ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى
2024.05.13

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەمدە كانادا، فىرانسىيە، چېخىيە، ئەنگلىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق غەربتىكى بىرقانچە دۆلەتنىڭ پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن بىردەك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتىلىشى، شۇنداقلا لوندوندا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭمۇ ئوخشاش ھۆكۈم چىقىرىشى تۈركىيەدە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغانىدى. لېكىن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى بەزى سىياسىي پارتىيەلەر كۆپ قېتىم ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان بولسىمۇ ماقۇللۇقتىن ئۆتمىگەنىدى. بۇ قېتىم يەنە بىر نۆۋەت مۇنداق تەكلىپ سۇنۇلدى. تۈركىيە پارلامېنتىدىكى «سائادەت» ۋە «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى مەسئۇلى سەلجۇق ئۆزداغ ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان بولۇپ، مەزكۇر تەكلىپ باشقا پارتىيەلەرنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشتى.
سەلجۇق ئۆزداغ ئەپەندى «سائادەت» ۋە «كېلەچەك» پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن 5-ئاينىڭ 10-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىغا رەسمىي تەكلىپ سۇنۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشىنى ۋە بۇ ھەقتە ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
10-ماي كۈنىدىكى پارلامېنتتىكى ئومۇمىي يىغىندا «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ گۇرۇپپا مەسئۇلى بۇغرا قاۋۇنجۇ، «جۇمھۇرىيەت خەلق» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى خارۇن ئۆزگۈر يىلدىزلى ۋە «خەلقنىڭ دېموكراتىيەسى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئۆمەر فارۇق گەرگەرلىئوغلۇ ئەپەندىلەر سەلچۇق ئۆزداغنى قوللاپ، ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە سەلچۇق ئۆزداغنىڭ تەكلىپ لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقىنى، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
«ياخشى» پارتىيەسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بۇغرا قاۋۇنجۇ پارلامېنت ئومۇمىي يىغىنىدا مەزكۇر لايىھەنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەن ئالدى بىلەن ياخشى پارتىيەسى نامىدىن بۇ تەكلىپ لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى تەكىتلىمەكچىمەن. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلماقتا. بۈگۈن يۈز مىڭلىغان شەرقىي تۈركىستانلىق يېقىنلىرى بىلەن ئالاقە قۇرالمايۋاتىدۇ. بۈگۈن يۈز مىڭلىغان شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ ھاياتتا بولۇپ بولمىغانلىقى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات ئالغىلى بولمايدۇ. بىز پارلامېنتتا ئاتا-ئانىسىدىن خەۋەر ئالالمىغان نۇرسىماننى شاھىتلىق قىلدۇرغاندا، بەزى كىشىلەر بۇنىڭ ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى دېدى. ئۇنداق ئەمەس، بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئادەم قېلىپىدىن چىققان بىر سىياسەت ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. تۈركىيەدە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى تەتۈر تەشۋىقاتىنى خەلقىمىزگە ئاڭلىتىۋاتقان كىشىلەر بار، بۇلار، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ شېرىكلىرىدۇر. »
ئارقىدىن پارلامېنت ئەزاسى ئۆمەر فارۇق گەرگەرلىئوغلۇ ئەپەندى سۆز ئېلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى ھەقىقەتنى يوشۇرماقچى. 4 يىل بۇرۇن پارلامېنتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئەزالىرى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ھەقىقىي مەلۇماتلارنى ئىگىلىمەكچى ئىدى.
5 يىل بولاي دېدى تېخى شەرقىي تۈركىستانغا بارغىنى يوق. بەزى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. لېكىن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى بۇنى بەزى ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ. خىتاي توغرىسىدا تەييارلانغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتلىرىدا بۇ ھەقتە ۋەھىمىلىك بىر ۋەزىيەت بار. خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. تۈركىيە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە تۈركىيە ھۆكۈمىتى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك. »
ئارقىدىن تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى خارۇن ئۆزگۈر يىلدىزلى ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ سۈكۈتتە تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سەلجۇق ئۆزداغ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىز بىر لايىھە سۇندۇق. تۈركىيەنىڭ بۇرۇنقى خىتاي ئەلچىسى بۇنىڭ سەزگۈر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز ‹سائادەت› پارتىيەسى بىلەن ‹كېلەچەك› پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى شۇنى تەلەپ قىلدۇق. پارلامېنتتىكى 15 پارتىيەدىن 15 پارلامېنت ئەزاسىدىن تەركىب تاپقان بىر ئۆمەكنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق. ئەگەر ئۇ يەردە بەزى دۆلەتلەر دېگەندەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولسا ئۇنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق.»
ھازىر تۈركىيە پارلامېنتىدا چوڭ-كىچىك بولۇپ 15 سىياسىي پارتىيەدىن سايلانغان 594 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بار بولۇپ، مەزكۇر پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۆپى بۇ تەلەپنى قوللىغان تەقدىردە ماقۇللۇقتىن ئۆتىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر، تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇنداق بىر قارارنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىنىڭ ھازىرچە قېيىن ئىكەنلىكىنى، لېكىن پارلامېنتنىڭ ھەرقايسى كومىتېتلىرىدا بۇنداق بىر قارارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.