، ئىسكەندەر ئىسىملىك كىشى بولۇپ، ئۇ سوئاللىرىمىزغا جاۋابەن، بۇ يەرلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆزىنىڭ قانۇندىن چەتنىمگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما ئۇ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ يەرلىرى تارتىۋېلىنىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يەرلىرى تارتىۋېلىنمىغانلىقىدەك رېئاللىقنى ئىنكار قىلمىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس دوكلات ئارقىلىق مەلۇمات بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
توردىكى ئىنكاسلاردا بايان قىلىنىشىچە، يەر بۇلاڭچىلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، بايتوقاينىڭ چىغلىق كەنتىدە يېرى تارتىۋېلىنغان ئاھالىلەرنىڭ كەنت ۋە يېزا ئاتلاپ ئالاقىدار ئورگانلارغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىشىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. غۇلجا شەھىرىنىڭ كېپەكيۈزى يېزىسىدىن يېرى تارتىۋېلىنغانلار شەھەر ۋە ئوبلاستقا قەدەر ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىپ بارالىغان بولسىمۇ، ئەھۋالغا سوت ۋە ساقچى خادىملىرى ئارىلىشىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنى يەرلىرىدىن ۋاز كېچىشكە قىستىغان.
ھازىرغىچە ئىگىلەشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجىدا بۇ يەر بۇلاڭچىلىقى «يەرلەرنى ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈرۈش» نامىدا ئېلىپ بېرىلغان بولسا، قۇمۇلدىكىسى «قانۇنسىز ئېچىلغان يەرلەرنى يىغىۋېلىش» نامىدا ئېلىپ بېرىلغان.
ئائىلىدىكى غوللۇق ئەزالىرى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە ئېلىپ كېتىلگەن يەرلىك ئاھالىلەر، ئاددىي ۋە ئاخىرقى تىرىكچىلىك ۋاسىتىسى بولغان تېرىلغۇ يەرلىرىدىنمۇ ئايرىپ قالغاندىن كېيىن، ھايات قېلىشنىڭ بىر يولى سۈپىتىدە بېشىغا كەلگەنلەرنى ئىجتىمائىي ئاخباراتقا ئاشكارىلىغان. قۇمۇللۇق بېلىقىز خانىم بۇ ھەقتىكى قارارىنى ۋىدىيوسىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ:
«گېپىمىزنى ئاڭلايدىغان ئورۇن تاپالمىدىم، دويىنغا سۆزلەپ دەردىمنى ئاڭلاتماقچىمەن…»
يۇقىرىدا غۇلجا بايتوقايدىن باشقا، قۇمۇلدىمۇ يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ يەرلىرى تارتىۋېلىنغانلىقى ۋە نارازىلىق بىلدۈرۈشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.