ئۇيغۇر دىيارىدىكى تېخىمۇ كۆپ كانلار كىم ئاشتى قىلىپ سېتىلماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2024.07.16
غۇلجادا كان ئاستىدا قاپسىلىپ قالغان ئۇيغۇرلاردىن ئاز دېگەندە ئىككى نەپىرىنىڭ ئۆسمۈر ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى «غەربىي دىيار ئالتۇن كان ئىلى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى» نىڭ ئالتۇن كولاش كانىنىڭ سۈنئىي ھەمراھىدا كۆرۈنۈشى.
Maxar Technologies

خىتاي 127 كاننىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بازارغا سالدى

ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا 127 كانچىلىق ھوقۇقى تۈرىنىڭ ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش ۋە ئېلانلار تارقالماقتا.

خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىدىكى تاراتقۇدا بېرىلگەن ئۇقتۇرۇشتا، بۇ ھەقتە بىر قەدەر تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن.

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە «2024-يىللىق شىنجاڭنىڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى قانۇنىي ئۆتۈنۈپ بېرىش تۈرلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى» 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، خوتەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

يىغىندا تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، ئاپتونوم رايون ئىككى دەرىجىلىك گۇۋاھنامە تارقىتىش ھوقۇق دائىرىسىدىكى كانچىلىق ھوقۇقى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغان تۈرلەر ھەم بىڭتۈەندىكى تۈرلەر تونۇشتۇرۇلغان. بۇ يىغىنىنىڭ مەقسىتى قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشنى تەشۋىق قىلىش، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى رايونغا كېلىپ كانچىلىققا مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەش ئىكەن. شۇ كۈنى تونۇشتۇرۇلغان 127 كانچىلىق ھوقۇقى تۈرى ئالتۇن، مىس، نېفىت، تەبىئىي گاز، قوغۇشۇن-سىنىك، تۆمۈر، لىتىي قاتارلىق كۆپ خىل كان تۈرىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، كۆلىمى 22 مىڭ 600 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتا كانچىلىق ھوقۇقى تۈرى 79 بولۇپ، بۇ قېتىم تونۇشتۇرۇلۇپ ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغان تۈرلەرنىڭ %62 تىنى ئىگىلىگەن. شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا كانچىلىق ھوقۇقى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش بويىچە 14 كارخانا بىلەن نەق مەيداندا كېلىشىم ئىمزالانغان.

 شىنجاڭ ئاممىۋى بايلىق سودا تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، خۇاشاۋيۇن قوغۇشۇن ۋە سىنك كانچىلىق شىركىتىنىڭ %24.50 پاي ھوقۇقى ئۆزگەرتىلگەن، ئۆتۈنۈلگۈچى شىنفا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بولۇپ، ئۆزگەرتىش تاماملانغاندىن كېيىن، شىنجاڭ گېئولوگىيە ۋە كانچىلىق گۇرۇھى شىركەتنىڭ پاي ھوقۇقىنىڭ. %75.5 نى ئىگىلىگەن. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، . ئەڭ ئاخىرقى سودا باھاسى 3 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق بولغان. مىنېرال تۈرلەر سىنىك رۇدىسى ۋە قوغۇشۇن رۇدىسى قاتارلىقلار بولۇپ، كان ئېچىش مۇددىتى 2038-يىلىغا قەدەر ئىكەن.

 قېزىلما بايلىق زاپىسىنىڭ ئەھۋالى قانداق؟

ئۇيغۇر ئېلىدىكى 85 ناھىيە، شەھەرلەر ئىچىدىكى 59 ناھىيە-شەھەردە ئالتۇن، لىتىي قاتارلىق قىممەتلىك كان بايلىقلىرى جايلاشقان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، خىتايدىن چىقىدىغان 173 خىل مىنېرال ماددىنىڭ %88 نى ئىگىلەيدىكەن. ئالتاي تېغى، تەڭرى تېغى، كۇئېنلۇن، قارا قۇرۇم تاغلىرى قېزىلما بايلىقلار زاپىسىغا ئىنتايىن مول.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش ۋە ئىشلىتىشى، 1999-يىلى يولغا قويۇلغان «غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش سىياسىتى» بىلەن يەنىمۇ كۈچەيگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا، خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئاتالمىش ئۇيغۇر ئېلىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش سىياسىتى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا بايلىقلارنى ئۆز ئالدىغا «ياردەم» نامىدا بۇلاشقا يېشىل چىراغ يېقىلغان. شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئاتالمىش «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئېنېرگىيە بازىسى» قىلىپ بېكىتىلگەندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلى خىتاينى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان ھەتتا دۇنيانى قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيەسى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق ۋە ئەڭ چوڭ بازىغا ئايلاندۇرۇلدى.

