ئامېرىكا سىياسىيونلىرى: «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋاملىق بىزنىڭ دىققىتىمىزدە بولغۇسى!»
2024.09.26
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەڭ قاباھەتلىك سەھىپىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈۋاتقان مۇدھىش كۈچلەرنىڭ بىرى كوممۇنىزم سىستېمىسى بولۇپ، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» دەل مۇشۇ قاراڭغۇ تارىخنى كىشىلەرگە ئەسلىتىش مەقسىتىدە 1993-يىلى قۇرۇلغان. مەزكۇر فوند جەمئىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىق خاتىرىسىدە چاقىرىلغان 2024-يىللىق «10-نۆۋەتلىك خىتاي مۇنبىرى» يىغىلىشى ھەر يىلدىكىدەك كوممۇنىزمنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە قارشى نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىغا قاراپ چىقىش بىلەن باشلاندى.
25-سېنتەبىر فوند جەمئىيەتنىڭ پىرېزىدېنتى ئاندرېۋ برېمبېرگ (Andrew Bremberg) ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ جىنايەتلىرىنى ئۇنتۇماسلىق، شۇنىڭدەك دۇنيانى بۇ جىنايەتلەرنىڭ ھېسابىنى ئېلىشقا چاقىرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، دۇنيادىكى ئادالەتنى ھىمايە قىلغۇچى بارلىق كۈچلەر داۋاملىق ھالدا مۇشۇ يوسۇندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋە ئاممىۋى يېتەكچىلەرگە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئەسلىتىپ تۇرغاندىلا ئاندىن بۇ خىل ھېساب ئېلىش ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن. ئۇنداق بولمىغاندا بۇ جىنايەتلەر ئوڭايلا ئۇنتۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن.
شۇنىڭ بىلەن بۇ يىللىق «خىتاي مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇھاكىمىسى «گۈلخان پاراڭلىرى» تېمىسىدىكى سۆھبەت بىلەن باشلاندى. مۇھاكىمە رىياسەتچىسى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنى تەتقىق قىلىشتا دۇنيانىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن مۇتەخەسسىس ئادرىيان زېنز سۆز ئېلىپ، خىتايدىكى ئۆتكەن 10 يىللىق سىياسىي تارىخنى قىسقىچە خۇلاسىلەپ چىقتى. ئۇنىڭ پىكرىچە، 2014-يىلى تۇنجى مەيدان «خىتاي مۇنبىرى» چاقىرىلغان بولۇپ، دەل شۇ يىلى شى جىنپىڭ رەسمىي يوسۇندا خىتايدىكى ئالىي ھوقۇقنى قولغا ئالغان. شۇ ۋاقىتتا بەزىلەر ئۇنى خۇددى دادىسىغا ئوخشاش ئىسلاھات يولىدا مېڭىپ، خىتاينى دېموكراتىيەگە باشلايدۇ، دەپ ئۈمىد قىلغان. ئەمما ئۇ 2014-يىلىدىكى ئالىي رەھبەرلىكنىڭ مەخپىي يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنى مەركىزىي تېما قىلغان «دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى مۇتلەق ئەمەلگە ئاشۇرۇش» يولىدىكى «جاپالىق كۈرەش» ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن. ئەنە شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى زور تۇتقۇن ۋە «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېر سىستېمىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى باشلانغان.
دەرۋەقە ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار خىتاي دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت، دەپ قارالغانلىقتىن بارلىق سىياسەتلەر مۇشۇ نۇقتىنى چىقىش قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كونتروللۇق تەدبىرلىرى قىسمەن ھادىسە سۈپىتىدە قارالغان بولسا كېيىنچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ تەدبىرلەرنىڭ ۋە نازارەت مېخانىزمىنىڭ تەدرىجىي پۈتۈن خىتاي ئۈچۈن سىناق بولغانلىقى، ئەمدىلىكتە بولسا بۇنىڭ دۇنياغا كېڭىيىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان. بۇنىڭ بىلەن دوكتور ئادرىيان زېنز بىرنەچچە يىلدىن بۇيان دەپ كېلىۋاتقان «ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ كونتروللۇق تەدبىرلىرى پۈتۈنلەي سىناق بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى بۇ سىناقلاردىن توپلىغان تەجرىبىلىرىنى تېخىمۇ زور نىشانغا تەتبىقلايدۇ» دېگەن ھۆكۈمنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە بارلىق دەسمىسىنى ئىشقا سېلىش بەدىلىگە دۇنياغا خوجا بولۇشقا ئالدىراۋاتقاندا بۇنىڭ بىر غايەت زور بىر قىمار بولۇۋاتقانلىقىمۇ ئاشكارىلانغان.
