«پالۋان ياشلار مەركىزى» ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىگىلىك تىكلەش يوللىرىغا يېتەكلىمەكتە

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2024.11.05
palwan-igilik-tiklesh-04 پالۋان ياشلار مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان مۇسابايۇفلار ئىگىلىك تىكلەش تونۇشتۇرۇش پىروگراممىسىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2024-يىلى 20-ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل
RFA/Arslan

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى «پالۋان ياشلار مەركىزى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «مۇساباي ئىگىلىك تىكلەش پىروگراممىسى» نى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئۇچرىشىش پائالىيىتىدە 80 ئەتراپىدا ئىگىلىك تىكلەشكە قىزىقىدىغان ئۇيغۇر ياش بىر يەرگە جەم بولدى. بۇ ئۇچرىشىشتا «پالۋان ياشلار مەركىزى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن سەمەرجان سەيدىن قاتارلىق بىر قانچە كىشى سۆز قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئۇسۇللىرى ۋە ئۆرنەكلىرى توغرىسىدا توختالدى. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ياشلارغا مەنىۋى ئىلھام ۋە ئۈلگە بېرىش ئۈچۈن 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئاكا-ئۇكا باۋۇدون باي ۋە ھۈسەنباي مۇسابايوپلارنىڭ ئىگىلەپ تىكلەپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرى، مىللىي ئويغىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

پالۋان ياشلار مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان مۇسابايۇفلار ئىگىلىك تىكلەش تونۇشتۇرۇش پىروگراممىسىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2024-يىلى 20-ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل
پالۋان ياشلار مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان مۇسابايۇفلار ئىگىلىك تىكلەش تونۇشتۇرۇش پىروگراممىسىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2024-يىلى 20-ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل
RFA/Arslan

بۇ پىروگراممىغىمۇ ئاشۇ تارىختىكى ئاكا-ئۇكا مۇسابايلارنىڭ نامى بېرىلگەنىدى.

 پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئۇيغۇرلاردىن سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئولتۇراقلاشقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىددىن ئەزىزى، مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولىدا ئىگە بولغان تەجرىبە ساۋاقلىرىنى سۆزلەش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىز باسار بولۇپ يېتىشىپ چىقىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن «پالۋان ياشلار مەركىزى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن سەمەرجان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سەمەرجان بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەشكە بولغان قىزغىنلىقى، قىزىقىشى ۋە ئېھتىياجىنى كۆردۇق. لېكىن مۇشۇ قىزىقىشىنى ۋە ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بىر پۇرسەت ۋە شارائىتىنىڭ كەمچىلىكىنىمۇ كۆردۇق. شۇ سەۋەبتىن پالۋان ياشلار مەركىزىدە بىر يىلدىن بۇيان ‹مۇساباي ئىگىلىك تىكلەش پىروگراممىسى› ناملىق ئىگىلىك تىكلەش پىروگراممىسىنى لايىھەلەپ تەييار قىلدۇق. بۇ پىروگراممىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ياشلارنى كۈچلەندۈرۈش بولۇپ ياشلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش لايىھەلىرىنى سىناپ بېقىش ئارقىلىق ئەمەلىي بىر تەجرىبە توپلاش».

سەمەرجان «مۇساباي ئىگىلىك تىكلەش پىروگراممىسى» نىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇساباي ئىگىلىك تىكلەش پىروگراممىسى جەمئىي يەتتە ئايلىق بولۇپ، باشتىكى ئىككى ئايدا تىزىملاتقان بالىلاردىن قىرىق نەپىرى تاللىنىدۇ ۋە ئۇ بالىلار ئۆزئارا بىر-بىرى بىلەن تونۇشۇپ گۇرۇپپىلىشىدۇ، ھەر بىر گۇرۇپپا ئۆزى قىزىققان ساھەدە بىر تىجارەت پىلانى تۈزۈپ چىقىدۇ. ئىككى ئايدىن كېيىن بۇ پىلاننى بىزگە سۇنىدۇ. يەنە تۆت گۇرۇپپا تاللىنىدۇ. تۆت گۇرۇپپىنىڭ ھەر بىرىگە تۆت مىڭ دوللاردىن ئىقتىسادىي ياردەم يارىتىپ بېرىلىدۇ ۋە مۇشۇ شارائىت ئاستىدا ئاخىرقى بەش ئايدا مۇشۇ تىجارەت پىلانىنى ئەمەلىيەتتە بىر سىناپ باقىدىغان ۋە ئىجرا قىلىدىغان پۇرسەتكە ئىگە بولىدۇ».

سەمەرجان يەنە مۇنداق دېدى: «بىز بۇ پائالىيەتنى قېلىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا، ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاتۇش شەھىرىدە ئاكا ئۇكا مۇسابايلارنىڭ ھەيكەللىرىنى چېقىۋەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىدۇق. بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئاشقۇنلۇق دەپ سەۋەب كۆرسەتكەن. تارىخى شەخسلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرى يوقىتىلىۋاتقان، روھى تارىخىمىزدىن ئۆچۈرۈلۈۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە، بىز مۇھاجىرەتتە ئۇلارنىڭ روھىنى يەنە ياشنىتىش ۋە مۇسابايوپلارنىڭ ۋەتىنىمىزگە قوشقان تۆھپىسى، جەمئىيەتكە بولغان تەسىر كۈچىنى ياشلىرىمىزغا ئەسلىتىش ۋە ئۇلارنىڭ پىداكارلىق روھىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىزباسارلارنى يېتىلدۈرۈشىمىز ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ۋە مۇھىم دەپ ئويلايمەن».

 سەمەرجان سۆزىدە يەنە پالۋان ياشلار مەركىزى توغرىسىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «پالۋان ياشلار مەركىزى 2019-يىلىدىن باشلاپ ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان، يېڭى باشلىغاندا پەقەت ياشلار ئۈچۈن مەشىق قىلىدىغان بوكس دەرسى ئۆگىتەتتۇق، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ياشلار يىغىلدى. ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئېھتىياجلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. ياشلارمۇ بىر بىرى بىلەن ياخشى تونۇشۇپ ھەمكارلىشىپ ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دەرسلەرنى تەشكىللەيدىغان، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەيدىغان ھالەتكە كەلدى. بۇ ياشلارغا تېخىمۇ ياخشى بىر شارائىت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىر مەنبە ئىزدەش ئۈچۈن پالۋان ياشلار مەركىزىنى قۇرغان. بىز 10 ئەتراپىدا خىزمەتداش ياشمۇ ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەسپىيلەشتۈرۈش ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قەدەم باستۇق.

 بۇ ئىشلارنى يېڭى باشلىغان ۋاقتىدا ئىقتىسادنى ئۆزىمىز يېنىمىزدىن چىقىرىپ خالىسانە شەكىلدە خىزمەت قىلىشقا باشلىغان. كېيىن ئائىلىمىزدىن، دوستلىرىمدىن ياردەملەرمۇ كەلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر خىل پائالىيەتلەرگە كىچىك پىروجېكىتلەرنى ئىلتىماس قىلىپ ۋە ئىقتىساد مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدىغان ھالەتكە كەلدۇق. ئەڭ ئاخىرقى ئىككى يىل بۇرۇن ئامېرىكادىكى پەكىت دېگەن بىر تەشكىلاتقا ئىككى يىللىق چوڭراق بىر پىروجېكتنى سۇنۇپ ئۇلار بىلەن توختاملىشىپ ئىككى يىللىق ئىقتىسادنى ھەل قىلىدىغان بىر پۇرسەتكە ئىگە بولدۇق. بۇ جەرياندا ئۆزىمىزمۇ ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ھەر خىل دەرسلەرگە، مەشىقلەرگە ۋە كۇرسلارغا قاتنىشىپ بۈگۈنكىدەك مۇساباي پىروگراممىسىنى لايىھەلەيدىغان ۋە شۇ جەرياندا باشقا ياشلارغىمۇ پۇرسەتلەرنى بېرەلەيدىغان، ئۇنىڭ ھېساباتىنى، توختاملىرىنى تۈزەلەيدىغان ۋە ئارخىپلارنى ئارخىپلاشتۇرالايدىغان ھالەتكە كەلدۇق».

پالۋان ياشلار مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان مۇسابايۇفلار ئىگىلىك تىكلەش تونۇشتۇرۇش پىروگراممىسىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2024-يىلى 20-ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل
پالۋان ياشلار مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان مۇسابايۇفلار ئىگىلىك تىكلەش تونۇشتۇرۇش پىروگراممىسىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2024-يىلى 20-ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل
RFA/Arslan

سەمەرجان «پالۋان ياشلار مەركىزى» نىڭ غايە-مەقسەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «پالۋان ياشلار مەركىزىنىڭ غايىسى، مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى ئېنىق، ئىرادىسى مۇستەھكەم ئاساستا ھەر خىل ئادەملەر بىلەن ھەمكارلىشالايدىغان، جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىپ ئۆزگەرتەلەيدىغان ياشلارنى يېتىشتۈرۈش».

بىز يەنە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى ئىسلام ئېلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئىسلام ئېلى مۇنداق دېدى: «پالۋان ياشلار مەركىزى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇساباي ئىگىلىك تىكلەش پىروگراممىسىنىڭ تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ۋە كۆڭۈللۈك ئۆتتى. ئىگىلىك تىكلەش ئىدىيەسى بولغان بىر تۈركۈم ياشلار بىر يەرگە يىغىلىپ ئاكا ئۇكا مۇسابايلار ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇق ۋە بۇنىڭدىن كېيىن پالۋان ياشلار مەركىزى تەرىپىدىن ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر، كارخانىچىلىق دەرسلىكلىرى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ھەققىدىكى مەلۇماتلار قاتارلىق مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك دەرسلىكلەر ھەققىدە ئالدىن خەۋەر تاپقان بولدۇق. پەقەت مەنلا ئەمەس مۇشۇ پىروگراممىغا قاتناشقان بارلىق ياشلارنىڭ مۇشۇ كۈننىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتكەنلىكىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولدى، رازى بولدى دەپ ئويلايمەن».

بىز يەنە ئۇيغۇر ياشلىرىدىن خەدىچە بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. خەدىچە بۇ ھەقتىكى پىكىر-قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خەلقىمىزگە زۇلۇم سېلىۋاتقان خىتاي تارىختا ئۆتكەن مۇھىم شەخسلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى يوقىتىۋاتىدۇ، تارىخىمىزدىن ئۆچۈرۈۋاتىدۇ، مۇشۇنداق پەيتتە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بىز ياشلار مۇسابايلارغا ئوخشاش مۇھىم شەخسلەرنىڭ روھىدىن ئۆگىنىش، تارىخىمىزدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ۋەتىنىمىزگە ھەم جەمئىيىتىمىزگە بولغان تەسىرى كۈچىنى ياشلىرىمىزغا ئەسلىتىش ۋە ئۇلارنىڭ پىداكارلىق روھىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈشنى ناھايىتى مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك ئىش دەپ ئويلايمەن».

خەدىچە يەنە ياشلارنىڭ ياخشى ئوقۇش شارائىتىغا ئېرىشىشى ۋە ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى ئۈچۈنمۇ ئىگىلىك تىكلەش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.