 خىتاي كان بايلىقلىرىنىڭ قىدىرىش ۋە ئېچىش ھوقۇقىنى داۋاملىق تۈردە خىتاي شىركەتلەرگە ساتماقتا

بۇ يىل 4-ئايدا، خىتاي تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ باش ئىشخانىسى «يېڭى بىر باسقۇچلۇق بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەتنىڭ ئۈسكۈنىلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش پىكىرلىرى» نى ئېلان قىلغان. ھازىر بولسا «شىنجاڭنىڭ ھازىرقى چوڭ ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىمىز»، «شىنجاڭغا مەبلەغ سالغانلىق كەلگۈسىگە مەبلەغ سالغانلىق»… دېگەندەك ئېلانلارنى ئاشكارا تارقىتىپ، خىتاي شەخسى كارخانىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ، كان ئېچىشقا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.

خىتاي خەۋەر تورلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2023-يىلى رايوندىكى كان ئېچىش ھوقۇقىنى سېتىش سانى ۋە كىرىمى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان بولۇپ، 184 كان چارلاش ھوقۇقىنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن. بۇ، 2022-يىلىدىكىدىن %94 ئاشقان.

2024-يىلى كاننىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتماقتا ئىكەن. پۈتۈن يىلدا ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغان كان چارلاش ھوقۇقى رايون بۆلىكىنىڭ 170 تىن كەم بولماسلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى پىلانلىغان.

2024-يىلى كىرگەندىن بۇيان، خىتاي رايوندا كان ھوقۇقىنىڭ يۆتكىلىشىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇۋاتقان بولۇپ. 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 51 چارلاش ھوقۇقى سېتىلغان. ئاساسلىق لىتىي كانلىرىنى ساتقان.

 بۇ يىل 6-ئايدىن 12-ئايغىچە، دائىرىلەر يەنە بىر تۈركۈم نېفىت ۋە تەبىئىي گاز، كۆمۈر، لىتىي، مىس، تۆمۈر، ئالتۇن، كالىي ۋە باشقا مۇھىم مىنېرال ماددىلارنى سېتىش پىلانلانغان، بۇ نۆۋەت بولۇپمۇ جەنۇبتىكى كانلار يۇغۇرى نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەن.

ئۇيغۇر رايونى كان بايلىقلىرى خىتاي ھەتتا دۇنيانىڭ يېشىل ئېنېرگىيەسىنىڭ مەنبەسى

ھالبۇكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق مەدەن بايلىقلىرى ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىۋاسىتە خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلۇپ، رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەنپەئەتلىنەلمەي كېلىۋاتقانلىقىنى بىر رېئاللىق. ھەتتا بۇ رايوننىڭ خىتايدىكى ئەڭ نامرات رايون قالپىقىدىن قۇتۇلالماي كېلىۋاتقانلىقى بۇ يەرنىڭ بايلىقلىرىدىن مەنپەئەتلىنىشتە ھوقۇقلۇق بولغان يەرلىك خەلقنىڭ ھېچ قانداق مەنپەئەتلىنەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى باشلىغان ئوخشاش ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلار ئۆزىگە تەۋە ھەر قانداق ماددىي ۋە مەدەن بايلىقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنماقتا.

مەلۇمكى، بۈگۈنكى دۇنيادا مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، بېنزىن قاتارلىق ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىۋاتقان يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ خام ئەشيالىرىنىڭ بىرى دەل لىتىي باتارېيەسىدۇر. خىتاينىڭ لىتىي توكلۇق باتارېيەسى پۈتكۈل يەر شارى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. دېمەك، خىتاي نۆۋەتتە لىتىي باتارېيەسى ئىشلەپچىقىرىشىدىمۇ دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.

ئەمما كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى ئۇيغۇر دىيارىدىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق قېزىلىۋاتقان مەدەن بايلىقلىرىنىڭ خىتاينىڭ چەتئەللەرگە ئېكسپورت قىلىۋاتقان توكلۇق ماشىنا ساھەسى ۋە توكلۇق ماشىنىغا سەپلەنگەن لىتىي باتارېيەسى، ئاليۇمىن، قۇياش تاختىسى مەھسۇلاتلىرىغا باغلىنىدىغانلىقى پاش بولۇشقا باشلىدى.

ئالتۇن تاغدىكى لىتىي مەنبەلىرىنى قېزىش تۈرى «شاڭخەي رەڭلىك مېتال گۇرۇھى» غا تەۋە بولغان جياڭشى جىسۈن يېڭى ئېنېرگىيە خام ئەشياسى چەكلىك شىركىتىنىڭ قېزىشىغا تاپشۇرۇلغان. ھالبۇكى، بۇ كارخانا 2022-يىلى دېكابىردا ئەنگلىيە شېفلىد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى (Sheffield Hallam University) كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھازىرقى زامان قۇللۇق تۈزۈمى مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى، پىروفېسسور لاۋرا مۇفىي رەھبەرلىكىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغانىدى.

ئاليۇمىنمۇ ماشىنا ئىشلەپچىقىرىشتىكى مۇھىم ئېلېمېنت. بۇ مېتال ۋە ئۇنىڭ قېتىشمىسى موتور توپى ۋە ماشىنا رامكىسىدىن تارتىپ چاق ۋە ئېلېكتىر باتارېيە زاپچاسلىرىغىچە بولغان ئون نەچچە ماشىنا زاپچاسلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ.

 بۇ زاپچاسلار خىتايدا ئىشلەنگەن ماشىنىلاردا ئۇچرايدۇ، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىنىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن چىققان ئاليۇمىنغا دائىر دوكلاتىدا، بۇ ئاليۇمىننىڭ بىر مۇھىم مەنبەسى ئۇيغۇر رايونى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى «ئىلغار مۇداپىئە تەتقىقات مەركىزى (C4ADS) بۇلتۇر ئۆكتەبىردە ۋە بۇ يىل ئاپرېلدا ئارقا-ئارقىدىن، « «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئالتۇننىڭ يەر شارىدىكى ئىشلىتىش دائىرىسى» ۋە «يېرىلغان تۆمۈر» ناملىق ئىككى دوكلاتىدا ئامېرىكىدىكى شۇنداقلا دۇنيادىكى يۈزلىگەن چوڭ شىركەتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق قىزىۋېلىنغان ئالتۇن ۋە تۆمۈر قاتارلىقلارنى ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەنىدى. ئۇلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 27 مىڭ شىركەت ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 423 شىركەتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى، چۈنكى ئۇلارنىڭ باش شىركىتى ئۇيغۇر رايونىدىن چىققان ئالتۇنلارنى ئىشلىتىدىكەن.

2023-يىلى ئۆكتەبىردە مەزكۇر دوكلاتلارنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن مەزكۇر تەتقىقات ئورنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېكسپورت سىياسەتلىرىدە بەك چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ «ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، خىتاينىڭ سىياسەتلىرىدە بىز ھېچبىر ئۆزگىرىشنى كۆرمىدۇق. مېنىڭچە، خىتاي كومپارتىيەسى بەش يىللىق پىلانى بويىچە توختاۋسىز ئىلگىرىلەپ مېڭىۋاتىدۇ. خەلقئارانىڭ بېسىمىمۇ ئېشىۋاتىدۇ، ئەمما بىز كۆرۈشنى ئۈمىد قىلغان ئۆزگىرىشلەرنى تېخى كۆرمىدۇق. » دېگەن ئىدى.

دەرۋەقە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كانچىلىق ئىشلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقى بۇ خىل چەكلىمىلەرنىڭ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

: C4ADS ئۇيغۇر رايونىدىكى كان سانائىتىنى كېڭەيتىش مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ

ۋاشىنگتونغا جايلاشقان C4ADS نىڭ ئانالىزچىسى مىشېل كوندى (Mishel Kondi) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە 127 كاننىڭ ئېچىشنى بازارغا سېلىشىنىڭ قانداق ئاقىۋەت ۋە ئەندىشىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا، 12-ئىيۇل كۈنى ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. ئۇلار خېتىدە مۇنداق دەپ خۇلاسە قىلغان:

 «دوكلاتىمىزدا گەۋدىلەنگىنىدەك، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كانچىلىق سانائىتى كۆرۈنەرلىك كېڭىيىشكە تەييارلاندى. شىنجاڭ تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ 2023-يىل بېشىدىكى سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ھازىر ئېنىقلانغان ئىجازەتنامىسى بار كانلارنىڭ يېرىمى تىجارەت قىلىۋاتىدۇ. قالغان يېرىمى يەنىلا چارلاش باسقۇچىدا. بۇ داۋاملىق كېڭىيىش ئۇيغۇر يەر كىمئارتۇق سودىسى پات ئارىدا كۆپىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ يەرلەر مەجبۇرىي يەر يۆتكەش ياكى يەر ئىگىلەش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ رايوندىكى نوپۇسنى كونترول قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئۆلچەم بەلگىلەيدىغان ئورگانلار، كارخانا ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھازىر ھەرىكەت قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم، بۇ يۈزلىنىش يەنىلا تەرەققىي قىلىۋاتقاندا، شىنجاڭنىڭ كان سانائىتى تېز تەرەققىي قىلىدۇ.»