خىتاينىڭ بارغانسېرى ھەددىدىن ئېشىۋاتقان زومىگەرلىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە كۆپلىگەن خىرىسلارنى پەيدا قىلىۋاتقاندا بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ بىرى قاتارىدا 2023-يىلى يانۋاردا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» تەسىس قىلىنغان ئىدى. بۈگۈنكى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تۇنجى باسقۇچى بولغان «گۈلخان پاراڭلىرى» نىڭ ئەزىز مېھمانلىرىدىن مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى جون مۇلىنار (John Moolenaar) مۇزاكىرىدە دەل مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىن كېلىۋاتقان تەھدىتلەرنى چەكلەشنىڭ دەسلەپكى قەدىمى سۈپىتىدە «تىك-توكنى مەنئى قىلىش» قاتارلىق بىر قاتار قانۇن لايىھەلىرىنى تونۇشتۇرغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. تېخىمۇ مۇھىمى ھازىر مەيلى دېموكراتچىلار بولسۇن ياكى جۇمھۇرىيەتچىلەر بولسۇن، ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ ئورتاق ھالدا «خىتاي نۆۋەتتە بىز ئۈچۈن تەھدىت» دېگەن ئورتاق قاراشقا كەلگەنلىكى بۇ جەھەتتىكى بىر زور ئىلگىرىلەش.
خىتايدىن كېلىۋاتقان تەھدىتلەرنىڭ يەنە بىرى ھازىر چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش سۈپىتىدە ئامېرىكا تۇپرىقىغا يېيىلىۋاتقان بولۇپ، ئادرىيان زېنز بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پىكرىنى سورىدى. جون مۇلىنار بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىللەردە كەسكىن تەدبىر ئالغان «خىتاي ساقچى پونكىتلىرىنى تاقاش» ھەرىكىتىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ساھەدە بەزى توسقۇنلۇقلارمۇ مەۋجۇت بولۇپ، بۇنىڭ ئەڭ چوڭى خىتاينىڭ ئىزچىل تۈردە ئامېرىكا ئىقتىسادى بىلەن ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتكەنلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئىقتىسادىي جەھەتتە ئامېرىكا ئۈچۈن چوڭ تەھدىت بولالمىغان. ئەمما ھازىر خىتاينىڭ پۈتكۈل تەمىنلەش زەنجىرىدە ۋە ئامېرىكا ئىقتىسادىي ساھەسىدىكى مەۋجۇتلۇقى ئامېرىكا ئۈچۈن بىر چوڭ باش قېتىنچىلىقى بولۇپ قالغان. يەنە بىر ياقتىن خىتاي ھازىر ئامېرىكا ئىجرا قىلىۋاتقان جازا تەدبىرلىرىگە قارشى ئىش كۆرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى مېكسىكا قاتارلىق جايلارغا ئاپىرىش ھەمدە شۇ جايلاردا ئىشلەنگەن مەھسۇلات سىياقىدا ئامېرىكا بازىرىغا كىرگۈزۈش يولىنى تۇتقان. بۇمۇ ھازىر بىر چوڭ مەسىلە بولۇپ قالغان.
«ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن راجا كرىشنامورسى (Raja Krishnamoorthi) بۇ ئەھۋالنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ بىر چوڭ مەسىلە بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىش» شەكلىدە ئامېرىكا تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش ئۇرۇنۇشىنىڭ توختاپ قالمىغانلىقىنى تىلغا ئالغاندا خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان دوختۇر گۈلشەن ئابباسنى مىسال ئالدى. شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ گۈلشەن ئابباسنى تۈرمىدىن چىقىرىشقا ئوخشاش تىرىشچانلىقتىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئادرىيان زېنز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق بىر قارار ئېلىشىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى سورىدى. رەئىس مۇلىنارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قىلمىشنى «قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭغا قارشى قانۇنلارنى ئېلان قىلغان. يەنە كېلىپ خىتاي ھازىر ئەڭ چوڭ تەمىنلەش زەنجىرى بولۇش سۈپىتىدە ئامېرىكا تەۋەسىدە ئۆز شىركەتلىرى ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەك ھالقىلىرىنى كېڭەيتمەكتە. بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ھازىر بار كۈچى بىلەن بۇ خىل تەمىنلەش زەنجىرىگە بېقىنماس بولۇشنىڭ ئامالىنى قىلىۋاتىدۇ. ئىككىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان. ھەتتا خىتاينىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى باش ئەلچىسىمۇ بۇنى ئىنكار قىلىپ «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 1949-يىلىدىكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپەيدى» دەپ تۇرۇۋالغان. ئەمما خىتاينىڭ غەرەزلىك ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، كىملىكى قاتارلىقلارنى يوقىتىۋاتقانلىقىدەك بۇ خىل قىرغىنچىلىقنى، ئۇيغۇر تۇغۇت نىسبىتىنىڭ قانچە پىرسەنت چۈشۈپ كەتكەنلىكىدەك رېئاللىقنى كۆزدە تۇتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «قىرغىنچىلىق» ھەققىدە قارار ئالغان. بۇ قارار راۋرۇس ئويلىنىش ۋە مۇزاكىرىنىڭ نەتىجىسى. شۇڭا كېيىنكى قېتىملىق ھۆكۈمەتتە كىمنىڭ يېتەكچى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەر ئىزچىل داۋام قىلىدۇ. بۇ مەسىلىدە ئىككى پارتىيەنىڭ ھەمكارلىقى ۋە مەيدانىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
10-نۆۋەتلىك «خىتاي مۇنبىرى» نىڭ كېيىنكى مۇھاكىمە باسقۇچلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك، خىتاينى خەلقئارا سىستېما بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىش، غەرب سودا دۇنياسىنى خىتاينىڭ بۇلغانغان سودا پائالىيىتىدىن يىراقلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇملارغا قارىتا خەلقئارا مېخانىزملار ئارقىلىق چارە قوللىنىش قاتارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى.