ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى پەۋقۇلئاددە كومىتېتى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسەتكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2025.02.06
uyghur-herikiiti-teshkilati-nobel-namzat.jpg ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرىدىن تەشكىللىنىپ قۇرۇلغان ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى پەۋقۇلئاددە كومىتېتى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى 2025-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىنى جاكارلىغان.
Photo: RFA

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرىدىن تەشكىللىنىپ قۇرۇلغان ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى پەۋقۇلئاددە كومىتېتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» نى ۋە ھەمدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «لى مۇئەللىم» دېگەن تەخەللۇس بىلەن بىلىنگەن خىتاي پائالىيەتچى لى يىڭنى 2025-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىنى جاكارلىغان.

5-فېۋرال كۈنى مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى بولغان جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى جون مولېنار (John Moleenar) بىلەن مەزكۇر كومىتېتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى دېموكراتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى راجا كرىشنامورتى (Raja Krishnamorthi) ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ھەر ئىككى نامزاتنى تەبرىكلىگەن.

راجا كىرىشنامورتى باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «بىز ‹ئۇيغۇر ھەرىكىتى› تەشكىلاتى ۋە لى مۇئەللىمنى ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي غۇرۇر ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان ھارماس تىرىشچانلىقى سەۋەبلىك نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسەتكەنلىكىمىزدىن شەرەپ ھېس قىلىمىز. ئۇلار دەۋرىمىزدىكى ئەڭ جىددىي كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسى ئالدىدا ئادالەتسىزلىككە جەڭ ئېلان قىلماقتا ۋە جىمىقتۇرۇلغانلارنىڭ ئاۋازى بولماقتا.»

جون مولېنار ئەپەندى باياناتتىكى سۆزىدە، «‹ئۇيغۇر ھەرىكىتى› تەشكىلاتى ھارماي-تالماي تەشۋىق قىلىش، جەسۇرلۇق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىش ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئاۋازىنى يەر شارى سەھنىسىگە ئېلىپ چىقتى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سۈكۈت تېمىنى بۇزۇپ تاشلىدى» دېگەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى روشەن ئابباس خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. روشەن خانىم سۆزىدە، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان زۇلۇمنىڭ تېخى ئاياغلاشمىغانلىقىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

روشەن ئابباس خانىم سۆزىدە، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشنىڭ ئۆز خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «لى مۇئەللىم» تەخەللۇسى بىلەن تونۇلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارغا يۈرگۈزۈۋاتقان تۈرلۈك بېسىم سىياسەتلىرىنى، خىتايدا بولۇۋاتقان ۋەقەلەرنى پاش قىلىپ كېلىۋاتقان لى يىڭ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشىنى ئۆزىنىڭ خىزمىتىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا بۇنىڭ ئۆزىنى بىر قەدەر بىخەتەر ھېس قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ئۆزۈمنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلىكىمنى ئاڭلىغىنىمدا ھەيران بولدۇم، مەن بۇ كومىتېتنىڭ مېنى نامزات كۆرسەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن ۋە بۇنى خىزمىتىمنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى دەپ قارايمەن. مېنىڭ خەۋەرنى ئالغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئىنكاسىم شۇ بولدىكى، مەن بۇنى مېنىڭ خۇسۇسىي بىخەتەرلىكىمگە ئازراق بولسىمۇ پايدىسى بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلىدىم. چۈنكى بىلگىنىڭىزدەك، مەن ئۆتكەن بىر نەچچە ئاي ئىچىدە خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىغا كىرىدىغان بىر قەدەر ئېغىر ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈردۈم. بىراق مەن ئىتالىيە ساقچىلىرىنىڭ تەلىپى سەۋەبىدىن، بۇ ۋەقەلەرنى ئاشكارىلىمىغان ئىدىم. شۇڭا مەن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى بولۇشۇمنى مېنىڭ شەخسىي بىخەتەرلىك ئەھۋالىمنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ياخشىلىنىشىغا پايدىسى بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلايمەن.»

لى يىڭ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە يەنە، مەزكۇر نامزاتلىقنىڭ زىممىسىدىكى يۈكنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەنچە، بۇ نامزاتلىق ماڭا تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئىنتايىن ئېغىر مەسئۇلىيەت، دەپ قارايمەن. بۇ مېنى خىتايدىكى ئىشلارغا ۋە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەيدۇ. يەنە بىر مۇھىم تەرىپى شۇكى، بۇ نامزاتلىققا كۆرسىتىلىش ماڭا نۇرغۇن ئىشەنچ ئاتا قىلدى. بۇ بىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىمىزنىڭ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى، كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى ۋە ئېتىراپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. مەن بۇنى تىۋېتتىردىكى (ھازىرقى X) ماڭا ئوخشاش خىزمەت قىلىۋاتقانلارغىمۇ ئىلھام بولىدۇ، دەپ قارايمەن.»

2025-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى شەخس ياكى تەشكىلاتلار بۇ يىل 10-ئايدا نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 12-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. 2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ياپونىيەنىڭ «نىخون خىدانكيو» ناملىق يادرو قوراللىرىغا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتىغا بېرىلگەن ئىدى.

بۇندىن ئىلگىرى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قوش رەئىسلىرىدىن بولغان دېموكراتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم سۇزى بىلەن جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ۋە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نى 2022-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدى. 2023-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كانادا پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. رافتو ئەركىنلىك مۇكاپاتى ساھىبى بولغان ئىلھام توختى ۋە رابىيە قادىر خانىملارمۇ ئىلگىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.