خەتتە يەنە مۇنۇلار تەكىتلەنگەن:

 «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بارلىققا كەلتۈرگەن ۋەزىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بارلىق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ (ئامېرىكا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى (UFLPA) دا «رەددىيە پەرەز» دە دېيىلگەن). دېمەك، كان ھوقۇقىنى يۆتكەشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بىز شىركەت ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەجبۇرىي ئەمگەك شارائىتىغا دۇچ كەلگەنلەرنىڭ كۆپىيىشىنى پەرەز قىلالايمىز. ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ كېڭىيىشى ۋە پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدا داۋاملىق مەجبۇرىي يەرلىرىدىن يۆتكەش ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ۋەھشىيلىكنىڭ يادرولۇق قىسمى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى (OHCHR) بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولۇشى مۇمكىن دەپ يەكۈن چىقارغانىدى.»

ئۇيغۇر ئېلىدىن چىققان كان بايلىقلىرى بىر-بىرلەپ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى تىزىمىغا ئېلىنماقتا

خىتايدىكى پاكىز ئېنېرگىيە ساھەسى، يەنى كۈنتاختا سانائىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئەڭ ئېغىر بولغان ساھەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا خىتايدا ئىشلەنگەن كۈنتاختىلار ئىككى يىلدىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىمپورت قىلىنىشى چەكلەندى. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى 2022-يىل 6-ئايدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن بېرى، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق 1000 دىن ئارتۇق كۈنتاختا يوللانمىسىنى تۇتۇپ قالغان ئىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان يەنە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغانلىق گۇمانى بىلەن خىتاينىڭ ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشكە باشلىغان.

«بلۇمبېرگ» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى خىتايدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ياسالغان ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىنى تۇتۇپ قېلىش ئۇقتۇرۇشى تارقاتقان بولۇپ، ئۇ ئاساسلىق ماشىنا زاپچاسلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان ئاليۇمىننى نىشان قىلىدىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2022-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى رەسمىي ھالدا ئىشقا كىرىشتۈرگەن ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان پاختا، پەمىدۇر ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساشتا قوللىنىلىدىغان پولىسىلىكون (polysilicon) قاتارلىقلارنى چەكلىگەن ئىدى.

11-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى كۈندىلىك قىزىق نۇقتا سەھىپىسىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، «ياۋروپا بىرلىكى شىنجاڭ، ئاليۇمىننى مەجبۇرىي ئەمگەك سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا قوشۇشى كېرەك» دەپ تەشەببۇس قىلدى.

شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن ماسلىشىپ خىتاينىڭ دۆلەت قاتناشقان مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىشىگە تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇلارنىڭ بۇ باياناتىدا تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىن چىققان ئاليۇمىننى مەجبۇرىي ئەمگەك سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرگۈزۈش خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىنى توسۇشتا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپلا قالماي تېخىمۇ كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېغىر خەلقئارالىق جىنايى قىلمىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، دۇنيانىڭ ئىنكاسىغا خېلى زور كۈچ قوشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

گېئولوگىيە ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن، ياپونىيەدە تەبىئىي جۇغراپىيە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئالغان، ئەنگلىيەدىكى دوكتور گۈلمىرە بەرداش خانىم ئۇيغۇر مەدەن بايلىقلىرىنىڭ پىلانسىز كەڭ تۈردە ئېچىلىشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر دىيارى مۇھىتىغا ئېلىپ كەلگۈسى بايا ئاپەتلەردىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:

 «بىزنىڭ مەدەن بايلىقلىرىمىز خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم، خىتاي بايلىقلىرىمىزنى بۇلاڭ تالاڭ قىلىش ئۈچۈن تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ھالدا جىددىي ھەرىكەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ پىلانسىز ۋە مەسئۇلىيەتسىز شەكىلدە ئېچىش ئارقىلىق تالان-تاراجنى تېخىمۇ كۈچەيتىپلا قالماي، ۋەتىنىمىزنىڭ خارابلىشىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ، ئېغىر ئېكولوگىيەلىك ۋەيرانچىلىققا يول ئاچىدۇ».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.